سۈينامە

ئورنى Wikipedia

«سۈينامە» (隋书)

«سۈينامە» تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن ۋېي چىڭ قاتارلىقلار تەرىپىدىن تەزكىرە- يىلنامە شەكىلدە يېزىلغان، سۈي سۇلالىسى (581-618- يىللار ) دەۋرىنىڭ تارىخىي نوقتىلىق بايان قىلنغان 85 جىلدلىق تارىخىي ئەسەر .

«سۈينامە » نىڭ 84- جىلد « شىمالىي دىلار تەزكىرىسى »دە مەخسۇس «تۈركلەر تەزكىرىسى» (突厥传) ۋە «تېلىلار تەزكىرىسى » (铁勒传) بېرىلگەن. «تۈركلەر تەزكىرىسى »دە تۈركىللەرنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىپ تۈرۈك خاندالىقىنى قۇرۇشى ،تۈركىلەرنىڭ جۇرجانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، تۈركىلەرنىڭ شەرق، غەرب ئىككىگە بۆلۈنىشى ، تۈرۈك خاندالىقنىڭ سىياسى ، ئىقتىسادى ، دۆلەت تەشكىلىي ، ئۆرۈپ ئادىتى تۈركىلەرنىڭ سۈي سۇلالىسى ۋە غەربىي رايۇندىكى بەگلىكلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قاتارلىقلار بىر قەدەر تەپسىلى بايان قىلىنغان .

«تېلىلار تەزكىرىسى » دە تېلىلارنىڭ غەربىي دېڭىز (西海) نىڭ شەرقىدىن تاڭى شەرىقتىكى ھەر قايسى جايلارغىچە تاغ- قىر بويلاپ ، دېڭىز- دەريا ۋادىلىرنى ياقلاپ ئورۇنلاشقان 40 نەچچە قەبىلە- ئۇرۇقنىڭ نامى، ئۇلارنىڭ جايلاشقان ئورۇنلىرى، تۈرك خانلىقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قاتارلىقلار بايان قىلىنغان .

ئۇنىڭدىن باشقا «سۈينامە » نىڭ 15- جىلد «مۇزىكا تەزكىرىسى» دە غەربىي رايۇندىكى قۇچۇ، كۈسەن، قەشقەر، ئۇدۇن قاتارلىق ئەللەرنىڭ مۇزىكا- ئۇسۇل سەنئىتى ۋە غەربىي رايۇن مۇزىكا- ئۇسۇل سەنئىتىنى ۋە غەربىي رايۇن مۇزىكا- ئۇسۇل سەنئىتىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقىلىپ كىرگەنلىكىگە دائىر مۇھىم مەلۇماتلار خاتېرلەنگەن . [28].