سىڭدۈرمە سىستېما

ئورنى Wikipedia

كىرىش سۆز

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سىڭدۈرمە سىستېما دېگەن ئۇقۇم بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى ھەم بۇنىڭدىن كىيىنكى ئەڭ قىزىق نۇقتا تېخنىكا يۈزلىنىشمۇ مۇشۇ تەرەپكە قاراپ بولىۋاتىدۇ. بىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى خادىملىرىمىزنى بارماق بىلەن سانىساقمۇ بارماقلىرىمىز ئېشىپ قالامدىكىن دەيمەن. بۇ جەھەتتىكى بوشلۇق پەقەت بىزنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىمىز ئارىسىدىلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن مەملىكەت خاراكتېرلىك بولغان بىر زور < ئىختىساس ئىگىلىرى كرىزىسى> .

يېقىندا ئونۋىرسىتىتىمىزدا مەخسۇس سىڭدۈرمە مەشغۇلات سىستېمىسى توغرىسىدا زور كۆلەملىك بىر لېكسىيە ئۆتكۈزۈلدى، بۇ لىكسىيەدە سىڭدۈرمە سىڭدۈرمە سىستىمىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ۋەكىل قىلىپ تۇرمۇشىمىزدىكى ئەڭ ئاددى بولغان ئوغىردىن مۇداپىئە سىسىتمىسىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئەھۋالىنى تەقلىدى كۆرسەتتى.(كەلگۈسى بىر قانچە يىلدا سىز سىرتتا تۇرۇپ تورغا چىقىپ ئۆزىڭىزنىڭ ئۆيىنىڭ تور بىتىنى ئىچىپ، كامىرانى ئىچىش ئارقىلىق ئۆيىڭىزدە بولۇۋاتقان ئىشلارنى بىلەلەيسىز، ئۆچۈرۈلمەي قالغان چىراقلارنى ئۆچۈرەلەيسىز.گاز تۇربىسىنى ئىتىۋىتەلەيسىز، تۇرۇبا سۈيىنى توختىتالايسىز....ۋەھاكازالار ). بۇ ساھەدىكى خادىملارنىڭ قانچىلىك ئەتىۋارلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، مەملىكىتىمىزدە بۇ ساھەدە پىشقان خادىملار 3000غا بارمايدۇ، يىرىم يىللىق سىڭدۈرمە سېستېما تەجرىبىسىگە ئىگە كىشىلەرنىڭ ھازىرقى ئىشقا ئايلىق چۈشۈش مائاشى 3000يۇەن، بىر يىللىق بولسا 7000 يۇەن، ئىككى يىللىق بولسا تۈمەندىن ئاشىدۇ دەپ بىزلەرگە شۇنداق تەشۋىق قىلىپ كەتتى. مەنمۇ بۇ سىڭدۈرمە سىسىتمىسىنى ئۈگىنىۋاتقىلى خىلى بولۇپ قاپتۇ. بۇ جەھەتتىمۇ ئازراق بولسىمۇ ساۋاتلىق بولۇۋالدىم، شۇڭا مەنمۇ بۇ تىخنىكىنى قىرىنداشلىرىمغا تەشۋىق قىلاي دەپ ھەمدە ئۆزۈمنىڭ ئۈگەنگەنلىرىمى توردىكى ئۇستاز - قىرىنداشلارغا يوللاپ باقاي، خاتا جايلىرىنى تۈزۈتۈپ، يول كۆرسىتىپ، تەلىم بىرىشنى ۋە بۇجەھەتتە قىزىقىدىغان دوستلار بىلەن بىرلىكتە مۇنازىرلىشىشنى ھەم قىرىنداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئۇشبۇ يازمىنى تەييارلىدىم.

1. باپ سىڭدۈرمە سىستىمىسى ئۇقۇمى[تەھرىرلەش]

بۇ باپتا ئاساسلىقى سىڭدۈرمە سىستىمىنىڭ نىمە ئىكەنلىكى توغۇرسىدا بەلگىلىك چۈشەنچىگە ئىرىشىمىز.

1.1.سىڭدۈرمە سىستىما بىلەن تونۇشۇش[تەھرىرلەش]

سىڭدۈرمە سىستىما دىسە بەلكىم نۇرغۇن قىرىنداشلىرىمىزغا يىڭىچە تۇيۇلىشى مۇمكىن .لىكىن ئەتراپىمىزغا قارىساق بۇ بىزدىن ھەرگىز يىراق ئەمەسلىكىنى، بىزنىڭ مۇشۇ سىڭدۈرمە سىستىمىلارنىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتقانلىقىمىزنى بايقايمىز.

سىڭدۈرمە سىستىما تۇرمۇشىمىزدا ئىنتايىن كۆپ قوللىنىلىدۇ، مەسىلەن، بىز دائىم يىنىمىزدىن ئايرىمايدىغان تېلفون، MP3,PDA، ئىلىكترونلۇق لۇغەت، مودىم، كەڭ بەلباغ مودىمى (مۈشۈك)، كۇنۇپكا تاختىسى، قاتتىق دىسكا، كۆرسىتىش كارتىسى، ئاۋاز كارتىسى، پرىنتىر، سكانىر، شىفىرلىق ئاپارات قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ھەرخىل ئوخشاش بولمىغان سىڭدۈرمە مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ئارقىلىق كونىترول قىلىنىدۇ.

بەلكىم بۇنداق دىسەم ئازراق گۇمانلنىشىڭىز مۇمكىن، بەلكىم مېنى يالغان دەۋاتىدۇ دەپ قىلىشىڭىز مۇمكىن، مەنمۇ دەسلەپتە سىڭدۈرمە سىستىمىنىڭ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا بۇنداق كۆپ قوللىنىلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. ئەمەلىيەتتە ئۇ بىز ئويلىغانىمىزدىنمۇ بەكرەك قوللىنىشچانلىققا ۋە ئىستىقباللىقا ئىگە.

ئاڭلىشىمچە جوڭگودا پەقەت خەن مىللىتى بىلەن بىز ئۇيغۇرلارنىڭلا ئۆز تىلىمىزدا ئىشلەنگەن ئىلىكترونلۇق لۇغىتىمىز ھەم تىلىفونىمىز بار ئىكەن، بۇ ھەقىقەتەن بىزلەرنى ھاياجانغا سالىدۇ، مەنمۇ مۇشۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندا ھەقىقەتەن بەك خوشال بولغاندىم، شۇڭا شىنجاڭغا قايتقان چاغدا ئۇدۇللا بىرىپ ئىرپان لۇغىتىدىن بىرنى سىتىۋالدىم. بىزنىڭ مۇشۇ پەخىرلىك مەھسۇلاتىمىزمۇ دەل مۇشۇ سىڭدۈرمە مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ئارقىلىق كونتىرول قىلىنىدىغان سىڭدۈرمە سىستىمىدىن ئىبارەت.

يەنە بىر مىسال، يىقىندا بازارغا سىلىنغان ئۇيغۇرچە يانفونلارمۇ سىڭدۈرمە سىستىمىسى ئارقىلىق ئىشلەنگەن. ئۇيغۇرچە DVD,VCD قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سىڭدۈرمە سېستېما ئارقىلىق ئىشلەنگەن. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق يادروسى سىڭدۈرمە مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ.(سىڭدۈرمە مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ توغىرسىدا كىيىنچە چۈشەنچە بىرىلىدۇ)

يۇقىرىدا سىڭدۈرمە سىستىمىنىڭ تۇرمۇشىمىزدا كەڭ قوللىنىلىدىغانلىقى توغىرسىدا قىسقىچە چۈشنىپ ئۆتتۇق، ئۇ بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىن باشقا يەنە ئالەم قاتنىشى، دۆلەت مۇداپىئەسى (مەسىلەن، رادار، باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ئاتوم بومبىسى، بومباردىمانچى ئايروپىلان....) قاتارلىقلاردا ناھايتى كەڭ قوللىنىلىدۇ. BMW شىركىتى ئىشلەپچىقارغان ماشىنىلاردا 70 دىن كۆپرەك سىڭدۈرمە مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ بار ئىكەن.

2.1. سىڭدۈرمە سىستىمىنىڭ ئالاھىدىلىكى[تەھرىرلەش]

20-ئەسىرنىڭ 70-80-يىللىرىدىن باشلاپ ھەرخىل سىڭدۈرمە مەشغۇلات سىسىتمىسى ئاجايىپ زور تەرەققىياتلارغا ئىرىشتى.ئىنتىرنىتنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگشىپ ئىنتىرنىتقا يۈزلەنگەن سىڭدۈرمە مەشغۇلات سىسىتمىسى ئاساسلىق ئىقىم بولۇپ قالدى.

سىڭدۈرمە سىستىمىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى مۇنداق ئىككى تۈرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:

1. سىڭدۈرمە سىسىتما مەھسۇلات ئالاھىدىلىكى:[تەھرىرلەش]

يىغىنچاق، سەرپىياتى تۆۋەن، ئىلىپ يۈرۈشكە يۆتكەشكە ئەپلىك، تور بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بارغانسىرى زىچلىشىپ بىرىۋاتىدۇ.

ئەڭ ئاددىيسى بىز ئادەتتە ئىشلىتىۋاتقان كومپىيۇتېرنىڭ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچى بىلەن مۇئەللىم لۇغىتىنىڭ سىڭدۈرمە مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچىسىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرسىڭىزلا بۇنى ھىس قىلالايسىز. (بىزنىڭ ئۇيغۇرچە لۇغەتلىرىمىزنى ئادەتتىكى باتارىيە بىلەنلا قوزغاتقىلى بولىدۇ، يانجۇقىمىزغا سىلىپلا نەمۇ –نە ئىلىپ يۇرەلەيمىز، ئەمما كومپىيۇتېرنى .. ) .

ئۇنىڭدىن باشقا مەھسۇلاتنىڭ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچىسىنىڭ تەرەققىياتى بىر قەدەر تۇراقلىق بولىدۇ . يەنە ئاسانلىقچە يىڭىلانمايدۇ. بىر ئومومىي سىسىتمىنىڭ ئۆمرى 8-10يىلغىچە بولىدۇ.چۈنكى سىسىتمىغا ئىشلەتكەن سىڭدۈرمە مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ تىخنىكا تەلىپى ناھايتى يۇقىرى. ئۇ بىز ئىشلىتىپ كۆنگەن كومپىيۇتېرنىڭ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچىغا ئوخشاش 18 ئايدىلا بىر يىڭى مەھسۇلات ياسالمايدۇ. (مور قانۇنى). سىڭدۈرمە مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنى ياسىغان شىركەت ئۆزىنىڭ بۇنداق يۇقىرى تىخنىكىلىق مەھسۇلاتىدىن ئۇنداق ئاسان ۋاز كەچمەيدۇ. پەقەت ئۇنىڭ يۇمتال قىسمىنى يىڭىلاپ، ۋە باشقا ھەرخىل كودلار بىلەن تەمىنلەپ ئۆز مەھسۇلاتىنىڭ بازاردىكى ئۆمرىنى ئۇزارتىشقا تىرىشىدۇ.

2 .سىڭدۈرمە سىسىتمىنىڭ يۇمشاق دىتال ئالاھىدىلىكى:[تەھرىرلەش]

سىڭدۈرمە مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلىتىدىغان يۇمشاق دىتال بولسا سىڭدۈرمە سىستىمىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ ئەڭ مۇھىم تومۇرى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. سىڭدۈرمە سىتما يۇمتالىنىڭ كودى ناھايتى يۇقىرى سۈپەتلىك، يۈكسەك ئىشەنچىلىك بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ھەم مۇقىم ساقلىغۇچ (FLASH، بىز ئىشلىتىۋاتقان قاتتىق دىسكا مۇقىم ساقلىغۇچ دىيىلمەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئايلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان ساقلىغۇچ بولسا بىزنىڭ قاتتىق دىسكىمىزغا ئوخشىمايدۇ)تەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى بۇنداق بولغاندا يۇمتالنىڭ ئجرا بولۇش ۋاقتى كۆپ قىسقىرايدۇ ھەم سىستمىنىڭ ئىشەنچىلىك دەرىجىسى ئاشىدۇ (ئاسانلىقچە چاتاق چىقمايدۇ، قىتىۋالمايدۇ، مەسىلەن قاتتىق تەۋرىنىشكە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك).

سىڭدۈرمە مەشغۇلات يۇمشاق دىتالى سىستىمىسى (قىسقارتىپ سىڭدۈرمە مەشغۇلات سىستىمىسى دىيىلدى) غا بولغان تەلىپى ئىنتايىن يۇقىرى . بۇنداق سىڭدۈرمە مەشغۇلات سىسىتمىسىنىڭ سىغىمى ناھايتى كىچىك، سىز ئويلىغاندىنمۇ كىچىكرەك . بۇنداق بولىشى ئۇنىڭ ئىجرا قىلىش ۋاقتىنى كۆپ قىسقارتىدۇ. يەنى شۇ پەيتنىڭ ئۆزىدىلا قوزغاتقىلى بولىدۇ.بۇ رىئال ۋاقىتلىق مەشغۇلات سىسىتمىسى (实时操作系统Real Time Operating System) دىيىلىدۇ.بۇنىڭ قانچىلىك تىز ئىكەنلىكىنى ئىلىكترونلۇق لۇغەتنى ياكى يانفونىڭىزنى قوزغاتسىڭىزلا بىلىسىز. (سىڭدۈرمە مەشغۇلات سىسىتمىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئۇنىڭ سىېغىمى ۋە قوزغىلىش ۋاقتى ئوخشاش بولمايدۇ، سىڭدۈرمە مەشغۇلات سسىسىتىمىسى توغىرسىدا كىيىنچە داۋاملىق چۈشەنچە بىرىلىدۇ، تېلىفوننىڭ دەسلەپتە چىقىدىغان Logo رەسىمى قوزغىلىش ۋاقتىنى ۋاقىتلىق ئۇزارتىش ئۈچۈن لاھىيەلەنگەن، يەنى بەزى تىلىفونلارنىڭ بۇ يېرى يامان ئۇزۇن، بولۇپمۇ مېنىڭ، تەخمىنەن 15 سىكونت كىتىدۇ، ئەرزان بولغاچقا ئۇنىڭغا ئىشلەتكەن سىڭدۈرمە مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچمۇ ئەڭ ئادەتتىكىسى ئوخشايدۇ.)

شۇنىڭ بىلەن سىڭدۈرمە سىستمىنىڭ ئالاھىدىلىكى توغۇرسىدا بىرىدىغان چۈشەنچە ئاخىرلاشتى. ئەمەلىيەتتە مەن بۇ يەردە تونۇشتۇرغىنىم پەقەت ئەڭ تىپىك بولغان ئازلا بىر قىسمى، قالغىنىنى ئوقۇرمەن دوستلار ئۆزلىرى ئويلىنىپ باقسا بولىدۇ.

3.1.1. سىڭدۈرمە سىسىتمىنىڭ تۈرى[تەھرىرلەش]

ئوخشاش بولمىغان تۈرگە بۆلۈش ئۆلچىمىگە ئاساسەن ئۇنى ئوخشاش بولمىغان تۈرلەرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.مەسىلەن سىرتقى قىياپىتى ۋە ئىشلەتكەن قاتتىق دىتاللارغا قاراپ :

ئۈزەك دەرىجىلىك سىڭدۈرمە سىسىتما[تەھرىرلەش]

تەركىبىدە پىروگرامما ۋە ھىسابلاش ئۇسۇلى بولغان مەركىزىي بىرتەرەپ قىلغۇچ بولغان سىڭدۈرمە سىستىمنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن كومپىيۇتېرنىڭ كۆرسىتىش كارتىسى بۇنىڭغا تىپىك مىسال بولالايدۇ. بىز دائىم دەيدىغان پالانى تىپلىق ياكى پالانى ئۈزەكلىك كارتا دىگەنلەر دەل مۇشۇ ئۈزەك دەرىجىلىك سىڭدۈرمە سىسىتمىدۇر.

مودۇل دەرىجىلىك سىڭدۈرمە سىستىما[تەھرىرلەش]

تەركىبىدە مەلۇم بىر يادرولۇق مودۇل بولغان سىڭدۈرمە سىستىمنى كۆرسىتىدۇ... ۋەھاكازالار.

سىڭدۈرمە سىستىمىنىڭ تۈرىنى بەك بىلىپ كىتىشنىڭ ئانچە بەك زۆرۆرىيتى يوق، چۈنكى بىز رەسمىي بىر تۈرگە تۇتۇش قىلغان ۋاقتىمىزدا ئۇنى ئۆزىمىزنىڭ ئىھتىياجى ئۈچۈن خالىغىنىمىزچە لاھىيەلىسەك بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئۇنى ئۇنداق تۈرلەرگە بۆلۈپ ئولتۇرۇش كەتمەيدۇ.


1.1.4. سىڭدۈرمە سىسىتمىنىڭ قوللىنىلىشى[تەھرىرلەش]

يۇقىرىدا بىز ئۇنىڭ قوللىنىلىش دائىرسى توغىرسىدا قىسقىچە چۈشەنچە بەرگەنىدۇق، ئەمدى تۆۋەندىكىگە قاراپ باقايلى:

1. سانائەتتە قوللىنىلىىشى.

مىخانىكىلىق كونترول قىلىش، سانائەت ماشىنا ئادىمنى، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنى كونترول قىلىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىنزور....قاتارلىق ساھەلەردە ناھايتى مۇھىم قوللىنىشچانلىققا ئىگە، مۇنداقچە ئىيتقاندا سانائەت ئىشلەپچىقىرشنى ئاپتوماتلاشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى.

2. ئۆلچەش ئىشلىرىدا قوللىنىلىشى

ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆلچىگۈچ، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، دولقۇن كۆرسەتكۈچ ....

3. كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا قوللىنىلىشى

ئېلېكترونلۇق ئويۇنچۇق، ئېلېكترونلۇق لۇغەت، توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ، ئۈنئالغۇ، سىنئالغۇ، سىنقويغۇ، ھاۋا تەڭشىگۈچ......

4. رادىئو سىگنالىدا قوللىنىلىشى

ئەقلىي ئىقتىدارلىق لىنىيە كونتىروللىغۇچ..

5. يول باشلاش سىسىتمىسىدا قوللىنىلىشى

باشقۇرۇلىدىغان بومبا يول باشلاش سىسىتمىسى كونتروللىغۇچ، تورپىدا كونتروللىغۇچ، ئالەم قاتنىشى يول باشلاش سىسىتمىسى....

6. سانلىق مەلۇماتنى بىرتەرەپ قىلىشتا قوللىنىلىشى

سىكاننىر، كۆپەيتكۈ، پىرىنتىر، ...

7. ئۇچۇر ئالاقە تورىدا قوللىنىلىشى

كۆچمە تىلفون....

8. يىزا ئىگىلىك ۋە قاتناش تىرانسىپورتتا قوللىنىلىشى

سۈرئەت چەكلىگۈچ، تۇپراقسىز ئۆستۈرۈش...

قاتناش ساقچىسىنىڭ سۈرئەت ئۆلچەش ئەسۋابىمۇ دەل تىپىك بولغان سىڭدۈرمە سىسىتمىدۇر.


سىڭدۈرمە سىسىتما توغىرسىدىكى دەسلەپكى چۈشەنچىلەر توغىرىسدا بىرىلىدىغان چۈشەندۈرىشىمىز مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى. قالغىنى ئوقۇرمەن قىرىنداشلار ئۆزلىرى ئەتراپىنى كۆزىتىپ باقسا بولىدۇ.


