سوپىزم (تەسەۋۋۇپ)

ئورنى Wikipedia

تەسەۋۋۇپ دېگىنىمىز پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇبارەك ھاياتى بىلەن زاھىرى (تاشقى) ۋە باتىنى (ئىچكى) جەھەتتىن پۈتۈنلىشىپ، چوڭقۇر بىر مۇھەببەت بىلەن بىر يەرگە كېلىش دېگەنلىكتۇر. چۈنكى، ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زاھىرى-باتىنى، ئىچكى ۋە سىرتقى تەجەللىلىرى، يەنى ھالىدۇر. شۇڭا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ روھانىيىتىدىن پاي ئېلىش ۋە روھى جەھەتتە ئۇنىڭ بىلەن مەزج (ئارىلىشىپ كېتىش، ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ كېتىش دېگەن مەنىدە) بولۇشتىن ئىبارەتتۇر. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا تەسەۋۋۇپ ـــ ئىشىق مۇھەببەت بىلەن بىرلەشكەن ئىمان، ۋەجد (سۆيگۈ-مۇھەببەت) بىلەن ئادا قىلىنغان ئىبادەت ۋە گۈزەل ئىش-ھەرىكەتتۇر. قىسقىسى، تەسەۋۋۇپ ئادەم ئەلەيھىسسالامغا «روھ (جان) كىرگۈزۈلۈشى» بىلەن باشلانغان بىر ئۇلۇغ نېسىۋىنىڭ ئاخىر زامان پەيغەمبىرىدىكى مۇكەممەل نامايەندىسىدىن مۇھەببەتلىك كۆڭۈللەردە ئەكس ئەتكەن پەيز (مەنىۋى ئۇزۇق) شەبنەملىرىدۇر. تەسەۋۋۇپنىڭ ماھىيىتىنى تەشكىل قىلغان بۇ سالاھىيەت ۋە ئىقتىدارنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھاياتىدىكى قەلبتىن قەلبكە، شەخستىن شەخسكە تارقىلىش ئەھۋالىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۇ مۇبارەك پەيغەمبەرنىڭ ھايات پائالىيەتلىرىنىڭ ئۇمۇمى ئەھۋالىغا تولۇق نەزەر سېلىش لازىم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھاياتىنىڭ ھەر ساھەسىدە ئۈسۋەئى-ھەسەنە (ئەڭ گۈزەل ئۆرنەك) بولغىنىدەك، ئىنسانلارنى تەربىيىلەش، مەنىۋى جەھەتتە پاكىزلاش جەھەتتىمۇ ئەڭ گۈزەل ئۆرنەكتۇر. پەيغەمبەر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ نۇرغۇن ۋەزىپىسى ۋە سالاھىيىتى بار بولغان. ئەمما بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاللاھ ئۇنىڭغا بەرگەن تۆۋەندىكى تۆت ۋەزىپە ئالاھىدە گەۋدىلىك بولۇپ، تېخىمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان:

1. ئىلاھىي ۋەھيى ئالماق: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھتائالا تەرىپىدىن جىبرائىل ئەلەيھىسسالام ۋاستىسى بىلەن ئەۋەتىلگەن ئىلاھىي كالامغا نائىل بولغان. ئاللاھنىڭ ئىرادىسى، لۇتفى بىلەن سادىر بولغان بۇ ۋەھيىنى قوبۇل قىلىش ۋەزىپىسى پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاخىرەتكە كۆچۈپ كېتىشى بىلەن ئاخىرلاشقان.

2. قۇرئانى-كەرىم بىلەن نازىل بولغان ئەھكام ۋە ھەقىقەتلەرنى ھەدىس شەرىف ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ تەرجىمىھالىدىكى بايانلاردا سۆزلەنگىنىدەك شەرھىلەش، ئىزاھلاش ۋەزىپىسى. رەھۇلۇللاھنىڭ بۇ ئىلمى سالاھىيىتىنى (ھوقۇقىنى) مۇجتەھىدلەر داۋاملاشتۇرغان.

ئىلاھىي ئەھكامنى شەرھىلەش، ئىزاھلاش ۋەزىپىسى ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن «ئىجتىھاد» ئىسمى ئاستىدا داۋاملاشماقتا. ئەھلى يوق ئەھۋاللاردا بۇ ئىش بەزىدە بىر تەرەپتە تاشلىنىپ قالغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا ئائىت ئېھتىياج ۋە زۈرۈرىيەت ھەمىشە باقى قالغان. بۇ ۋەزىپە ئىجتىھاد ماقامىغا ئېرىشكەن ئالىملارغا ئائىتتۇر.

3. دىننىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىنى مۇئەسسەسە ۋە نىزام ھالىتىدە تەتبىق قىلىدىغان ۋە جانلىق تۇتىدىغان مەمۇرى ھوقۇققا ئىگە بولۇش ۋەزىپىسى. بۇ ۋەزىپىنىمۇ خەلىپىلەر (ئۇلۇل-ئەمر) ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ داۋاملاشتۇرغان.

4. مەنىۋى تەربىيە بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى پاكىزلاش، رۇسلاش (تۈزىتىش) ۋەزىپىسى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئائىت بولغان ۋەھيىنى نەقىل قىلىش ۋەزىپىسىدىن باشقا بارلىق ۋەزىپىلەرنىڭ ئۇنىڭغا ئەگەشكۈچىلەر تەرىپىدىن داۋاملاشتۇرۇلۇشى قانداق ماتلۇب (تەلەپ قىلىنغان ئىش) ۋە مەجبۇرىيەت بولغان بولسا، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى پاكىزلاش، تۈزىتىش ۋەزىپىسىنىڭمۇ ئاخىرلاشمىغانلىقى، بۇنىڭ شەيىخلەر تەرىپىدىن قىيامەتكە قەدەر داۋاملاشتۇرۇلۇشىمۇ ئوخشاشلا ماتلۇب ۋە مەجبۇرىيەتتۇر. چۈنكى مۆمىنلەرنىڭ پەقەتلا زاھىرى ئەمەس، باتىنىنىڭمۇ پاكىزلىنىشى پەقەت ۋە پەقەت مۇشۇ ئۇسۇلدا مۇمكىن بولىدۇ. بۇ تەسەۋۋۇپى ئۇسۇل ۋە ئاساسلارنىڭ ئانا مەنبەسى بولسا، روھى قۇرئان ۋە ھەدىستە مەۋجۇت بولغان بۇ نەبەۋى (پەيغەمبەرگە خاس) پائالىيەتنىڭ ھەر زامان ۋە ماكاندا داۋاملىشىشىدىن ئىبارەتتۇر. شەيىخلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماي داۋاملىشىشىدىكى ھەقىقەتنىڭ مەنبەسى بۇ تەلەپ ۋە ئېھتىياج تۈپەيلىدىندۇر. تەسەۋۋۇپ ئەسلىدە دىننىڭ ماھىيىتىنى تەشكىل قىلىشى جەھەتتىن ھەزرىتى ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن باشلىنىپ، ئەسرى-سائادەت (پەيغەمبىرىمىز ۋە دەسلەپكى تۆت خەلىپە دەۋرى)گە قەدەر بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدا مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. ھەر پەيغەمبەرنىڭ ھاياتىدا تەسەۋۋۇپنىڭ نۇرغۇن دەستۇرىنى ئۇچرىتىش مۇمكىن. لېكىن تەسەۋۋۇپنىڭ كۈنىمىزدىكى مەنىسى بىلەن سىستېمىلىق بىر ئىلىم شەكلىدە كىتاپلىشىشى ۋە سۈلۈك بولغان بىر يول شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىقىشى ھىجرىيە 2-ئەسىردە باشلانغان. ئەسرى-سائادەتتە كالام، ئېتىقاد ۋە فىقىھقا ئائىت مەزھەپلەر تېخى شەكىللەنمىگەن ئىدى. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە مەزھەپلەرنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ئىلگىرىلا ئېتىقادى، فىقھى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھۆكۈملەر مەۋجۇت ئىدى ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇنى ساھابىلەرگە تەلىم ۋە تەتبىق قىلغان ئىدى. لېكىن بۇلار ئىلمىي ئۇسۇللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا تېخى كىتاپلاشمىغان ئىدى. مۇئەييەن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، مەسىلەن: «فىقىھ»ئىلمىدە نۇپۇزلۇق ھېساپلانغان چوڭ ئالىملارنىڭ ئىجتىھادلىرىنى تالىپلىرى قوبۇل قىلىپ سىستېمىلاشتۇرغان ۋە بۇ يەردىكى پەرقلىق ئۇسۇللارغا «مەزھەپ» ئىسمى بېرىلگەن ئىدى. مەزھەپلەر ئۇ چوڭ ئالىملارنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان ئىدى. ھەنەفىي، شافىئىي، مالىكىي، ھەنبەلىي... دېگەندەك. بۇ مەزھەپلەر فىقھىي ئېھتىياجلارنى ھەل قىلىشتا بىر ئوسۇل ۋە يول دەپ قارىلىپ، كەڭ خەلق تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ئىدى. باشقا دىنىي ئىلىملەردە بولغىنىدەك، تەسەۋۋۇپ تەلقىن قىلغان زۈھد ۋە تەقۋا ھاياتىمۇ مۇشۇ ئۇسۇلدا ئەسرى-سائادەتتە مەۋجۇت ئىدى. ئارىدىن ۋاقىت ئۆتكەنسىرى بۇ خىل پەيزلىك ياشاشنى داۋاملاشتۇرغان ۋە ئۆزىنىڭ ھايات ئۇسلۇبىغا ئايلاندۇرغان ھەقتائالا دوستلىرى خەلقنىڭ دۇنياغا رام بولۇپ، غەپلەتكە چۆكۈپ كېتىشىنى توسۇش مەقسىتىدە ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ئۇلارغا نەسىھەت قىلىپ، غەپلەتتىن ئويغىتىش ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. بۇ زاتلارنىڭ چىغىر يول ئېچىش، تەرىقەت ياكى ياشاش ئۇسلۇبى مەيدانغا كەلتۈرۈشتەك بىر غايىسىمۇ يوق ئىدى. تۈپ غايىسى ــــ ئىسلامنىڭ ماھىيىتىگە ئۇيغۇن ھالدا گۈزەل ياشاش ۋە ئىبادەتلەرنى قۇرئان ۋە سۈننەتتە بىلدۈرۈلگىنى بويىچە تەئدىل-ئەركان بىلەن ئادا قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ سۆھبەت ۋە نەسىھەتلىرىدىن نەپ ئېلىپ، ھاللىرىدىن ئۆزىگە بىر پاي ئالماق ئىستىگەن ئىنسانلار بۇ زاتلارنى ئۆزىگە بىرەر مەنىۋى رەھبەر ۋە ئۇستاز دەپ قوبۇل قىلغان. بۇ ئىنسانلار ئۇ زاتلارنىڭ نەسىھەتلىرىنى، يەنى مۆمىننى روھى تاكامۇللۇققا ۋە ئىستىقامەتكە (توغرا يولغا) يېتەكلەيدىغان نەپسىي پاكىزلىق ۋە تەربىيە ئۇسۇللىرىنى مېتودلاشتۇرۇپ مەنىۋى ئىنتىزام ھالىتىگە كەلتۈرگەن. نەتىجىدە بۇ ئۇستازلارنىڭ ئىسىملىرى بىلەن ئاتالغان تەرىقەتلەر مەيدانغا كەلگەن. قادىرىييە، مەۋلەۋىييە، نەقشىبەندىيە... ۋاھاكازالار. ھەر تەسەۋۋۇپ يولىنىڭ بەندىنى ئاللاھقا يېتەكلەش، تەپەككۈر ۋە ئىھسان تۇيغۇسىنى كۈچلەندۈرۈش قاتارلىق خۇسۇسلاردا قوللانغان ئۇسۇلى تەرىقەت دەپ ئاتالغان. تەرىقەتلەر مېتودلىرىغا ئاساسەن ئۈچ تۈرگە ئايرىلىدۇ: 1. تەرىقى-ئەخيار: ئىبادەت ۋە تەقۋا ئۈستىگە مەركەزلەشكەن تەرىقەتلەر. 2. تەرىقى-ئەبرار: نەپسىنى رىيازەت ۋە خىزمەت بىلەن تەربىيىلەشكە بەكرەك كۈچەيدىغان تەرىقەتلەر. 