ستىفېن ۋىليام خاۋكىڭ

ئورنى Wikipedia
ئالىم
ستىۋىىن كاۋكىڭ
ئالىم
ستىۋىن كاۋكىڭ.

ھەققىدە[تەھرىرلەش]

بۈگۈنكى زامان نەزەرىيىۋى فىزىكا ئالىمى، ئالەم بوشلۇقى تەتقىقاتچىسى، يازغۇچى، پىروفېسسور ستىفېن ۋىليام خاۋكىڭ (Stephen William Hawking) ئەنگلىيىنىڭ ئوكسفورد شەھىرىدە 1942-يىلى 8-يانۋار كۈنى، گالىلېينىڭ ئۆلۈمىدىن دەل 300 يىل كېيىن دۇنياغا كەلگەن.كۆپلىگەن ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەشھۇر ئالىم سىتېفېن خاۋكىڭ (Stephen Hawking)نىڭ پەرزەنتلىرى خاۋكىڭنىڭ شۇ جاي ۋاقتى 2018 يىلى 14-مارت ئەنگلىيەنىڭ كامبىرىج شەھىرىدىكى ئۆيىدە 76 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى جاكارلىغان.

خاۋكىڭنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيى ئەسلىدە شىمالى لوندوندا بولۇپ 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئوكسفورد بالىلار ئۈچۈن بىخەتەر جاي دەپ قارىلىپ ئۇ سەككىز ياشقا كىرگەندە شۇ جايغا كۆچۈپ كەلگەن، 11 ياشتا ئالبان مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرگەن. ئاندىن كېيىن دادىسى ئۇنى بۇرۇن ئۆزى ئوقۇغان ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۇقۇشقا ئەۋەتكەن. گەرچە خاۋكىڭنىڭ دادىسى ئۇنىڭ دوختۇر بولۇشىنى ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ، خاۋكىڭ ماتېماتىكا ئۆگەنمەكچى بولىدۇ، بىراق ئۇ مەكتەپتە ماتېماتىكا كەسپى بولمىغاچقا ئىلاج يوق فىزىكا كەسپىنى تاللايدۇ. ئۈچ يىلدىن كېيىن ھېچقانچە كۈچىمەيلا تەبئىي پەن ساھەسىدە بىرىنچى دەرىجىلىك پەخرىي ئۇنۋانغا تىرىشىدۇ.

خاۋكىڭ كامبرىج ئۇنىۋېرسىتىتغا بېرىپ ئالەم تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇ چاغدا ئوكسفورد شەھىرىدە بۇ ساھەدە بىرەر كىشى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ باقمىغان ئىدى. ئۇ پىروفېسسور ئۇنۋانىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن جىنۋىل ۋە كائويىس ئىنىستىتۇتلىرىدا كەسپىي تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەيدۇ. خاۋكىڭ روگېر پەنروس (Roger Penrose) بىلەن بىرلىكتە ئاساسلىق ئالەمنىڭ ئاساسلىق قانۇنىيىتى ۋە ئېينىشتىيىنننىڭ «نىسپىيلىك نەزىرىيىسى»، بوشلۇق، ۋاقىت ۋە چوڭ پارتلاشنىڭ باشلىنىشى ۋە شۇنداقلا «قارا ئۆڭكۈر» قاتارلىقلار ھەققىدە نەزىرىيە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

بۇ نەزىرىيىۋى تەتقىقاتنىڭ نەتىجىلىرى نىسپىيلىك نەزىرىيىسى بىلەن كۇۋانت نەزەرىيىسىنىڭ بىرلىشىشىگە چوڭ رول ئوينايدۇ. بۇ 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى بۈيۈك پەن تەتقىقات تەرەققىياتى بولۇپ سانىلىدۇ.

خاۋكىڭ «نۆل ئېغىرلىق كۈچى شىركىتى (Zero Gravity Corp)»نىڭ بوئىن 727 تىپلىق ئايروپىلان ئىچىدە ئېلىپ بارغان نۆل ئېغىرلىق كۈچى ھالىتى سىنىقىغا قاتناشماقتا. بۇ پائالىيەت 2007-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى خاۋكىڭنىڭ 65 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئېلىپ بېرىلغان.