2.باپ سىڭدۈرمە سىسىتمىنىڭ تۈزىلىشى ۋە ئۇنى ئېچىش توغىرسىدا دەسلەپكى چۈشەنچە[تەھرىرلەش]

بۇ باپتا سىڭدۈرمە سىسىتمىنىڭ تۈزۈلۈش قۇرۇلمىسى توغىرسىدا دەسلەپكى چۈشەنچىلەر بىرىلىدۇ.ۋە ئۇنى قانداق ئېچىش توغىرىسىدا دەسلەپكى ساۋاتلار سۆزلىنىدۇ

1.2. سىڭدۈرمە سىسىتمىنىڭ ئاسالىق تەركىبى[تەھرىرلەش]

سىڭدۈرمە سىسىتىمىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى سىڭدۈرمە قاتتىق دىتال سىسىتمىسى ۋە سىڭدۈرمە يۇمشاق دىتال سىسىتىمىسى دەپ ئىككىگە بۆلۈشكە بولىدۇ.

سىڭدۈرمە قاتتىق دىتال سىستىمىسى:

سىڭدۈرمە مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ.

ساقلىغۇچ

تەقلىدى توك يولى ۋە توك مەنبەسى

ئۇلاش ئىغىزىنى كونترول قىلغۇچ ۋە ھەرخىل سىرتقى ئۈسكۈنىلەر

سىڭدۈرمە يۇمشاق دىتال سىستىمىسى:

سىڭدۈرمە يۇمشاق دىتال سىسىتمىسىنى يەنە سىڭدۈرمە مەشغۇلات سىسىتىمىسى ۋە سىڭدۈرمە قوللىنىشچان يۇمشاق دىتال دەپ ئىككىگە ئايرىشقا بولىدۇ.

RTOS(Real Time Operating System) رىئال پەيتلىك مەشغۇلات سىستىمىسى .(بۇ بىزنىڭ سىڭدۈرمە سىستىمىمىزدا قوللىنىلىدىغان مەشغۇلات سىسىتىمىسى).

قوللىنىشچان يۇمشاق دىتال سىستىمىسى بولسا، RTOS دە ئىشلەيدىغان يۇمشاق دىتاللارنى كۆرسىتىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىزنىڭ سىڭدۈرمە سىسىتىمىمىزدا ئىشلەتكەن قاتتىق دىتاللارنىڭ ھەرخىل قوزغاتقۇچ پروگراممىلىرىمۇ يۇمشاق دىتاللار قاتارىغا كىرگۈزۈشكە بولىدۇ.


2.2. سىڭدۈرمە سىستىمىنى ئېچىش قوراللىرى[تەھرىرلەش]

سىڭدۈرمە سىسىتمىنى ئاچىدىغان قوراللارنى قاتتىق دىتال ئاچىدىغان قوراللار ۋە يۇمشاق دىتال ئاچىدىغان قوراللار دەپ ئىككىگە بۆلۈشكە بولىدۇ.

قاتتىق دىتاللارنى ئاچىدىغان قوراللار ئاساسلىقى – تەقلىد قىلغۇچ، ئېچىش تاختىسى، دولقۇن كۆرسەتكۈچ ۋە باشقا ھەرخىل ئۆلچەش ئۈسكۈنىسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئاساسلىقى قاتتىق دىتاللاردىن ئىبارەت.


يۇمشاق دىتاللارنى ئاچىدىغان قوراللار ئاساسلىقى _ تەھرىرلىگۈچ، گىرەلەشمە تەرجىمە قىلىش، ئۇلاش، ئورۇن بەلگىلەش ۋە تەڭشەش يۇمشاق دىتاللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلار بىزنىڭ كومپىيۇتېرىمىزدا بىۋاستە ئىجرا قىلىپ، سىڭدۈرمە سىسىتىمىنى ئاچىدىغان يۇمشاق دىتاللارنى كۆرسىتىدۇ.

سىڭدۈرمە سىسىتمىدا ئىجرا قىلىدىغان يۇمشاق دىتاللارنى كومپىيۇتېردا بىۋاستە ئىجرا قىلغىلى بولمايدۇ. بۇنى بىز يۇقىرىدا ئيتقان ھەرخىل ئىچىش يۇمشاق دىتاللىرى بىلەن تەھرىرلەپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن ئۇنى تەقلىد قىلغۇچ ئارقىلىق ئىچىش تاختسىدا تەقلىد قىلىمىز. يەنى كۆزىتىمىز. ئەمەلىيەتتە سىڭدۈرمە سىسىتمىدا ئىشلىتىلىدىغان سىستىما بىز ئادەتتە كومپىيۇتېردا ئىشلەتكەن مەشغۇلات سىسىتىمىسىغا ئوخشىىمايدۇ. ئۇنىڭ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچىسى ۋە ئىچكى ساقلىغۇچنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىمۇ بىزنىڭ كومپىيۇتېرلىرىمىزغا ئوخشىمايدۇ. شۇڭا كومىيۇتىردا سىڭدۈرمە سىسىتما ھۆججەتلىرىنى بىۋاستە ئىجرا قىلغىلى بولمايدۇ.


3.باپ 7ARM بىلەن تونۇشۇش[تەھرىرلەش]

ARM دىگەن نىمە؟

ARM بولسا (Advanced Risc Machines limited)ARMشىركىتى لاھىيەلىگەن سىڭدۈرمە مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ.

بۇ باپتا ئاساسلىقى ARM7نىڭ قۇرۇلما تۈزۈلىشى، ARM مەركىزىي بىرتەرەپ قىلغۇچلىرىنىڭ تۈرلىرى، ARM ساقلىغۇچ ئۇلاش ئىغىزى، ARMخىزمەت ھالىتى، ARM ساقىلىغۇچىسى، ARM نىڭ ئادرس بوشلۇق تارقىلىشى قاتارلىق مەزمۇنلار سۆزلىنىدۇ.

1.3. ARM مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچنى چۈشەندۈرۈش[تەھرىرلەش]

نۆۋەتتە دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان يىرىم ئۆتكۈزگۈچ شىركەتلەر ARMشىركىتىنىڭ بەرگەن ھوقوقىنى ئىشلىتىدۇ. بۇ ئەھۋال ARM تىخنىكىسىنى تىخىمۇ كۆپ بولغان ئۈچىنچى تەرەپ قۇراللىرى بىلەن، يۇمشاق دىتاللارنىڭ قوللىشى قاتارلىقلار ئارقىلىق پۈتۈن سىسىتىمىنىڭ تەننەرخىنى زور دەرىجىدە چۈشۈرۈپ، مەھسۇلاتلارنى ئاسانلا بازارغا يۈزلەندۈرۈپ ئىستىمالچىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ۋە تىخىمۇ زور بولغان بازار رىقابىتىگە يۈزلەندۈرىدۇ.