3. تەرىقى-شۈتتار: سۆيگۈ-مۇھەببەت بىلەن مەقسەتكە يېتىشنى نىشان قىلغان تەرىقەتلەر. بۇ سەۋەپتىن ھەر مۆمىن مەنىۋى پاكلىق ۋە روھى تاكامۇللۇق ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مىجەزىگە ئۇيغۇن كەلگەن بىرەر تەرىقەتكە كىرسە بولىدۇ. مىجەز پەرقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن تەرىقەتلەرنىڭ خىلمۇ-خىل بولۇشىمۇ تەبىئىيدۇر. جانابى ئاللاھ قۇرئانى-كەرىمدە مۇنداق دېگەن: لِكُلٍّ جَعَلْنَا مِنْكُمْ شِرْعَةً وَمِنْهَاجًا «ھەر بىرىڭلارغا بىر خىل شەرىئەت ۋە «مىنھاج» تەيىن قىلدۇق.» (مائىدە سۈرىسى 48-ئايەت) بۇ يەردىكى «مىنھاج» كەلىمىسى لۇغەتلەردە «مونەۋۋەر بىر يول، ئوچۇق يول» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ جانابى ئاللاھقا يېقىنلىشىش نىيىتىدە سۈلۈك بولىدىغان قۇللۇق (بەندىلىك) يولى دېگەنلىكتۇر. تەسەۋۋۇپ ئۈلىمالىرى: «جانابى ئاللاھقا بارىدىغان يوللار مەخلۇقاتلارنىڭ نەپەسلىرىنىڭ سانىدەك كۆپ» دېگەن. يەنە بىر تەرەپتىن قۇرئانىي ھۆكۈملەر ئۈچكە ئايرىلىدۇ: 1. ئېتىقاد (ئەقىدە ئاساسلىرى) 2. فىقىھ 1) ئىبادەت 2) مۇئامىلات 3) ئوقۇبات (جازا) 3. ئەخلاق (فىقھى-قەلبى) فىقھى قەلبى دېگەنلىك ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشى، يەنى ئەخلاقتۇر. ئېتىقاد ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتلەرنىڭ باتىنىنى (ئىچكى قىسمىنى) تەشكىل قىلىدۇ. ئەمەللەر ئۇنىڭ بىلەن سەۋىيەگە ئېرىشىپ، «سالىھ ئەمەل» ھالىتىگە كېلىدۇ. قۇرئانى-كەرىمدە قەلبنىڭ مەقبۇل ھالىتىنى بىلدۈرىدىغان ئەڭ مۇھىم سۈپەتلەر: تەقۋا، زۈھد ۋە ئىھساندۇر. تەقۋا: ئاللاھقا ئالدىدا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئىچىدە ئىلاھىي ئەمىر-پەرمانلارنى ئەستايىدىل، ئىنچىكىلىك بىلەن ئورۇنلاش ئارقىلىق قەلبنىڭ قوغدىلىشى دېگەنلىكتۇر. زۈھد: ماسىۋا، يەنى ئاللاھتائالادىن باشقا ھەر قانداق شەيئىنىڭ قەلبتە ئىتىبارىنى يوقۇتۇشىدۇر. ئىھسان: مۆمىننىڭ ئۆزىنى ھەر ۋاقىت ئاللاھنىڭ كۆرۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىشى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىنى مۇشۇ تۇيغۇ ئىچىدە داۋاملاشتۇرۇشىدۇر. ھەدىس-شەرىفتە: (اَلْاِحْسَانُ) أَنْ تَعْبُدَ اللهَ كَأَنَّكَ تَرَاهُ فَأِنْ لَمْ تَكُنْ تَرَاهُ فَأِنَّهُ يَرَاكَ «ئىھسان ــــ ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقاندەك ئىبادەت قىلىشىڭدۇر. چۈنكى سەن ئۇنى كۆرەلمىسەڭمۇ، ئەمما ئۇ سىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ.» دېيىلگەن. (بۇخارى: «ئىمان»، 37؛ مۇسلىم: «ئىمان»، 1) يەنى ئىھسان دېگىنىمىز روھنىڭ ئاللاھتائالانىڭ كۆرۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى داۋاملىق ئاڭلىق ھالدا ھىس قىلىشى دېگەنلىكتۇر. قەلب سەۋىيەسىنىڭ يۈكسىلىشى ھەر ۋاقىت بۇ تۇيغۇ ۋە ئاڭ-سىزىم ئىچىدە تۇرۇش، بىر ئۆمۈرلۈك ھاياتىنى بۇ ئەقىدە بىلەن نىزامغا سېلىش ئارقىلىق مۇمكىن بولىدۇ. بۇ ھالەتنىڭ شەكىللىنىشى بىلەن قەلىب پاكلىنىدۇ. بۇ جەھەتتىن تەسەۋۋۇپ قەلبنىڭ ھۇزۇرغا ئېرىشىشىنىڭ ئىپادىسىدۇر.