ئەسسەرلىرى[تەھرىرلەش]

ئۆزى يازغانلىرى:

ۋاقىتنىڭ قىسقىچە تارىخى (1988-يىلى)

قارا ئۆڭكۈر، بوۋاق ئالەم ۋە باشقا ماقالىلەر (1993-يىلى)

شاكال قېپىدىكى دۇنيا (2001-يىلى)

گىگانتلارنىڭ مۈرىسىدە (2002-يىلى)

تەڭرى پۈتۈن ساننى ياراتتى: تارىخنى ئۆزگەرتكەن ماتېماتىكىلىق بايقاشلار (2005-يىلى)

مېنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىم (2013-يىلى)

خاۋكىڭنىڭ «ۋاقىتنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق ئەسىرىنىڭ 2005-يىلى 8-ئايدا شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى نەشىر قىلغان، ئابدۇۋايىت قاسىم تەرجىمە قىلغان ئۇيغۇرچە نەشىرى

باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ يازغانلىرى:

بوشلۇق ۋە ۋاقىتنىڭ تەبىئىتى (روگېر پەنروس بىلەن بىرلىكتە، 1996-يىلى)

چوڭ، كىچىك ۋە ئىنسان مېڭىسى (روگېر پەنروس، ئابنېر شىمونىي ۋە نەنسىي كارترايتلار بىلەن بىرلىكتە، 1997-يىلى)

بوشلۇق ۋاقتىنىڭ كەلگۈسى (كىپ سورن، ئىگور نوۋىكوۋ، تىموسىي فېررىس قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە، 2002-يىلى)

ۋاقىتنىڭ قىسقىچە تارىخى (يېڭى نۇسخىسى، لېئونارد مىلودىنوۋ بىلەن بىرلىكتە، 2010-يىلى)

قارا ئۆڭكۈر ۋە ۋاقىت: ئېنىشتىيىننىڭ خاتالىقى (كىپ سورن قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە، 1994-يىلى)

ئۇنىڭ ئالەم ۋە فىزىكىنى چۈشىنىشكە، تەپەككۇرنى ئېچىشقا ياردەم بېرىدىغان بۇ كىتابلىرىنىڭ بەزىلىرى ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىندى.

شان شەرەپلىرى[تەھرىرلەش]

ئادامس مۇكاپاتى (1966)

ئەنگىلىيە خان جەمەتى ئىلمىي ئاكادېمىيەسىنىڭ ئەزاسى (1974)

ئالبېرت ئېينىشتىيىن مۇكاپاتى (1978)

بىرىتانىيە ئىمپېرىيە مېدالى (1982)

ئاساسىي فىزىكا مۇكاپاتى (2012)

BBVA فوندى ئاۋانگارت ئىلىم ئەربابى مۇكاپاتى (2015)

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى باراك ئوباما 2009-يىلى 12-ئاۋغۇست خاۋكىڭ ۋە باشقا 15 كىشىگە ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئالىي پۇقراۋىي شەرەپ نامى بولغان «ئامېرىكا زۇڭتۇڭ ئەركىنلىك مېدالى» بەردى

كىسىلى[تەھرىرلەش]

نەتىجىسىدىن كۆرە ئىرادىسى ئارقىلىق دۇنيانى قايىل قىلغان ئالىم خاۋكىڭ 10 يېشىدىن باشلاپ مۇسكۇل نېرۋىسى پالەچلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، ھازىر پەقەت سول بويۇن مۇسكۇلىدىن تارتىپ پۈتكۈل تۆۋەن بەدەن ئۈزۈل كېسىل پالەچلەنگەن بولسىمۇ، سول قولىنىڭ ساق قالغان ئۈچ بارمىقى ۋە كۆزىگە تايىنىپ داۋاملىق ئىلمىي خىزمەتلەر ۋە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، لېكسىيە بەرگەن.

خاۋكىڭ 12 پەخرىي ئۇنۋانغا، پادىشاھ جەمەت تەتقىقات ئورنىدىن ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى تەتقىقات ئورۇنلىرىدىن نۇرغۇن مېدال مۇكاپات ۋە باشقا ئۇنۋانلارغا ئېرىشكەن. ئىلگىرى نىيۇتۇن ئۆتىگەن كامبىرىج ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ماتىماتېكا پروفېسسورى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

خاۋكىڭ يەنە ئائىلە (ئۇنىڭ ئۈچ بالىسى ۋە بىر نەۋرىسى بار) تۇرمۇشى بىلەن تەتقىقاتىنى ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈپ، نۇرغۇن جايلارغا بېرىپ نەزەرىيىۋى تەتقىقات لېكسىيە ۋە ئىلمىي تەكشۈرۈشلەرگە قاتنىشىپ كەلگەن.

ئەقىليە سۆزلىرى[تەھرىرلەش]

ئەگەر سىز پالەچ بولسىڭىز، ئېھتىمال بۇ سىزنىڭ خاتالىقىڭىز ئەمەس، ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيادىن ئاغرىنىشنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ سىزگە ئىچ ئاغرىتىشىنى ئۈمىد قىلىشنىڭمۇ قىلچە پايدىسى يوق. ئادەم ئۆزى تۇرغان شارائىتنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرىنى كۆرۈشى ۋە شۇ شارائىتتىن ئەڭ زور دەرىجىدە پايدىلىنىپ ئۆز ئەھۋالىنى ياخشىلاشقا تىرىشىشى كېرەك.