ARM شىركىتى ئۆزى ARM مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنى ئىشلىمەيدۇ، ARM شىركىتى پەقەت يىرىم ئۆتكۈزگۈچ شىركەتلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئەقلىي پاتنىتلىق ARM مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ ئۈزەكنىڭ لاھىيەسى بىلەنلا تەمىنلەيدۇ. مۇنداقچە ئىيتقاندا ARM شىركىتى ARMمەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ تىخنىكىسىنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى. ھەم بۇ تىخنىكىنى باشقا شىركەتلەرگە ئىشلىتىش ھوقوقى سۈپىتىدە سىتىپ بىرىدۇ، ئۈزەك ئىشلەيدىغان يىرىم ئۆتكۈزگەچ شىركەتلىرى خىرىدارلارنىڭ ئىھتىياجى بويىچە ARMدىن سىتىۋالغان لاھىيەنى قوللىنىپ ئۆزلىرىنىڭ يىڭىچە بولغان ARM مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ.

1.1.3. ARM مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە تىپلىرى.[تەھرىرلەش]

ARM قوللانغىنى RISC(Reduced Instruction Set Computer精简指令计算机) ئىخچاملاشتۇرۇلغان بۇيرۇقلار توپلىمى ماشىنىسى بولۇپ نەشىرلىرىمۇ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرىلىۋاتىدۇ.

سىڭدۈرمە مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنى CISC(Complex Instruction Set Computer) مۇرەككەپ بۇيرۇقلار توپلىمى ماشىنىسى ۋە RISC(Reduced Instruction Set Computer精简指令计算机) ئىخچاملاشتۇرۇلغان بۇيرۇقلار توپلىمى ماشىنىسى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.

RISCۋە CISC نۆۋەتتە مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ لاھىيەلەش ۋە ياساشتىكى ئىككى تىپىك بولغان تىخنىكا بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.ئۇلار تۆۋەندىكىدەك تەرەپلەردە پەرىقلىنىدۇ.

(1) بۇيرۇق سىسىتىمىسى.

(2) ساقلاش مەشغۇلاتى.

(3) پىروگرامما.

(4) ئۈزۈش.

(5) دەۋرىيلىكنى لاھىيەلەش.

(6) قوللىنىش دائىرسى .

ئەسلىدە يۇقارقى مەزمۇنلارنى تەپسىلىي چۈشەندۈرسەك بولاتتى، لىكىن ھەممىسى نەزەرىيۋىي، خەۋەردەكلا ئۇقۇملار بولغاچقا بۇ يەردە پەقەت مۇشۇنداق يۈزەكىلا چۈشەنچە بىرىپ ئۆتتۇق. ئەگەر يۇقارقىلارنىڭ ھەقىقىي پەرقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز كومپىيۇتېرنىڭ مەركىزي بىر تەرەپ قىلغۇچىسىغا ئائىت بىرەر كىتابنى تەپسىلىيرەك كۆرۈپ چىقىڭ، ئاندىن بۇلارنىڭ ھەقىقىي پەرقىنى بىر كەسپ ئەھلى سۈپىتىدە تۇرۇپ ھىس قىلالايسىز. ئەمما بۇ يەردە مېنىڭچە بۇنىڭدىن ئارتۇق چۈشەنچە بىرىش كۆپچىلىكنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلغانلىق بولامدىكى دەيمەن. توغرا چۈشەنگەيسىلەر..(مەن ئۆزۈممۇ بۇ ئىككىسىنىڭ ھەقىقىي پەرقىنى پەقەتلا يۈزەكلا بىلىمەن، RISCبولسا ئاددى ھەم چۈشىنىشلىك، ئۈگىنىش ئاسان، بۇيرۇقلىرى ئاز، ئىشلىتىش ئەپلىك، CISC بولسا مۇرەككەپ، بۇيرۇقىلىرى كۆپ، ئەمما ئۇنىڭمۇ نۇرغۇن ئارتۇقچىلىق ھەم كەمچىلىك تەرەپلىرى بار، مەن چۈشەندۈرمەكچى بولغان سىڭدۈرمە سىسىتما توغىرسىدىكى بۇ لىكسىيەدە ئاساسلىقى RISC نى قوللىنىمىز، كىيىنكى باپلاردا ئوقۇرمەنلەر ئاستا ئاستا تەبئىيلا ھىس قىلىپ قالىدۇ. ).

3.1.3. ARMمەكزىي بىر تەرەپ قىلغۇچىسىنىڭ ئىچكى يادروسى.[تەھرىرلەش]

ARM مەھسۇلاتلىرى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل:

ARM7, ARM9, ARM9E, ARM10E, ARM11,SecurCore,Strong ARM,Xscale قاتارلىق يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى بار.(2008)

(1) 7ARM مەھسۇلاتلىرى:

سەرپىياتى تۆۋەن، 32خانىلىق RISC بىر تەرەپ قىلغۇچ.

ئاساسلىقى كۆپ ۋاستە ۋە ئىنتىرنىت ئۈسكۈنىلىرى، مودىم، كۆچمە تىلفون، ئالقان كومپىيۇتېرى ...قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

WindowsCE,linux,PalmOS قاتارلىق مەشغۇلات سىسىتىمىسى بىلەن ماسلىشىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا باشقا تۈردىكى ARM مەھسۇلاتلىرىنىڭ بەزىلىرى بىلەنمۇ ماسلىشىدۇ.

(2) 9ARM مەھسۇلاتلىرى:

يۇقىرى ئىقتىدارلىق تۆۋەن سەرپىياتلىق، WindowsCE,linux,PalmOS قاتارلىق مەشغۇلات سىسىتىمىسى بىلەن ماسلىشىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا باشقا تۈردىكى ARM مەھسۇلاتلىرىنىڭ بەزىلىرى بىلەنمۇ ماسلىشىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ساقلىغۇچنى باشقۇرۇش جەھەتتە ئارتۇقچىلىققا ئىگە.

تور كومپىيۇتىرى، كۆپ ۋاستلىق تىلفون، بىخەتەرلىك سىسىتىمىلىرى، پىرىنتىر، ئۆلچەش ئۈسكۈنىلىرىدا قوللىنىشقا مۇۋاپىق.

(3) ARM9E مەھسۇلاتلىرى:

(4) ھەجىمى كىچىك، ئىقتىدارى يۇقىرى. يىڭى ئەۋلاد سىمسىز ئالاقە، شىىفىرلىق مەھسۇلاتلار، سانائەت كونتروللاش، تور ئۈسكۈنلىرىدە قوللىنىشقا مۇۋاپىق.

(5) ARM10E مەھسۇلاتلىرى:

ئىقتىدارى ناھايتى يۇقىرى. ھەرخىل مەشغۇلات سىسىتىمىلىرىنى قوللايدۇ. سۈرئىتى تىز.

