سۇغا چىداملىق قەغەز

ئورنى Wikipedia

بىر خىل سۇدىن مۇداپىيەلىنەلەيدىغان قەغەز بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىقتىدارى غەلىتە ئۇنى سۇغا سېلىپ قويسا قانچە ئۇزاق تۇرسىمۇ ھېچنىمە بولمايدۇ، ئەگەر ئۇنى سۇدىن ئېلىپ بىردەم قويۇپ قويسا، ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايتىدۇ.

 

قىسقىچە مەزمۇنى[تەھرىرلەش]

ئادەتتىكى قەغەزلەر سۇدىن قوقىدۇ، ھەتتا پۇل بېسىشقا ئىشلىتىلىدىغان قەغەزمۇ سۇدا ئۇزۇن تۇرسا بىسىلىپ كېتىدۇ، بۇنىڭدىن بىر قانچە ئون يىللار ئىلگىرى، سۇغا چىداملىق قەغەزمۇ بار دېسە كۆپىنچە كىشىلەر ئىشەنمەيتتى . ھازىر ھەرخىل سۇدىن قوقمايدىغان قەغەزلەر ئىشلىنىپ چىقتى. بىر خىل سۇدىن مۇداپىيەلىنەلەيدىغان قەغەز بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىقتىدارى غەلىتە ئۇنى سۇغا سېلىپ قويسا قانچە ئۇزاق تۇرسىمۇ ھېچنىمە بولمايدۇ، ئەگەر ئۇنى سۇدىن ئېلىپ بىردەم قويۇپ قويسا، ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايتىدۇ، ئۇنداقتا ئۇ قەغەز نېمە ئۈچۈن سۇدىن قورقمايدۇ ؟

ئادەتتىكى قەغەزلەرنىڭ ھەممىسى ياغاچ ياكى ئۆسۈملۈك تالالىرىنى خام ئەشيا قىلىنىپ ئىشلىنىدۇ، شۇ تەبىئىي تالالارنىڭ تەركىبىدە سىللۇزا بار ، سىللۇزا مولىكولاسىدا بىر قانچە مىڭلىغان گىلوكۇزا بۆلەكچىلىرى بولۇپ ، بۇ بۆلەكلەرنىڭ بىر قىسمىدا سۇغا مايىللىق رولى بار . ئەگەر ئادەتتىكى قەغەزنى سۇغا سالساق ئاسانلا بۇزۇلىدۇ ، سۇغا چىداملىق قەغەزلەر ئانئورگانىك ماددىلاردىن ئىشلەنگەن ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر خىل قەغەز بازالىت ، شۈەنۋو مىنرالى ياكى قۇملاردىن ئىشلەنگەن شۇەنرۇڭ مىنرالى سۇيۇلدۇرۇلغاندىن كېيىن ، سۇزۇلۇپ ئىنچىكە يىپ ھالىتىگە كەلتۇرۇلۇپ ، ئۇندىن كېيىن فىمۇل ئالدېگىد سىمولىسىغا چىلاپ ، ئۇنىڭغا يەنە بەيتۇفىن قوشۇپ ئىشلەنگەن . مەسىلەن : مەخسۇس پىۋا ، گاز سۈيى ، مېۋە سۈيى قاچىلىنىدىغان قەغەز بولۇپ ، نىپىز مېتال پىلاستىنكا ، سىنتىتىك سىمولا ، قەغەز ئۇچىنىڭ بىرىكىشىدىن تەركىب تاپقان . ئۇ ھاۋا ، سۇيۇقلۇق ئۆتكۈزمەيدۇ ، سۇغا چىداملىق. يەنە بىر خىل قەغەز بىرىكمە قەغەزدىن ئىشلەنگەن ، مەسىلەن : مەخسۇس پىۋا ، گاز سۇيى ، مېۋە سۇيى قاچىلىنىدىغان قەغەز بولۇپ ، نېپىز مېتال پىلاستىنكا ، سىنتېتىك سىمولا ، قەغەز ئۇچىنىڭ بىرىكىشىدىن تەركىب تاپقان . ئۇ ھاۋا ، سۇيۇقلۇق ئۆتكۈزمەيدۇ . كۆڭۇلدىكىدەك سۇغا چىداملىق قەغەز.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سۇدىن مۇداپىيەلىنىدىغان ماددىلارنى قەغەزگە ئارلاشتۇرۇش ئارقىلىق مەسىلەن

ھازىر سۇدىن قورقمايدىغان قەغەزدىن قەغەز ئىستاكان، قۇتا تەخسە قاتارلىقلار ئىشلەنمەكتە، ئۇلارغا ئىچىملىكلەر، ھەتتا قىززىق شورپا، تاماق قاتارلىقلار قاچىلىنىدۇ. ئىشلىتىشكە ئەپلىك، يەڭگىل ھەم پاكىز،پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، يېڭىدىن يېڭى سۇغا چىداملىق قەغەزلەر كۆپلەپ مەيدانغا كېلىدۇ.