Jump to content

سوپاخۇنۇم قەشقەرى

ئورنى Wikipedia

ﺳﻮﭘﻰ ﺋﺎﺧﯘﻧﯘﻡ 19- ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺕ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ. ﺋﯘ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﻫﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍﺵ ﻫﻪﻳﺪﻩﺭ ﺋﺎﺧﯘﻧﯘﻡ، ﻗﺎﺳﯩﻢ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﻫﺎﺟﯩﻢ، ﺧﻮﺟﺎ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼﺧﺎﻥ، ﺧﻮﺟﺎ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺕ ﺋﯩﻠﻤﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﭘﯩﺸﯩﯟﺍﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺕ ﻫﯚﻛﯜﻣﺎﻟﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯚﻫﺮﻩﺗﻠﻪﻧﮕﻪﻥ. ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﯨﻲ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻻﺭ ﯞﻩ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﯨﻲ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻟﯘﻕ ﺳﺎﻳﻤﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ ﺋﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯚﺯ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﭖ، ﺋﯚﺯ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺯﻭﺭ ﺗﯚﻫﭙﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ. ﻗﯘﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﮔﺎﻧﯩﺰﻣﻰ ﯞﻩ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻛﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻧﻐﺎﻥ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺎﻥ- ﺳﺎﻧﺎﻗﺴﯩﺰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻐﺎﻥ. ﺋﯘ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﻧﯘﺟﯘﻡ (ﺋﺎﺳﺘﯩﺮﻭﻧﻮﻣﯩﻴﻪ) ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﺪﯨﻤﯘ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻘﺎ ﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ، ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭘﻤﯘ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﮔﻪﻥ. ﺑﯩﻤﺎﺭﻧﯩﯔ ""ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ ﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ"" ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺪﺍ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺗﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﯜﻧﭽﻪ ﻫﯧﻜﺎﻳﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﻤﺎﺱ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﯞﻩ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ.

ﺑﻪﺩﯙﻟﻪﺕ (ﻳﺎﻗﯘﭖ ﺑﻪﮒ) ﺳﻮﭘﻰ ﺋﺎﺧﯘﻧﯘﻣﻨﯩﯔ ﺷﯚﻫﺮﯨﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ، ﻫﯘﺯﯗﺭﯨﻐﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺘﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯩﻨﺎﭖ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﺎﻻﻧﺘﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﻮﭘﻰ ﺋﺎﺧﯘﻧﯘﻣﻨﻰ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﻫﯚﺭﻣﻪﺗﻠﻪﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻫﻪﺯﺭﻩﺕ (ﺋﺎﭘﭙﺎﻕ ﺧﻮﺟﺎ ﻣﺎﺯﯨﺮﻯ) ﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺷﻪﻳﺨﻠﯩﻖ ﻣﻪﻧﺴﯩﯟﯨﻨﻰ ﻫﻪﻡ ﺗﯧﺮﯨﻠﻐﯘ، ﺯﯦﻤﯩﻦ، ﺑﺎﻍ- ﯞﺍﺭﺍﻧﻼﺭﻧﻰ ﻧﺎﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺳﻮﭘﻰ ﺋﺎﺧﯘﻧﯘﻡ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭﺩﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﯜﻣﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻥ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻧﻪﭘﺴﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻣﯩﻨﯘﺗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺷﺎﮔﯩﺮﺗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯚﺯ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻫﯧﻜﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺕ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﻪﺕ - ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ ﻧﻪﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﯜﭼﻰ ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗﺭ. ﺳﻮﭘﻰ ﺋﺎﺧﯘﻧﯘﻡ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺕ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﺪﻩ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺗﯘﺗﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﻧﯘﺟﯘﻣﻨﯩﻤﯘ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﯩﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯜﺯﯛﺗﯜﺵ ﺳﺎﻳﻤﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺳﯩﻐﺎﻥ. ﺋﯘ ﺋﯚﺯ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯩﺶ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﺳﺘﯩﺮﻭﻧﻮﻣﻰ ﺋﯩﺪﻯ. ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻐﯘﭼﻰ: ﻫﻪﺯﺭﻩﺕ

مەنبەلەر

[تەھرىرلەش]