(6) ARM11 مەھسۇلاتلىرى:

سۈرئىتى تىز، ئىقتىدارى يۇقىرى، لاھىيەلىنىش جەھەتتە باشقا مەھسۇلاتلاردىن كۆپ بولغان ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە. باھاسى سەل قىممەت.

(7) SecurCore مەھسۇلاتلىرى:

ئاسالىقى بىخەتەرلىك، مۇداپىئە ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ. ئىلىكترونلۇق سودا، تور بانكىسى قاتارلىق يۇقىرى ئىستىماللىق مەھسۇلاتلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

(8) Strong ARM مەھسۇلاتلىرى:

32خانىلىق RISC بىر تەرەپ قىلغۇچ. بۇ مەھسۇلاتلارغا ئىنتىل شىركىتىنىڭ تىخنىكىسىمۇ قوشۇلغان بولۇپ مەھسۇلات ئىقتىدارى تىخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.

(9) Xscale مەھسۇلاتلىرى:

بۇ ئىنتىل شىركىتى نۆۋەتتە ئاساسلىق كىڭەيتىۋاتقان ARMبىر تەرەپ قىلغۇچ. ئىقتىدارى ناھايتى يۇقىرى، باھاسىمۇ خىلى يۇقىرى. قوللىنىلىش دائىرسى كەڭ .


4.باپ، سىڭدۈرمە مەشغۇلات سىسىتمىسى[تەھرىرلەش]

سىڭدۈرمە مەشغۇلات سىسىتىمىسى سىڭدۈرمە يۇمتاللار ئىجرا بولىدىغان سۇپا ۋە ئاساسلار. سىڭدۈرمە مەشغۇلات سىسىتىمىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى سىڭدۈرمە يۇمتاللارنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈلشىدىكى بىر مۇھىم مەسىلىنى ھەل قىلدى.سىڭدۈرمە مەشغۇلات سىسىتىمىسىمۇ كومپىيۇتېرنىڭ مەشغۇلات سىسىتىمىسىغا ئوخشاش تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىككە ئىگە:

 1. 进程调度 – ئىجراچىلىق تەڭشىلىشى (نىمە دەپ ئېلىشنى ئۇقمىدىم)

2.ئىچكى ساقلىغۇچنى باشقۇرۇش

3.ئەسلىھە باشقۇرۇش (قاتتىق دىتال باشقۇرۇش)

4.ھۆججەت باشقۇرۇش.

5.مەشغۇلات سىسىتمىسى ئۇلىنىش ئېغىزى (API)

6.تەڭشىلىش ئىقتىدارى

7.تور ئىقتىدارى

8.پەيتلىكچانلىق realtıme

.ئەمەلىيەتتە ئوخشاش بولمىغان كىتابلاردا بىرىلگەن ئالاھىدىلىكىمۇ ئوخشاش ئەمەس. ئەمما ئاساسلىق ئالاھىدىكلىرى يۇقارقىدەك . بۇلارنى تەپسىلى چۈشەندۈرسەك، ھەربىر ئالاھىدىلىكى ئۈچۈن ئاز بولغاندا 100بەتتىن توغرا كېلىدۇ. بۇ يازمىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى مۇشۇ سىڭدۈرمە سىسىتما بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە تونۇشۇش . شۇڭا بەزى كەسپى يەرلەر يېزىلماي كەتتى. ئەمما، ئاساسلىق ئۇقۇم ۋە چۈشەنچىلەر ئاغزاكى تىلدا چۈشۈنۈشلۈك قىلىپ يېزىشقا تىرىشىمەن.

سىڭدۈرمە سىسىتما بىلەن سىڭدۈرمە مەشغۇلات سىسىتمىسى ئىككىسى ئايرىم ئۇقۇم.

مەسىلەن، بىزنىڭ كومىيۇتېرىمىزنىمۇ بىر سىڭدۈرمە سىسىتىما دىيىشكە بولىدۇ(مىسالغا). ئاندىن بىز قاچىلىغان مەشغۇلات سىسىتىمىمىز دەل سىڭدۈرمە مەشغۇلات سىسىتىمىسىغا توغرا كېلىدۇ.

PSPنى ئاساسەن كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ دەپ قارايمەن. مۇشۇ PSPمۇ ئەمەلىيەتتە بىر سىڭدۈرمە سىستىمىدىن ئىبارەت . يىقىندا توردا ئاشكارلىنىشىچە PSPگە بەزىلەر ۋىندوۋس مەشغۇلات سىسىتمىسىنى قاچىلاپتۇ. نوكىيانىڭ 5800تىپلىق تېلفونىغا ئانجرويىدنى قاچىلىغانلارمۇ باركەن (بۇنىڭغا تازا ئىشەنچ قىلغىلى بولماسمىكى؟).

ئەمەلىيەتتە ئەگەر بىز كومپىيۇتېر پىرىنسىپى 计算机组成原理ۋە 微机原理دىگەندەك نەزەرىيۋى بىلىملەرگە پۇختا بولساق، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 数字电路,模电,电路基础دىگەندەك بىلىملەرگە پۇختا بولساق، پروگرامما لاھىيەلەش تىلىرىدىن Cتىلى ۋە 汇编语言 لەرگە پۇختا بولساق، مەشغۇلات سىسىتمىسى پرىنسىپلىرىنى بىلسەك بۇنداق ئىشلارنى ئۆزىمىزمۇ قىلالايمىز.

بۇ يەردە تىمىدىن چەتنەپ كەتمەي تۇرايلى، بۇ توغۇرلۇق ئۆزئارا پىكىرلەشسەكمۇ بولىدۇ.

4.1.كۆپ قوللىنىلىدىغان سىڭدۈرمە مەشغۇلات سىسىتمىسى تۈرلىرى[تەھرىرلەش]

ئالدى بىلەن تورداشلار مۇنۇ سۇئالنى ئويلاپ بىقىڭلار:

1. سۇئال: نوكىيا 5800نىڭ سىسىتمىسى (مەشغۇلات سىسىتىمىسى) قايسى؟

2. سۇئال:Iphoneنىڭ مەشغۇلات سىسىتمىسى قايسى؟

3. قارا بۆلجۈرگەن تېلفونىنىڭ مەشغۇلات سىسىتىمىسى قايسى؟

4. MileStoneتېلفونىنىڭ مەشغۇلات سىسىتمىسى قايسى؟

5. windowsسىسىتمىلىق تېلفونلاردىن قايسىلىرى بار؟

6. ئىرپان شىركىتى ئىشلەپ بازارغا سالغان ئوكيانۇس لۇغىتىنىڭ مەشغۇلات سىسىتمىسى قايسى؟ (ئىرپان شىركىتى تورىنى زىيارەت قىلىپ بېقىڭ)


.

