سۇجى مەڭگۈ تېشى
سۇجى مەڭگۈ تېشى بۇ مەڭگۈ تاشنى 1900- يىلى فىنلاندىيە ئالىمى گ . ج . رامېىستېد سابىق موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇجى تۆپىلىكى ئەتراپىدىن بايقىغان. مەڭگۈ تاش تېكىستى 11 قۇر بولۇپ، ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن (مىلادىيە 840- يىلى) كېيىنكى ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ.
سۇجى مەڭگۈ تېشىنىڭ يەشمىسى
[تەھرىرلەش]- 1. مەن ياغلاقار خانى ئاتا ئۇيغۇرلارنىڭ يېرىگە كەلدىم (ياكى " مەن ئۇيغۇرلارنىڭ يېرى ياغلاقار خان تۇرۇشلۇق جايغان كەلدىم " دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. )
- 2. مەن قىرغىزلارنىڭ ئوغلى بويلا قۇتلۇق يارخان.
- 3. مەن قۇتلۇق باغا تارخان ئۈگەنىڭ بۇيرۇقى )ۋەزىرى (
- 4. مېنىڭ شۆھرىتىم كۈنچىقىش ۋە كۈنپېتىشقا تارالغان.
- 5. مەن بايدۇرمەن، مېنىڭ قوتانلىرىم ئون، يىلقىلىرىم سانسىز.
- 6. مېنىڭ يەتتە ئىنىم، ئۈچ ئوغلۇم، ئۇۈچ قىزىم بار، مەن ئوغۇللىرىمنى ئۆيلىدىم.
- 7. قىزلىرىمنى تويلۇق ئالماي ياتلىق قىلدىم. مەن مانى راھىپ كالانلىرىمغا (mar) يۈز ئەر چاكار ۋە ئۆي بەردىم.
- 8. مەن جىيەن ئوغلۇمنى ۋە نەۋرەمنى كۆردۈم. ھازىر مەن ئۆلدۈم.
- 9. مېنىڭ ئوغلۇم كىشىلەر (؟) تەرەپتە تۇرىدۇ، خۇددى مېنىڭ مانى راھىب كالانلىرىمغا ئوخشاش، ھۆرمەتكە سازاۋەر خان ! )تىرىشىپ) ئىش بېجىرىدۇ !
- 10. مېنىڭ چوڭ ئوغلۇم ............
- 11. مەن كۆرەلمىدىم ئوغلۇم
قازاقىستانلىق ئۇيغۇر تارىخچىمىز دوكتور ئابلەت كامالوف ئەپەندىم ئۆزىنىڭ « ئۇيغۇر خاقانلىقىنىڭ ئېپىگرافىيىلىك يادىكارلىقلىرى » ناملىق ئىلمىي ئەمگىكىدە مەزكۇر مەڭگۈ تاش ھەققىدە مۇنداق قۇرلارنى يازغان: موغۇن شىنە ئۇسۇدىن تېپىلغان يېزىق مەزكۇر يادىكارلىق فىنلاندىيە ئالىمى گ.رامستېد 1909-يىلى تېپىپ، ئۇنى "سېلىنگا تېشى" دەپ ئاتىغان. تاش پۈتۈك 759--760-يىللىرى ئەلئەتمىش بىلگە خاقان قەبرىگە قويۇلغان يادىكارلىقنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ھېساپلىنىدۇ. گ.رامستېد مەزكۇر يېزىقنىڭ تەرجىمىسىنى نېمىسچە (1913) ۋە رۇسچە (1914) تىللاردا نەشر قىلدۇردى. رۇسچە نەشرى س.مالوفنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، 1959-يىلىن نەشر قىلىنغان « موڭغۇلىيە ۋە قىرغىزىستاندىكى قەدىمىي تۈرك يادىكارلىقلىرى » كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن. بۇ كىتابتا مەزكۇر يېزىق « مويۇن چۇر يادىكارلىقى » دەپ بېرىلگەن. « مويۇن چۇر --» ئەلئەتمىش خاقاننىڭ تەختىكە ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرىكى ئىسمىنىڭ ئېنىق ئەمەس تىكلىنىشى بولۇپ، خەنزۇچە مەنبەلەردە "مويان" شەكلىدە ساقلىنىپ قالغان. ئۇنىڭدىكى "جو" سۆزىنىڭ تۈركچە تەلەپبۇزى "چۇر" ئېنىقىراقى "چور" (ئۇيغۇرچە ئۇنۋان نامى) بىرىنچى قىسمى "مويان" مەزكۇر كىتابتا ھىچ ئۆزگۈرۈشسىز ئېلىنغان. ج.ھامىلتون بولسا مەزكۇر ئىسىمنى ئىلمىي ئاساستا «بايان چور» شەكلىدە بېكىتتى. شۇڭلاشقا «بايان چور» شەكلى كېيىنكى ۋاقىتلاردا كەڭ قوللىنىلماقتا.