دىننىڭ غايىسى گۈزەل، روھى ساغلام، ئىچكى دۇنياسى پاك بولغان ئىنسان يېتىشتۈرۈشتۇر. بۇ بولسا ھەقتائالانىڭ بەندىسى ئىكەنلىكىنى ئاڭلىق ھىس قىلىش بىلەن بولىدۇ. ئىسلامنىڭ قارىشىچە، ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئىنسان (مۇكەممەل ئىنسان) ئاللاھ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلانغان كىشىلەردۇر. بۇ غايىگە يېتىش يولى بولسا قەلبىي تەربىيە ئارقىلىق بولىدۇ. قەلب جەۋھىرىنى پارلاق بىر ئەينەك كەبى ھەقتائالانىڭ تەجەللىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈش قەلبتە زىكىرنىڭ ماكانلىشىشى ئارقىلىق مۇمكىن بولىدۇ. قەلبنىڭ بۇ گۈزەل ھال ئىلە ھەقتائالا تەرەپكە بۇرۇلۇشى ئىماننىڭ پارلاق نامايەندىلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەپچى بولىدۇ. «زۈھد»، «تەقۋا»، ۋە «ئىھسان» ۋاستىسى بىلەن مەنىۋى تەرەققى قىلىش يولى ئوچۇق تۇتۇلماي، پەقەتلا زاھىرى (سىرتقى) ھۆكۈملەر بىلەن بولدى قىلىش كەسكىن ئەمىر قىلىنغان بولسا ئىدى، ئىستىداتلىق ئىنسانلارنىڭ ئاللاھقا ۋاسىل بولۇش ئىمكانى قولىدىن ئېلىنغان ۋە ئىنسانلارنىڭ ئاخىرقى نوقتىدىكى ئىستىداتىغا سەل قارالغان بولاتتى. بۇ تەقدىردە، ھەر ئىرادە ۋە ھەر ھۆكمىدە ھېكمەت ئىگىسى بولغان جانابى ئاللاھتائالانىڭ ئىلاھى تەرتىپكە سېلىشىدا ــــ (ئاللاھ بىزنى خاتالىشىشتىن ساقلىغاي!) ــــ نوقسانلىق بار دېگەندەك گەپ بولۇپ قالاتتى. ئىپادە قىلغىنىمىزدەك، بەندىنىڭ رەببىنى ھەر دەقىقە كۆرۈپ تۇرۇۋاتقاندەك ئۆزىنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىگە دىققەت قىلىپ، ھاياتىنى مۇشۇ تەرتىپتە ئۆتكۈزۈشى، ئاللاھنىڭ كۆزىتىشى ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىق ئاڭ-سىزىمىنىڭ قەلبىگە مەھكەم يەرلىشىشىدىن ئىبارەت بولغان «ئىھسان» بىر قاراشتا ئاللاھقا يېقىن بولغان بەندىلەرنىڭ روھ مېراجىدۇر. بۇ جەھەتتە ئىھسان مەنىۋى، روھى، سىرلىق ۋە ئىلاھىي ھەقىقەتتۇر. مۇتەسەۋۋۇپلارنىڭ نىشانى بولسا مۇشۇ ھەقىقەتكە يېتىشتۇر. بۇ بولسا ئاللاھ بىلەن باغلانغان روھى ۋە چوڭقۇر رابىتانى ئىپادىلەيدۇ. بۇ رابىتانى ساغلام ھالدا باغلىيالىغان كىشى رەببىنىڭ ۋەلى بەندىسى ھالىتىگە كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ كىشى ئىلاھىي ئەخلاق بىلەن ئەخلاقلانغان بولىدۇ. ئەمما بۇ ھەقىقەتكە يېتەلمىگەن ئەھۋالدا نىشانغا يېتىشكە كۈچى يەتمەيدىغان زاھىر (تاشقى كۆرۈنۈش) ۋە تەقلىد ئىلە قانائەت قىلغان پېتى قالىدۇ. ھەزرىتى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەخلاقى ۋە ياشىغان روھى ھاياتىنى ساھابىلەر، تابىئىنلار ئۆرنەك قىلغان. بۇ ھاياتنىڭ زاھىرى ۋە باتىنى، كۆرۈنگەن ۋە كۆرۈنمىگەن قىسمى، ئىزاھلانغان ۋە ئىزاھلىنالمىغان نەتىجىلىرى ئىلگىرىكى نەسىللەردىن كېيىنكى نەسىللەرگە يەتكۈزۈلگەن. لېكىن بۇ خىل شەكىلدە داۋاملاشقان مەنىۋى ھايات پۈتۈن ئۈممەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ھالدا بولۇپ، خۇسۇسىي بىر جامائەتكىلا مەخسۇس ئەمەستۇر.