سىڭدۈرمە سىسىتمىنىڭ قۇرۇلمىسى:[تەھرىرلەش]

سىڭدۈرمە سىستىما ئاساسەن ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ.

1. قاتتىق دىتال قىسمى .

2. يۇمشاق دىتال قىسمى .

تۆۋەندىكى رەسىمگە قارىساق بۇنى ھىس قىلالايمىز:

سىڭدۈرمە سىسىتما قۇرۇلمىسى

qu.jpg

قارىساق CPUھەممىسىنىڭ ئاساسى.

ئەڭ ئاۋال ئۆزىمىزنىڭ تەلىپىمىزگە ماس كېلىدىغان بىر CPUتاللايمىز. ئەلۋەتتە بۇ يەردە چىقىمنى قاتتىق ئويلىشىمىزدە.

ئوخشاش بولمىغانCPU نىڭ قوللاش ئىقتىدارى ئوخشاش بولمايدۇ . سىڭدۈرمە سىسىتمىنىڭ بۇ تەرىپى ئادەتتىكى كومپىيۇتېرلارغا ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن بىز كومپىيۇتېرىمىزنىڭ سەپلىمىسىنى، CPUنى يۇقۇرى كۆتۈرمەكچى بولساق، ئاشۇ ئانا تاختا قوللايدىغان CPUدىن بىرنى ئەكىلىپ ئورنىتىپ قويساقلا (ئالماشتۇرۇپ) قويساقلا بولىدۇ. ئەمما سىڭدۈرمە سىستىمىنىڭ CPUسى پەقەت ئوخشاش تىپلىق مەھسۇلاتقىلا ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ. مەسىلەن، بىز تېلفوننىڭ CPUسىنى ئەكىلىپ لۇغەتنىڭكىگە سېلىپ قويساق بولمايدۇ. (ئەگەر ئىشلەتكەن CPU ئوپمۇ ئوخشاش بولسا بولىدۇ)

بۇنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن يەنىلا ئاشۇ 微机原理دىگەن دەرسكە مۇراجىئەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.ھىچقىسى يوق، ھازىرچە مۇشۇنچىلىك بىلگەچ تۇرايلى.

hw.jpg

ئاندىن ئاساسلىق قاتتىق دىتاللار.

بۇ يەردە ئاساسلىقى ساقلىغۇچ ۋە باشقا قاتتىق دىتاللار، مەسىلەن ئاۋاز كارتىسى، تور كارتىسى ھەرخىل ئۇلىنىش ئېغىزلىرى دىگەندەك…

ئاندىن مەشغۇلات سىسىتمىسى ۋە كېڭەيتىلمىلەر.

بىز يۇقارقى تەلەپلەرنى قاندۇرىدىغان بىر مەشغۇلات سىسىتمىسى تاللايمىز. ئاندىن بۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك بۆلەكلىرىگە قارىتا تەڭشەش ئىلىپ بارىمىز. بۇنى قانداق چۈشۈنىمىز؟

مەسىلەن ئالما كومپىيۇتېرىنىڭ مەشغۇلات سىسىتمىسى ئادەتتىكى كومپىيۇتېرلارغا بىۋاستە قاچىلىغىلى بولمايدۇ. چۈنكى مەشغۇلات سىستىمىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بۆلەكلىرى ئالما كومپىيۇتېرىنى ‹تونۇيدۇ›.

ئەمدى بىزنىڭ قىلىدىغان ئىشىمىز مۇشۇ ئالما مەشغۇلات سىىستىمىسىغا كومپىيۇتېرىمىزنى ‹تونۇشتۇرۇش› . ئەمەلىيەتتە بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ھازىر باشقىلار تەرىپىدىن ئەمەلگە ئېشىپ بولدى. بۇنىڭغا كىتەرلىك بولغان بىلىملەردىن Cتىلى، 微机原理,计算机组成原理,操作系统原理دىگەندەكلەر...

ئۇنىڭدىن كىيىن سىڭدۈرمە سىسىتما ئۇلىنىش ئېغىزى (API)

بىز مۇشۇ سىسىتما تەمىنلەپ بەرگەن ئۇلىنىش ئېغىزلىرىدىن پايدىلىنىپ سىسىتمىنىڭ ئىقتىدارىنى كىڭەيتەلەيمىز.

ئاندىن كىيىن قوللىنىشچان يۇمشاق دىتاللار.

بىزنىڭ قىلىدىغان ئەڭ ئاخىرىقى ئىشىمىز يەنى سىسىتىمىنىڭ بىزگە لازىملىق بولغان ئىقتىدارى دەل مۇشۇ بۆلەكتە ئەمەلگە ئاشىدۇ. مەسىلەن، بىز لۇغەت لاھىيەلىمەكچى دەيلى، يۇقارىدا دىگەن دەپ ئۆتكەن ھەممە باسقۇچلار پۈتۈنلەي مۇشۇ ئەڭ ئاخىرىقى باسقۇچ ئۈچۈن. يەنى بىز ئالدى بىلەن لۇغەتنىڭ ئومومىي قۇرۇلمىسى يەنى توك يولى، ئىكران، كۇنۇپكا تاختىسى ...دىگەندەك ھەممىنى لاھىيەلەپ بولدۇق . ئاندىن بىز ئۇنىڭغا ئۆزىمىز مۇشۇ سىسىتمىغا ماس بولغان مەشغۇلات ىسىتمىسىنى تەڭشەپ قاچىلىدۇق (بۇ ئادەتتىكى كومپىيۇتېرغا قاچىلىغانغا ئوخشىمايدۇ). ئاندىن ئۇنىڭدا مەشغۇلات سىسىتىمىمىزنى قوزغاتتۇق.(مەسىلەن سىڭدۈرمە لىنۇكس دىگەندەك).

ئاندىن بىز ئۆزىمىزنىڭ HelloWorldدىگەن پروگرامىمىزنى ئىجرا قىلىپ نەتىجىلىك بولغان ۋاقىتتا ئاندىن باشقا ئىقتىدارلىرىنى ئېچىشقا باشلايمىز.

