سەرراچلىق

ئورنى Wikipedia

      ئۇيغۇر قول ھۈنەرۋەنچىلىكىدە سەرراچلىق ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. سەرراچلار ئىگەر  –  جابدۇق، ھارۋا جابدۇقى، ئات، تۆگە، خېچىر، ئېشەكلەرنىڭ توقۇم –  مۆلۆسى ۋە بۇلارغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق جابدۇقلارنى ياسايدۇ.

    سەرراچلىقنىڭ مەھسۇلات تۈرى كۆپ ۋە خىلمۇ خىل. مەسىلەن: سەرراچلىرىمىز ئۇيغۇرچە قۇش باشلىق قەدىمكى ئىگەر، موڭغۇلچە، قازاقچە، قىرغىزچە، روسچە، ھەربىيچە ۋە خەنزۇچە ئىگەر قاتارلىق ئىگەرلەرنى، تۆت ئاتلىق، قوش ئاتلىق ھارۋا جابدۇقى، يارىيار، خادىك، كالا، ئېشەك ھارۋىسىنىڭ جابدۇقلىرىنى ياسايدۇ. سەرراچلىرىمىزنىڭ قولى چېۋەر، ئۇلار ھۈنەرگە كامىل. قۇش باشلىق ئىگەرنى ياساشتا ئۇلار ئىگەرنىڭ قاپىپى(ئىككى يېنى)، سوڭ(ئارقىسى)، ئۈستى كىرەشمىسى(ئىككى قاپىپىنى چېتىپ تۇرىدىغان) ۋە قۇشنىڭ بېشىنى ئايرىم ياسايدۇ. بۇلار پۈتكەندىن كېيىن، قۇش پېيى ئۇرۇپ يانجىلىپ، قاپىپا  –  سوڭغا يارا يېلىم سۈركىلىپ، ئۈستىگە يانجىلغان پەي چاپلىنىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن يەنە يارا يېلىم سۈركىلىپ، قۇش بېشى، قاپىپا، سوڭ، كىرەشمىلەر كىرىشتۈرۈلۈپ، بېرىلگەن يېلىم ئۈستىگە قاتمۇ قات ماتا ئورىلىپ، ھەر قاتقا يەنە يارا يېلىم بېرىلىدۇ، ئورالغان ماتا بىلەن ئىگەر تەڭشىلىدۇ، ئاندىن گۈللۈك رەخت ياكى گىلەم بىلەن بېزىلىدۇ. بەزى ئىگەرلەرگە تۇچ، كۈمۈش، مىستىن نەقىش قويۇلىدۇ.

    سەرراچلىرىمىزنىڭ  يۈگەن نەقىشلەش، قامچا ئۆرۈش، رەڭدار پۆپۈك ياساش، قامۇت، جونبۇ –  جاۋەن، نۇقتا، يۈگەن قاتارلىقلارنى ياساش ماھارىتىمۇ ئۈستۈن. بۇ جابدۇقلار ھازىرقى زامان ئۈچۈن ئەنئەنىۋى زىننەت بۇيۇملىرى قاتارىدا ئەتىۋارلىنىدۇ.[1]

  1. ئاپتۇر:  بۈمەريەم شېرىپ خۇشتار؛ مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى؛ ۋاقىت: 2009- 02- 20 15:43؛ تور ئادىرسى: http://uy.ts.cn/wenhua/content/2009-02/20/content_157762.htm