سۇلايمان ئىسلام

ئورنى Wikipedia

   سۇلايمان ئىسلام، 1972-يىلى 7-ئايدا تۇغۇلغان، 1995-يىلى 7-ئايدا تيەنجىن نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد پەنلىرى فاكولتىتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپىنى تاماملىغان، 2004-يىلى ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا، 2007-يىلى ئىقتىسادشۇناسلىق دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1995-يىلدىن 1997-يىلغىچە شىنجاڭ توقۇمىچىلىق سانائەت (گوروھ) شىركىتىدە ئىشلەپ، 1997-يىلى 8-ئايدا مالىيە ئىقتىساد ئونىۋېرسىتېتىغا يۆتكىلىپ كىرگەن. شىنجاڭ مالىيە ئىقتىساد ئونىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتلار يىتەكچىسى. ئاساسلىقى «تەرەققىيات ئىقتىسادشۇناسلىقى»، «ئىگىلىك ئىقتىسادشۇناسلىقى»، «رايون ئىقتىسادشۇناسلىقى» ۋە « ئالىي مىكرو ئىقتىسادشۇناسلىق» دەرسلىرىنى ئۆتۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، 30 دىن ئاتۇق ئىلمىي ماقالىسى ئېلان قىلىنغان بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئوندىن ئارتۇق ماقالە ئاساسلىق ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان، دەرسلىكلەرنىڭ تەرجىمە-تەھرىر ئىشلىرىغا قاتنىشىپ، غەرب ئىقتىسادشۇناسلىق دەرسلىكىنى تۈزۈپ چىققان. ھەمدە غەرب ئىقتىسادشۇناسلىق ئۆگىنىش قوللانمىسى ناملىق كىتابنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرلىكىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. دۆلەت دەرىجىلىك تېمىدىن ئۈچىگە، ئاپتونوم رايونلۇق نۇقتىلىق تۈردىن ئىككىگە، مائارىپ مىنىستىرلىكى تۈرىدىن ئىككىگە، ھەمدە خەلقئارا توغرا لىنىيىلىك تۈردىن بىرىگە قاتناشقان. ھازىر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پىلان ئىشخانىسى تۈرىدىن بىرگە رىياسەتچىلىق قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە.

     شان – شەرەپلىرى :  

     شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇتۇش-تەربىيلەشتىكى ئىلغار شەخس.

     ئىجتىمائىي جەمئىيەت قوشۇمچە ۋەزىپىلىرى :

     شىنجاڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىدارىسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى؛

     شىنجاڭ دېھقانچىلىق نازارىتى يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى؛

     شىنجاڭ مالىيە ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ژورنىلى تەھرىرى؛

     شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئسىتانسىسى بۈگۈنكى سۆھبەت پروگراممىسىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك مۇلاھىزىچىسى؛

     شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئسىتانسىسى ئىقتىسادىي سىياسەت چۈشەندۈرۈش مۇتەخەسسىسى؛

     مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى ئالاھىدە تەكلىپلىك مۇلاھىزىچىسى؛

     كارخانىلاردىكى قوشۇمچە ۋەزىپلىرى :

     ئىلگىرى ئاۋستىرالىيە تىنچ ئوكيان ئالتۇن چەكلىك شىركىتى باش ئىجرائىيە مۇدىرى (2005.8 –2007.9)

     جۇڭگو-ئاۋستىرالىيە شېرىكچىلىكىدىكى تىنچ ئوكيان شىركىتى مۇدىرى، مۇئاۋىن باش دېرىكتورى ( 2006.7- 2008.7)

     ئاۋستىرالىيە مۇستەقىل مەبلىغىدىكى – ئاۋشىن چۇاڭگۇەن مەبلەغ سېلىش مەسلىھەت بېرىش شىركىتى مۇئاۋىن باش دېرىكتورى (2007.7 – 2010.3)

     ھازىر شىنجاڭ لوڭبو مەبلەغ سېلىش گورۇھىنىڭ مۇستەقىل لېدىرى، مۇئاۋىن باش دېرىكتورى، مالىيە باش مۇدىرى ۋە باش تۈر مەسلىھەتچىسى.