ئىسلامنىڭ تۈپ قارىشى يۇقارقىدەك بولۇش بىلەن بىرلىكتە تەسەۋۋۇپنى ئەھلى سۈننەت قارىشىغا يات دەپ قارايدىغانلار ياكى مەنفى پۇزىتسىيە تۇتىدىغانلار ئۇنىڭ مەنبەسى ھەققىدە ھەر خىل كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. پەقەت تەلەپپۇزىنىڭ ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىغا قاراپلا تەسەۋۋۇپتىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك پائالىيەت يۇنانچە «ھېكمەت» دېگەن مەنىنى بىلدۈرۈدىغان «سوفوس» (sofos) دېگەن سۆزدىن كەلگەنلىكىنى سۆلىگۈچىلەر بولغىنىدەك، ئۇنى ئىسرائىل (يەھۇدى نوقتىئنەزىرى) مەنبەسىدىن كەلگەن دېگۈچىلەردىن باشلاپ ھىند مىستىسىزمىگە باغلىغۇچىلارغا قەدەر خىلمۇ-خىل تۇتامى يوق قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلارمۇ چىققان. بۇلار سۆز ياكى مەزمۇندىكى كىچىككىنە ئوخشاشلىقنى تۇتۇۋېلىپلا ئوتتۇرىغا قويۇلغان خاتا قاراشلاردۇر. ھەقىقەتتە بولسا «تەسەۋۋۇپ» كەلىمىسىنىڭ قايسى تۇمۇردىن كەلگەنلىكى ھەققىدە ئىسلام ئالىملىرى ئارىسىدىكى قاراشلار ئۇنىڭ تامامەن ئىسلامىي مەنبەدىن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. بۇ خۇسۇستا خىلمۇ-خىل قاراشلار ئارىسىدا تەسەۋۋۇپنىڭ «پاكىزلىنىش»، «تاللىنىش» مەنىسىدىكى «ساپا»، «ساپۋەت» ۋە «ئىستىسفا» كەلىمىسىدىن مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئىپادىلىگەنلەر بولغىنىدەك، ئۇنىڭغا ئائىت ئۇسلۇبنىڭ تۇنجى نامايەندىسى بولغان «ئەھلى سۇففە» نامى بىلەن ياد ئېتىلگەن ساھابىلەردىن بەزى ئۇبباد (ئابىدلەر) ۋە زۈھھاد (زاھىدلەر) كىيگەن «سۈف» دېيىلىدىغان يۇڭ كيىمدىن كېلىپ چىققانلىق كۆز قارىشى ئۇمۇمەن قوبۇل قىلىنغان. يەنە بىر تەرەپتىن ئىلىم-ئىرپان ۋە مەنىۋىيەت تەھسىل قىلىش مەقسىتىدە مەسجىدى-نەبەۋىدە ئىقامەت قىلىدىغان «ئەھلى سۇففە» دەپ ئاتالغان بۇ ساھابىلەر جامائىتى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تەشۋىقى بىلەن زۈھد ۋە تەقۋادا يۈكسەلگەن. ھەتتا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم باي ساھابىلەردىن بۇ جامائەتنىڭ تۇرمۇش خىراجەتلىرىگە ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ ئەھۋال تەسەۋۋۇپى ئىش-ھەرىكەتلەرنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتى ئالدىدىكى ئورنىنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرنىڭ تەستىقىغا تايىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بىر تارىخىي پاكىتتۇر. ھەزرىتى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن كېيىن ساھابىلەر نەسلى ئارىسىدا كېلىپ چىققان سىياسىي ئىختىلاپلار ئالدىدا «ئەھلى سۇففە»دىن ھايات بولغانلار ھېچبىر تەرەپكە يان باسماي بىتەرەپ قالغان ئىدى. ھەتتا بۇ ئىختىلاپلارنىڭ مۆمىنلەر ئارىسىدىكى قېرىنداشلىق رىشتىسىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىقىدىن ئىبرەت ئېلىپ، زۈھد ۋە تەقۋادا تېخىمۇ ئىلگىرلەپ كەتكەن ئىدى. بۇ ھالەت نەشۋەئى سۇفىييە (سۇپىلار ھىس قىلغان ئىلاھىي زەۋق)نىڭ زىيادىلىشىشىگە سەۋەپ بولغان. ئىختىلاپلارغا ئارىلىشىشنى مەنىۋى جەھەتتىن خەتەرلىك ھىس قىلغان باشقا ساھابىلەردىن بەزىلىرىمۇ ئەھلى سۇففەگە كېلىپ قوشۇلغان. شۇنىڭ بىلەن زۈھد ۋە تەقۋا يولىنى تۇتقانلارنىڭ سانىدا كۆپىيىش مەيدانغا كەلگەن. «سۇف» كەلىمىسىدىن «ئەھلى سۇففە»، ئۇلارنىڭ رىيازەت ۋە تەقۋادارلىقىدىن «تەسەۋۋۇپ» ۋە «مۇتەسەۋۋۇپ» كەلىمىسى تەدرىجى بارلىققا كېلىپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن رەسمىي ئاتالغۇغا ئايلانغان.

