Jump to content

سۇيجۇ شەھىرى

ئورنى Wikipedia

سۇيجۇ(خەنزۇچە: 隨州) خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ غەربىي شىمالى قىسمىغا جايلاشقان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، دېھقانچىلىق پىرى يەندىنىڭ يۇرتى ئىكەن.

سۇيجۇ شەھىرى ھەققىدە

[تەھرىر]

سۇيجۇ خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ غەربىي شىمالى قىسمىغا جايلاشقان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، دېھقانچىلىق پىرى يەندىنىڭ يۇرتى ئىكەن. غەربىي جۇ سۇلالىسى مەزگىلىدە سۇي بەگلىكىنىڭ پايتەختى، چىن بەگلىكىگە قاراشلىق نەنياڭ ئايمىقى بولغان، تاڭ سۇلالىسىدىن كېيىن ۋىلايەت تۇرۇشلۇق جاي قىلىنغان.

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى

[تەھرىر]

ھازىر مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى خىش سېپىلنىڭ خارابىسى بار. قەدىمىي مەدەنىيەت خارابىلىرى، قەدىمىي قەبرىلەر كۆپ. شەھەرنىڭ غەربىگە جايلاشقان لېيگۇدۈن قەدىمىي قەبرىلەر توپىدىكى زېڭ بېگى يىنىڭ قەبرىستانلىقىدىن كۆپلىگەن ئاسارئەتىقىلەر چىققان، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىنتايىن قىممەتلىك تىزما قوڭغۇراق، تىزما ئۇرۇپ چالىدىغان چالغۇ قارلىق قەدىمىي چالغۇلار بار.

سىرتقى ئۇلىنىش

[تەھرىر]

مەنبەلەر

[تەھرىر]