مېنىڭ نىشانىم ئاددىي: ئالەمنى پۈتۈنلەي چۈشىنىپ يېتىش، ئۇنىڭ نېمىشقا شۇنداقلىقىنى ۋە ئۇنىڭ نېمىشقا مەۋجۇتلۇقىنى بىلىش.

ئېينىشتىيىن فىزىكا ئىلمى ساھەسىدە نىيۇتون بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولىدىغان بىردىنبىر ئادەم. نىيۇتون ئىلگىرى «ئەگەر مەن باشقىلاردىن يىراقنى كۆرەلىگەن بولسام، بۇ مېنىڭ گىگانتلارنىڭ مۈرىسىدە تۇرغانلىقىمدىندۇر» دېگەن ئىدى. بۇ سۆز ئېينىشتىيىنغا بەكرەك ماس كېلىدۇ، چۈنكى ئۇ نىيۇتوننىڭ مۈرىسىدە تۇرغان.

مېنىڭ قىلغانلىرىم ئالەمگە تېخنىكا قانۇنىيەتلىرى بويىچە قاراشنى مۇمكىن قىلىشتىن ئىبارەت.

بىز پەقەتلا ئادەتتىكى، كىچىككىنە بىر پىلانېتتا ياشاۋاتقان تەرەققىي قىلغان جانلىقمىز، ئەمما بىز ئالەمنى چۈشىنەلەيمىز، بۇ بىزنى ناھايىتى ئالاھىدە جانلىقلارغا ئايلاندۇرىدۇ.

بىز نەچچە مىليون يىللار ھايۋانلاردەكلا ياشىدۇق. ئاندىن بىر كۈنى توساتتىنلا بىر كۈچ بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزنى ئېچىۋەتتى. بىز سۆزلەشنى ۋە ئاڭلاشنى ئۆگەندۇق. ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ چوڭ مۇۋەپپەقىيىتى سۆزلەش بىلەن قولغا كەلگەن، ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەتكە سۆزلىمەسلىك بىلەن دۇچار بولغان.

ئېينىشتىيىن قايمۇقۇپ قالسىمۇ، كۇانتۇم تېئورىمىسى قايمۇقمايدۇ.

11-سېنتەبىر ھەقىقەتەن قورقۇنچلۇق، ئەمما ئۇ يادرو قوراللىرىدەك ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇدلۇقىغا تەھدىت ئېلىپ كېلەلمەيدۇ.

مېنىڭچە ئىنسانىيەت كەلگۈسى مىڭ يىلدا ئەگەر يەر شارىنى تەرك ئېتىپ ئالەمگە تارقاپ كەتمىسە مەۋجۇدلۇقىنى يوقىتىدۇ. يەر شارىنى ۋەيران قىلىدىغان نۇرغۇنلىغان ئاپەتلەر بۇ پىلانېتنى ساقلاپ تۇرماقتا. ئەمما مەن ئۈمىدۋار، بىز ئالەمدە يەنە بىر ماكان تاپالايمىز.

مەن ئۇچار تەخسە خەۋەرلىرىگە پەرۋا قىلمايمەن. ئۇلار نېمىشقا دائىملا غەلىتە، خىيالپەرەس ئادەملەرگە ئۇچرايدىغاندۇ؟

21 يېشىمدا مېنىڭ دۇنيادىن كۈتىدىغىنىم نۆلگە ئايلاندى. ئۇنىڭدىن كېيىن ھەممە نەرسە ماڭا قوشۇپ بېرىلگەن نەرسىلەردەك تۇيۇلدى.

مېنىڭچە ئالىملار بولۇپمۇ ئالەم بوشلۇقى تەتقىقاتچىلىرى خىزمەتلىرىنى چۈشەندۈرۈپ تۇرۇشى كېرەك. بىر چاغلاردا دىندىن سورالغان مەسىلىلەرگە ھازىر بۇ كىشىلەر جاۋاب بېرەلەيدۇ.

ھاياتلا بولىدىكەن، ئۈمىدمۇ بولىدۇ.

مەن ئۆتكەن 50 يىلدەك ۋاقىتتا ئۆلۈم بىلەن ئېلىشىپ كەلدىم. مەن ئۆلۈمدىن قورقمايمەن، ئەمما ئۇنىڭغا ئالدىرىمايمەن. مېنىڭ قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلىرىم بار.

[1]