بۇ سالام دۇنيا دىگەن پروگرامما ئەمەلىيەتتە ناھايتى ئاددى . بۇنى مىسال ئۈچۈن شۇنداق دەپ قويدۇم. ھازىر بۇنداق سىڭدۈرمە سىسىتما لاھىيەلەيدىغانلار ئاساسلىقى خەق لاھىيەلەپ تەييار قىلىپ قويغان قىلىپنىڭ مۇناسىۋەتلىك بۆلىكىنى ئۆزگەرتىپلا ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا سالىدۇ. مەسىلەن، قارايدىغان بولساق، بارلىق تاغ تۇرا تېلفونلىرىنىڭ سىسىتمىىسى ئاساسەن ئوخشاش. لۇغەتلەرمۇ ئاشۇنداق . ئاۋۋال ئاشۇنداق بىر لۇغەت ياسايدىغان يەنى تەتقىق قىلىدىغان بىر شىركەتنى تېپىپ ئاندىن ئۇنىڭدىن مەلۇم بىر خىل تىپنىڭ ئىشلىتىش ھوقوقىنى سېتىۋالىمىز. ئۇنىڭدىن كىيىن شۇ شىركەت تەمىنلەپ بەرگەن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئۆزگەرتىمىز. مەسىلەن، كۇنۇپكا تاختىسىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرىمىز، ئۈستىگە ئۆزىمىزنىڭ ماركىسىنى باسىمىز دىگەندەك .

ئاندىن قىلىدىغان ئىشىمىز يۇمشاق دىتال قىسمىنى ئۆزگەرتىش. مانا بۇ ئەڭ قول تۇتىدىغان يېرى.

بۇنىڭ يۇمشاق دىتاللىرىنى ئۆزىمىز بىرمۇ بىر ئۆزگەرتىپ چىقىمىز. (ئادەتتە قارايدىغان بولساق، خەنزۇچە لۇغەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ لۇغەتتىن باشقا يەرلىرى تامامەن ئوخشايدۇ).

ئۆزىمىز مۇستەقىل ياسايدىغان قىسمىمىز ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ۋە فونت قىسمى . خەنزۇلار بۇ يەرلىرىنى بىز ئۈچۈن قىلىپ بېرىپ بولالمايدۇ. بىزنىڭ سىڭدۈرمە سىسىتمىمىزدا يەنى لۇغىتىمىزدە ئۇيغۇرچە كۆرۈنۈش ۋە كىرگۈزۈش مۇۋاپپىقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن ئاندىن بىز لۇغەت ئامبارلىرىنى قۇرۇشقا كىرىشىمىز.

لۇغەتتىن سۆزلۈكنى ئاختۇرۇش ئۇسۇلىنى بايامقىدەك شىركەتلەر بىزگە ئاللىبۇرۇن تەمىنلەپ بەرگەن . ئەمدى بىز بۇنى ئۇيغۇچىغا ماسلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىمىز ياكى تەتقىق قىلىپ يېڭىچە بىر ئاختۇرۇش ئالگرونىزىمىنى يېزىپ چىقىمىز.

ئاندىن سىنايمىز. يەنە سىنايمىز. ئۇنىڭدىن كىيىن بارلىق پروگراممىلىرى بىلەن شۇنداق بىر لۇغەت ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىنى ئىزدەيمىز. ئاندىن مال زاكاس قىلىمىز . مەھسۇلاتىمىزنى ئىشلەپ بېرىدۇ . ساتىمىز. باشقىلار پايدىلىنىدۇ....

ئەمەلىيەتتە ئىش بۇنچىۋالا ئاسان ئەمەس . راست، ئېغىزدا دىمەك ناھايتى ئاسان . لىكىن ئەمەلىيەتتە قىلماق ئىنتايىن مۈشكۈل! ھەر بىر باسقۇچ شۇنداق جاپالىق . مەسىلەن، ئەڭ ئاددىيسى بىزنىڭ بىر كەسپى دەرسلىكنىڭ بىر تاپشۇرۇقىدا بىر ھىسابلاش ماشىنىسى 计算器لاھىيەلەڭلار دىگەنىدى، (بىز ئادەتتە ئىشلىتىدىغان ھىسابلاش ماشىنىسى، شۇنى بىز نۆلدىن باشلاپ ياساپ باققان)بىزنىڭ ئالدىمىزدا ھەممە ئەسۋاب سايمانلار تولۇق . ئەڭ ئېسىل، ئەڭ ئىلغار تەجرىبە ئۈسكۈنىلىرى تۇرۇپتۇ. بىزنىڭ گۇرۇپپىدىكى ئۈچەيلەن بۇنى شۇنداق تەستە ياساپ پۈتتۈردۇق. ئەمما باشقىلارغا ياردەم بېرىپ ياسىشىپ بەرگەن ۋاقىتتا ئەمەلىيەتتە ئۇنچىۋالا تەس ئەمەسلىكىنى ھىس قىلدۇق .

بۇ ساھەدە ئەڭ مۇھىمى تەجرىبە!

تەجرىبە ئەمەلىيەتتىن كېلىدۇ. تالاي قىتىم مەغلۇب بولۇپ، نۇرغۇن جاپا قىيىنچىلىقلارغا ئۇچراپ ئاندىن بىر ئۈنۈم ياراتقىلى بولىدۇ. مۇشۇ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئېلكتېرونلۇق لۇغەتچىلىك ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۇۋاتقان خادىملىرىمىزغا تۈمەنمىڭ قىتىم رەھمەت!

لۇغەت تۈزۈش بىلەن DVDياساش ئىككىسىنى ھەرگىزمۇ سىلىشتۇرغىلى بولمايدۇ!...

بەلكىم ئارىمىزدا مۇشۇ DVDياسىتىپ باققانلار بار بولىشى مۇمكىن. DVDنىڭ logoرەسىمى (يەنى ماركا رەسىمى)نى ئۆزگەرتىپ باققانلار بولىشى مۇمكىن.

بۇنى ئۆزگەرتىش ناھايتى ئاسان. بىزگە لازىم بولىدىغىنى بىر ئۈزەك يازغۇچ (芯片绕写器) ئاندىن بىز بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ DVDنىڭ ئاساسلىق ئۈزەكىنى زاپاسلىيالايمىز. ئاندىن مۇشۇ زاپاسلىغان ھۆججەتنى ئېچىپ مۇۋاپىق قوراللارنىڭ ياردىمىدە ئۆزگەرتەلەيمىز.

DVDغا قارايدىغان بولساق بۇمۇ ئاللىبۇرۇن بىر قىلىپقا چۈشۈپ بولغان. ھەممىسىنىڭ سىسىتمىىسى ئاساسەن بىر . ئەگەر بىز DVDياساتماقچى بولساق مۇشۇنداق ياسايدىغان سودىگەرلەردىن بىرنى تىپىپ ئالاقىلەشسەك، ئۇيغۇرچىلاشتۇرىدىغان يەرلىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرساق، ئۇلار بىزگە ياساپ بەرسە، بىز ساتساق...

نىمە دىگەن تاتلىق خىياللار ھە بۇ ! ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئىشلارنى قىلىشقىمۇ نۇرغۇن مەبلەغ كېتىدۇ. قىزىدىغانلار ئەلىبابا تورىغا چىقىپ مۇشۇ توغۇرلۇق ئىزلەپ باقسىڭىز ھەممىنى بىلىسىز.