ساھىپجامال ۋە غەلىتە مەخلۇق

ئورنى Wikipedia

«ساھىپجامال بىلەن غەلىتە مەخلۇق» بىر گۈزەل قىز بىلەن غەلىتە مەخلۇق توغرىسىدىكى ھېكايە بولۇپ، فرانسىيەلىك يازغۇچى بېئامونت خانىم ئېلان قىلغان. 1991-يىلى دىسنىي بۇ چۆچىكىنى كارتون فىلىم قىلىپ ئىشلىگەن. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان. چۆچەكتە بىر قىز دادىسىنى ئىزلەپ پىرخوننىڭ ئەپسۇنى بىلەن غەلىتە مەخلۇققا ئايلىنىپ قالغان شاھزادىنىڭ ئوردىسىغا كېلىدۇ. گەرچە غەلىتە مەخلۇقنىڭ تەققى-تۇرقى بەتبەشىرە بولسىمۇ، لېكىن قەلبى ئاقكۆڭۈل. غەلىتە مەخلۇق چىن سۆيگۈگە ئېرىشكەندىن كېيىن ئەسلى ھالىتىگە قايتىدۇ.

چۆچەك[تەھرىرلەش]

قىسقىچە مەزمۇنى[تەھرىرلەش]

بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا بىر باينىڭ ئۈچ قىزى بولۇپ، باي سودا تۈپەيلىدىن دېڭىزغا چىقىپ كېتىپ، قايتىپكەلمەيدۇ. كىچىك قىزى بىللا دادىسىنى ئىزلەپ پىرخوننىڭ ئەپسۇنى بىلەن غەلىتە مەخلۇققائايلىنىپ قالغان شاھزادىنىڭ ئوردىسىغا كېلىدۇ. گەرچە غەلىتە مەخلۇقنىڭ تەققى-تۇرقى بەتبەشىرە بولسىمۇ، لېكىن قەلبى ئاقكۆڭۈل، باشقىلارغا زىيان سالمايدۇ. شۇڭا غەلىتەمەخلۇق چىن سۆيگۈگە ئېرىشكەندىن كېيىن ئەسلى ھالىتىگە قايتىدۇ.

بۇ چۆچەك 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ رەسىملىك ھالدا نەشىر قىلىنغان. تەرجىمە قىلىنغاندا خەنزۇچە نامى (美女与野兽) غا ئاساسەن ئەمەس بەلكى مەزمۇنىغا قاراپ تەرجىمە قىلىنغان. ھازىر بىر قىسىم تەرجىمانلار «پەرىزات بىلەن يالماۋۇز» دەپ تەرجىمە قىلىدۇ، گەرچە تەققى-تۇرقى بەتبەشىرە بولسىمۇ باشقىلارغا زىيان سالىدىغان يالماۋۇز ئەمەس، بەلكى ئاقكۆڭۈل مەخلۇق، پەقەت مەنمەنچىلىك تۈپەيلىدىن پىرخوننىڭ ئەپسۇنى بىلەن يا ئادەم ئەمەس، يا ھايۋان ئەمەس بىر مەخلۇققا ئۆزگىپ قالغان. شۇڭا ئەسلى تەرجىمە «ساھىپجامال بىلەن غەلىتە مەخلۇق» تېخىمۇ مۇۋاپىق.

ئاپتورى[تەھرىرلەش]

مۇئەللىپ بېئامونت خانىم فرانسىيەلىك يازغۇچى، تويدىن كېيىن ئەنگىلىيەگە كۆچۈپ بارغان.دەسلەپتەئەنگىلىيەدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، كېيىن ئەل ئارىسىدىكى چۆچەك،رىۋايەت-ئەپسانىلەرنى توپلاپ ئېلان قىلغان. «ساھىپجامال بىلەن غەلىتە مەخلۇق» دەلبالىلار ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان. فرانسىيەدە بېئامونت خانىم بالىلار ژۇرنىلىنىتۇنجى بولۇپ ئىجاد قىلغان شەخس ھېسابلىنىدۇ، ئۇ ئېلان قىلغان چۆچەكلەر غايەت زورتەسەۋۋۇر كۈچىگە ئىگە.