ئىسلام ئالىملىرى قۇرئان ۋە سۈننەتكە باغلىق بولۇشنى ئاساس قىلغانلىقى ئۈچۈن تەقۋا يولىدا ماڭغان مۇتەسەۋۋۇپلار ئوتتۇرىغا قويغان ئەسەرلىرىدە تەسەۋۋۇپى قاراشلارنى مۇجتەھىدلەرگە ئوخشاشلا شەرئىي دەللىللەر بىلەن دەلىللەپ كەلگەن ئىدى. بىراق بۇ يولدا رەھبەرلەر، يەنى ماشايىخلار زاھىرنى ھەزىم قىلغان ئىنسانلاردىن تاللانمىغان بىر قىسىم تەرىقەتلەردە «نەشۋەئى سۇفىييە»نىڭ غالىب كېلىشى سەۋەبىدىن بەزى ئېغىشلار سادىر بولغان. لېكىن تەرىقەتلەر ئارىسىدا شەيىخلىرى ئۇمۇمەن ھاجەگان، يەنى ئىلىم ئەربابى ئالىملاردىن، دىننىڭ زاھىرىنىمۇ ھەزىم قىلغان ئىنسانلاردىن بولغانلار بۇ خىل ئېغىشتىن خالىي قالغان. تەسەۋۋۇپ تەرىقىتى ئىچىدە قۇرئان ۋە سۈننەت بىلەن داۋاملاشقان نەقشىبەندىلىك ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاشلار تەرىقەتلەرنىڭ شەرىئەتكە سادىقلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن مەرۇف (ھەممىگە مەلۇم) تەبىر بىلەن ئېيتقاندا: «سىركۇلنىڭ مۇقىم تۇرىدىغان پۇتى شەرىئەتتۇر» دېگەن ھۆكۈم ھەممە كىشى بىلىدىغان بىر دەستۇر بولغان. دەرۋەقە، ھەزرىتى مەۋلانا مۇنداق دېگەن: «بىز سىركۇلغا ئوخشايمىز. مۇقىم تۇرىدىغان پۇتىمىز شەرىئەتتە، يەنە بىر پۇتىمىز بىلەن يەتمىش ئىككى مىللەتنى ئايلىنىپ يۈرىمىز.» «شەرىئەت بىر شامغا ئوخشايدۇ، نۇر چاچىدۇ، يول كۆرسىتىدۇ. شامنى قولغا ئېلىش بىلەن يولغا چىققانلىق بولمايدۇ. ئەمما ئۇنى قولغا ئالماي تۇرۇپمۇ يولغا چىققىلى بولمايدۇ. شەرىئەتنىڭ نۇرىدا يولغا چىقىشقا باشلىغاندىن ئېتىۋارەن ماڭغان يولۇڭ تەرىقەت بولىدۇ.» تەسەۋۋۇپ ــــ ماددى مەنىۋى كىرلەردىن پاكىزلىنىپ، گۈزەل ئەخلاق ۋە سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىنىپ، دىننى ماھىيىتىگە ئۇيغۇن ھالدا ياشاشقا تىرىشىشتىن ئىبارەت.