سوزۇلما خاراكتېرلىك سازاڭسىمان ئۆسۈكچە

ئورنى Wikipedia

سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغىنىڭ تولۇق ياخشىلانماسلىقى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سازاڭسىمان ئۆسۈكچە سوزۇلما ياللۇغلىنىپ، كلىنىكىدا ئىشتىھاسىزلىق، قورساق ئېسىلىش، ئوڭ تەرەپ تۆۋەنكى قورساق قىسمى ئارىلاپ ياكى داۋاملىشىش خاراكتېرلىك تېلىپ ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

غەرب تېبابىتى نامى :سوزۇلما خاراكتېرلىك سازاڭسىمان ئۆسۈكچە

ئاساسلىق ئالامىتى :ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ، قورساق كۆپىدۇ، ھەزىم بۇزۇلىدۇ، قەۋزىيەت بولىدۇ

كېسەللىك سەۋەبى :تۇغما ئامىللاردىن كېلىپ چىقىدۇ

سەۋەبى[تەھرىرلەش]

1. ئۆتكۈر سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغىنىڭ تولۇق ياخشىلانماسلىقى بىلەن سوزۇلما ھالەتكە ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

2. باشقا ئامىللار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

گەندە تەركىبىدىكى تاش ۋە باشقا چىقىرىندى ماددىلار، پارازىت قۇرت، پارازىت قۇرت تۇخۇمى قاتارلىقلارنىڭ سازاڭسىمان ئۆسۈكچىگە كەپلىشىپ سازاڭسىمان ئۆسۈكچە كانىلىنى توسۇش سەۋەبىدىن شىللىق پەردە ۋە توقۇلمىلارنىڭ ماددا ئالمىشىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، سازاڭسىمان ئۆسۈكچە كانىلىنىڭ ئىچكى بېسىمى ئېشىپ، شىللىق پەردە ۋە توقۇلمىلار زەخىملىنىپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. تۇغما ئامىللاردىن كېلىپ چىقىدۇ.

سازاڭسىمان ئۆسۈكچىنىڭ تۇغما چاپلىشىپ قېلىش سەۋەبىدىن ماددا ئالمىشىش خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، توقۇلمىلارنىڭ نېكروزلىنىشى بىلەن ياللۇغلىنىش كېلىپ چىقىدۇ.