سۇغا سەكرەش

ئورنى Wikipedia

قارلىغاچتەك يەڭگىل، چاقپەلەكتەك پىرقىراپ سۇغا سەكرەش ھەرىكىتىنىڭ «بوشلۇقتىكى بالېت» دېگەن نامى بار.

تەرەققىيات تارىخى[تەھرىرلەش]

سۇغا سەكرەش ھەرىكىتى جۇڭگودا پەيدا بولغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بەزىلەر كېمىنىڭ ماچتىسىغا يامىشىپ چىقىپ سۇغا سەكرەپ، ئۆزىنىڭ باتۇرلۇقىنى ۋە سۇدىكى ماھارىتىنى نامايان قىلغان. 19-ئەسىردە سۇغا سەكرەش ھەرىكىتى ياۋروپادا باش كۆتۈرگەن، ئەمما ئۇ ۋاقىتلاردا كىشىلەر پەقەت قىيالىق ۋە كۆۋرۈكلەردىن سۇغا سەكرىگەن. 1871-يىلى ئەنگلىيىدىكى سۇغا سەكرەش مۇسابىقىسىدە ئامېرىكا ماھىرى جوزېن 46 مېتىر ئېگىزلىكتىكى كۆۋرۈك بېشىدىن تامېس دەرياسىغا سەكرەپ چېمپىيون بولغان. 1904-يىلىدىكى 3-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا سۇغا سەكرەش مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر سۇغا كىرىشتىن ئاۋۋالقى بوشلۇقتىكى قىياپەت بىلەن ھەرىكەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا دىققەت قىلىپ، تېخنىكىسىنى بارغانسېرى ئۆستۈرۈپ بارغان.

سۇغا سەكرەش مۇسابىقىسى ھەققىدە[تەھرىرلەش]

سۇغا سەكرەش مۇسابىقىسىدە، ئەر-ئاياللار قاڭقىش تاختىسىدىن سۇغا سەكرەش ۋە ئەر-ئاياللار پەشتاقتىن(سۇپىدىن) سۇغا سەكرەش دەپ تۆت تۈر تەسىس قىلىنغان. قاڭقىش تاختىسىنىڭ بىر ئۇچى مۇقىم، يەنە بىر ئۇچى ئېلاستىكلىققا ئىگە بولۇپ، ئېگىزلىكى 1 مېتىر ۋە 3 مېتىر دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. ئادەتتە رەسمىي مۇسابىقىلەردە 3 مېتىرلىقى ئىشلىتىلىدۇ. سەكرەش پەشتىقىنىڭ ئېگىزلىكى 5 مېتىر، 5.7 مېتىر ۋە 10 مېتىر دەپ ئۈچ خىلغا ئايرىلىدۇ. رەسمىي مۇسابىقىلەردە 10 مېتىرلىق پەشتاق ئىشلىتىلىدۇ.

سۇغا سەكرەش مۇسابىقىسىنىڭ ھەرىكەتلىرى ئادەتتە بىرقانچە نومۇر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن، C107، B305، D5136 دېگەندەك. بىرىنچى نومۇر ھەرىكەتنىڭ گۇرۇپپا ئايرىمىسىنى ئىپادىلەيدۇ:1 − ئالدىچىلاپ سۇغا سەكرەش، 2 − كەينىچىلەپ سۇغا سەكرەش، 3 − ئۆرۈلۈپ سۇغا سەكرەش، 4 − ئىچىگە تولغىنىپ سۇغا سەكرەش، 5 − بەدەننى بۇراپ سۇغا سەكرەش، 6 − قول بىلەن تىكلىنىپ سۇغا سەكرەش(پەقەت پەشتاقتىن سەكرەشتىلا بار) ؛ ئىككىنچى نومۇر يۆنىلىشكە ۋەكىللىك قىلىدۇ:1 − ئالدىغا، 2 − كەينىگە، 3 − ئۆرۈلۈش، 4 − ئىچىگە، ئەگەر گۇرۇپپا نومۇرى بىلەن تەكرارلىنىپ قالسا، ئۇ ھالدا ئىككىنچى نومۇر ئادەتتە» 0 «گە ئالمىشىدۇ، مەسىلەن، 107، 205، 305 دېگەندەك؛ ئۈچىنچى نومۇر ئاتقان موللاقنىڭ سانىنى، يەنى1 − يېرىم موللاقنى، 2 − بىر موللاقنى ئىپادىلەيدۇ؛ ئەگەر بەشىنچى گۇرۇپپىدىكى بەدەن بۇراپ سۇغا سەكرەش ئورۇندالغان بولسا، ئۇنداقتا تۆت خانىلىق سان كېلىپ چىقىپ، تۆتىنچى نومۇر بەدەننىڭ بۇرالغان سانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، يېرىم بۇرۇلۇش1 بىلەن، تولۇق بۇرۇلۇش2 بىلەن ئىپادىلىنىدۇ؛ ئەڭ ئاخىرىدىكى ئىنگلىزچە ھەرپ موللاق ئاتقان ۋاقىتتىكى قىياپەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ، A − بەدەننى تۈزلەش، B − بەدەننى ئېگىش، C − تىزنى قۇچاقلاش، D− بەدەننى بۇراپ سۇغا سەكرىگەندە تىزىنى قۇچاقلىسىمۇ ياكى پۈكۈلسىمۇ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مۇشۇنداق بىرلەشتۈرگەندە، C107 دېگىنىمىز: ئالدىغا ئۈچ يېرىم موللاق ئېتىپ تىزنى قۇچاقلاش؛ B305 دېگىنىمىز: ئۆرۈلۈپ ئىككى يېرىم موللاق ئېتىپ پۈكۈلۈش؛ D5136 دېگىنىمىز: ئالدىغا بىر يېرىم موللاق ئېتىپ ئۈچ بۇرۇلۇشنى ئىپادىلەيدۇ.

ئېلىمىزنىڭ سۇغا سەكرەش تۈرىدىكى نەتىجىللىرى[تەھرىرلەش]

80-يىللارغا قەدەم قويغاندىن كېيىن، جۇڭگو، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ئۈچ دۆلەت ئۈزلۈكسىز تۈردە دۇنيا سۇغا سەكرەش ساھەسىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ كەلمەكتە. ئامېرىكىلىق لوجانېس ئەرلەر قاڭقىش تاختىسىدىن ۋە پەشتاقتىن سەكرەشتىكى چوڭ مۇسابىقىلەرنىڭ ئالتۇن مېدالىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئىگىلىۋالغان بولۇپ، » بوشلۇقتىكى قەھرىمان «دەپ نام ئالغان. 1988-يىلىدىكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدىن كېيىن، ئۈستۈنلۈك جۇڭگوغا ئۆتۈپ، ئاياللار تۈرىدە جۇڭگونىڭ ئۈستۈنلۈكى تېخىمۇ روشەن بولغان. 1984-يىلىدىكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا جۇ جىخۇڭ پەشتاقتىن سەكرەشتە ئالتۇن مېدال ئالغان. 1988-يىلىدىكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا شۈي يەنمېي بىلەن گاۋ مىڭ قاڭقىش تاختىسىدىن ۋە پەشتاقتىن سەكرەشتە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن. 1992-يىلىدىكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا فۈ مىڭشيا بىلەن گاۋ مىڭ پەشتاقتىن ۋە قاڭقىش تاختىسىدىن سەكرەشتە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن.