سەككاكى

ئورنى Wikipedia

سىراجىدىن ئەبۇ ياقۇپ يۈسۈپ ئىبىن ئەبۇ بەكرى ئەل خارەزمى سەككاكى_(1160-1228) مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى، داڭلىق پىداگوگ ۋە يازغۇچى.

سەككاكى ئىسمىنىڭ بېشىغا قويۇلغان خارەزمى دېگەن جاي ئىسمىغا،شۇنداقلا ھازىرقى چاپچال ناھىيىسىنىڭ خۇنخەي دېگەن يېرىگە جايلاشقان مازارنىڭ سەككاكى نامى بىلەن ئاتىلىدىغانلىقىغا قاراپ ئۇنىڭ خارەزمىدا تۇغۇلغانلىقى ۋە ئالمىلىق(ئىلى)دا ۋاپات بولغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز.

سەككاكى ياش ۋاقتىدىن تارتىپلائىلىم-پەنگە ئىشتىياق باغلاپ تىرشىپ ئۆگەنگەن. دىنىي ئىلىم،تىل-ئەدەبىيات،ماتىماتىكا،تارىخ،جۇغراپىيە،ئىلمىي نۇجۇم(ئاستورنومىيە)،تىبابەت ئىلمى قاتارلىق پەنلەردە كامالەتكە يەتكەن.ئۆز ئانا تىلىدىن باشقا پارىس،ئەرەپ تىلىنىمۇ پۇختا ئىگەللىگەن.مۇزىكا ساھەسىدىمۇ ئۆز ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈپ<<بايات>>مۇقامىنى ئىجاد قىلىپ<<9-ئۇستاز>> دەپ شۆھرەت قازانغان.

چىڭگىزخان ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقا جايلارنى بوي سۇندۇرغاندىن كىيىن ئۆز ھۆكۈمۈرانلىقىدىكى جايلاردا دۆلەتنىڭ مويۇم خىزمەتلىرىنى بىجىرىشكە ئۇيغۇرسىياسەتچىلىرى،ھەربىي مۇتىخەسىسلەر ۋە مەدەنىيەت مائارىپ ئەرباپلىرىنى قويغان بولۇپ شۇ چاغدىكى چاغىتاي خانغا مەسلىھەتچى بولغانلار ئىچىدە يۈسۈپ سەككاكىمۇ بار ئىدى.ئۇنىڭ ئجدىھات قىلىشى ئارقىسىدا چاغاتاينىڭ ئوردىسى جايلاشقان ئالمىلىقتا ھەر-خىل مەكتەپلەر ۋە ئالىي بىلىم يۇرتلىرى تەسىس قىلىنىپ،مائارىپ ئىشلىرى زور تەرەققى قىلغان،قەشقەر،بۇخاراغا ئوخشاشلا ئالمىلىقمۇ ئاسىيا بويىچە ئىلىم-پەن مەرگەزلىرىگە ئايلانغانىدى.

ساككاكى ئوردا خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان مەزگىللەردە بىر تەرەپتىن بىلىملىك كىشىلەرنى ئالمىلىققا توپلىسا،يەنە بىر تەرەپتىن مەكتەپ ئىچىشقا پائال يىتەكچىلىك قىلغان.بىر تەرەپتىن دەرىس ئۆتسە،يەنە بىر تەرەپتىن دەرىسلىك تۈزۇپ چىققان. ئۇنىڭ<<مۇفىتا ھۇل ئۇلۇم>>(ئىلىملەر ئاچقۇچى)ناملىق يىرىك ئەمگىگى ئەنە شۇ خىلدىكى بولۇپ،ئۇنۇڭدا تىل-ئەدەبىيات، لوگىكا،ئىستىتىكا،پەلىسەپە،ئاستورنومىيە،ماتىماتىكا،تارىخ، تىبابەت ئىلمى،مۇزىكا ئىلمى قاتارلىق 13تۈرلۈك ئىلىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ مەزمۇنىنىڭ كەڭ ھەم چوڭقۇرلىقى، قايىل قىلىش كۈچىنىڭ ئۈستۈنلىكى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر مائارىپى تارىخىدا كەم تىپىلىدىغان قىممەتلىك مەدەنىي مىراس بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ چاغاتاي دەۋرىدىكى مەرەپەت يۇلتۇزى،ھەققانىيەتچى،خەلىق بىلەن تەقدىرداش ئالىم يۈسۈپ سەككاكى گەرچە ئۆز خەلقىنىڭ مەنىۋى ئازاتلىقى يولدا تەر ئاققۇزغان خانغا دۆلەت باشقۇرۇش،ۋەتەننى گۈللەندۈرۈش يولىداياخشى مەسلىھەت بەرگەن بولسىمۇ،ئوردىدىكى مەرىپەت دۈشمەنلىرى،ھەسەتخور مەنسەپدارلارنىڭ چېقىمچىلىقى بىلەن زىندانغا تاشلىنىپ 3يىل زىنداندا يىتىپ ئالەمدىن ئۆتىدۇ.بۇ مەشھۇر ئالىم،داڭلىق پىداگوگنىڭ مازىرى ھازىرقى ئىلى ئوبلاستىنىڭ چاپچال ناھىيىسىدە ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان.

<<ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىكى ئۆچمەس يۇلتۇزلار>>دىگەن كىتاپتن ئىلىندى.