سەئىد ئىبنى مۇسەييەب

ئورنى Wikipedia

سەئىد ئىبنى مۇسەييەب ئىبنى ھازن ئەلقۇرەشىي ئەلمەخزۇمىي (سعيد بن المسيّب، ھ. 15 – 94 / م. 636 – 713) كۈنيىتى ئەبۇ مۇھەممەد بولۇپ، مەدىنىلىك مەشھۇر يەتتە تابىئىن فەقىھىدىن بىرىدۇر.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئەمىر - ئۆمەرالار بىلەن يېقىن بىرەر ئالىمنى كۆرسەڭلار، ئۇنىڭدىن ئېھتىيات قىلىڭلار، ئۇنداق ئالىم ئوغرىدۇر».

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، سەئىد ئىبنى مۇسەييەب ئەمەۋىي خەلىفەسى ئابدۇلمەلىكنىڭ ئوغۇللىرى ۋەلىد ۋە سۇلايمانغا بەيئەت قىلىشقا چاقىرىلغانىدى. ئۇ:

ــ كېچە بىلەن كۈندۈز ئالمىشىپلا تۇرىدىكەن مەن ئۇ ئىككىسىگە بەيئەت قىلمايمەن، ــ دېدى. ئۇنىڭغا:

ــ (ھېچ بولمىسا) بېرىقى ئىشىكتىن كىرىپ، نېرىقى ئىشىكتىن چىقىپ كەتكىن، ــ دېيىلگەنىدى. ئۇ جاۋابەن:

ــ ياق! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ھېچكىمنىڭ ماڭا ئەگىشىپ قېلىشىنى خاھلىمايمەن! ــ دېدى. شۇ ۋەجدىن ئۇنىڭغا يۈز دەررە ئۇرۇلۇپ، پوپلارنىڭكىدەك قارا يەكتەك كىيگۈزۈلگەن ئىدى.[1]


قاراڭ[تەھرىرلەش]

  1. ئەبۇ نۇئەيم: «ھىليەتۇل ئەۋلىياﺋ» 2\170 - بەت.