سۇلۇس خەت نۇسخىسى

ئورنى Wikipedia

” الثلث“ (سۇلۇس) سۆزى ئەرەبچىدە ”ئۈچتىن بىر“دېگەنلىكتۇر. ئەرەب خەتتاتلىقىدا سۇلۇس خەت نۇسخىسىدا كامالەتكە يەتمىگەن ئادەم خەتتات سانالمايدۇ. بەزىلەر ھەتتا سۇلۇس خەت نۇسخىسىنى بىراقلا ئەرەب خەتتاتلىقى دەپ ئاتايدۇ، چۈنكى ”ئۇ بارلىق ھۆسنخەت نۇسخىلىرىنىڭ ئانىسى. “يەنە بەزىلەر ”سۇلۇس“قەلەم ئۇچىنىڭ خەت يازغاندىكى كەڭلىكىنى كۆرسىتىدۇ دەپ قارايدۇ.

ئابباسىيلار سۇلالىسى دەۋرىدىكى داڭلىق خەتتات، باغداد ئوردىسىنىڭ ۋەزىرى ئىبنى مۇغەيرە سۇلۇس ۋە نەسخ خەت نۇسخىسىنىڭ ئۆلچەم-قائىدىلىرى، ھەرپلەرنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە ئورنىنى تۇنجى بولۇپ بېكىتىپ چىققان، شۇنىڭدىن بۇيان خەتتاتلار بۇ ئۆلچەمگە رىئايە قىلىپ كەلمەكتە. ئىبنى بەۋاب ئىبنى مۇغەيرە كۆرسەتكەن دائىرىدە خەتتاتلىقنى يەنە بىر پەللە يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۇنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرگەن ھەم گۈزەللەشتۈرگەن.

سۇلۇس خەت نۇسخىسىدا ھەرپلەرنىڭ ئۆزگىرىشى چوڭ، خەتلەر جۇشقۇن، مەردانە، گۈزەل ۋە تەكشى يېزىلىدۇ، بۇ خەت نۇسخىسى كۆپ ھاللاردا ئايەت كۆچۈرۈش، كىتاب ئىسمى ۋە ئېلان تاختىلىرىنى يېزىش، مەسچىت ۋە ئوردىلارنى زىننەتلەش ھەم نەقىشلەش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ.

بۇ خەت نۇسخىسىنىڭ باشقا خەت نۇسخىلىرىغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، جۈملىدىكى ھەرپلەرنىڭ ئاستى-ئۈستىگە تاۋۇش بەلگىلىرى ۋە قوشۇمچە زىننەت بەلگىلىرى، شۇنداقلا ئۆلچەم-قائىدىدە بەلگىلەنگەن ”شەكلى ئۆزگەرگەن بەلگىسىز كىچىك ھەرپلەر “قويۇلىدۇ.

مەنبە[تەھرىرلەش]

مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ئىسلام سەنئىتىدىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.