Jump to content

سېلىنگا دەرياسى

ئورنى Wikipedia

سېلىنگا دەرياسى موڭغۇلىيىدىكى خاڭاي تاغلىرىنىڭ شىمالىي يانباغرىدىن باشلىنىپ شىمالغا قاراپ ئېقىپ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بايقال كۆلىگە قۇيۇلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

[تەھرىر]

نامى :سېلنگا دەرياسى

قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇش

[تەھرىر]

موڭغۇلىيىدىكى خاڭاي تاغلىرىنىڭ شىمالىي يانباغرىدىن باشلىنىپ شىمالغا قاراپ ئېقىپ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بايقال كۆلىگە قۇيۇلىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 992 كىلومېتىر كېلىدۇ. موڭغۇلىيە قىسمىدىكى ئۇزۇنلۇقى 593 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. ئومۇمىي كۆلىمى 425 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. دەرياغا ئوڭ تەرەپتىن خانۇيى، ئورخون دەريالىرى، سول تەرەپتىن دېلگېر مورۇن، ئېگىن دەريالىرى قوشۇلىدۇ.

مۇندەرىجە

[تەھرىر]
  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
  • قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇش
  • ئالاقىدار بايان
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

ئالاقىدار بايان

[تەھرىر]

سۈيىنىڭ ئېقىشى تېز، دەريا قىنىنىڭ تۆۋەنلەش دەرىجىسى چوڭ، دەريانىڭ كۆلگە قويۇلۇش ئاغزىدىن تارتىپ سۇخا باتۇر شەھىرىگە قەدەر قاتناش قىلىشقا بولىدۇ. ھەر يىلى 10-، 11-ئايلىرىدىن باشلاپ ئىككىنچى يىلنىڭ 4-، 5-ئايلىرىغىچە دەريا سۈيى توڭلايدۇ. دەريا بويلىرىدىكى جايلار موڭغۇلىيە بويىچە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تەرەققىي قىلغان رايونلار ھېسابلىنىدۇ.

مەنبەلەر

[تەھرىر]