سەلەمە ئىبنى ئەلئەكۋەﺋ

ئورنى Wikipedia

سەلەمە ئىبنى ئەلئەكۋەﺋ (سَلَمَةُ بْنُ عَمْرِو بْنِ الْأَكْوَعِ) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: سەلەمە ئىبنى ئەمر ئىبنى ئەلئەكۋەﺋ ئەلئەسلەمىي (ئەبۇ مۇسلىم). (ھ. بۇرۇن 6 – ھ. 74 / م. 616 –693) يۈگۈرۈك، مەرگەن، شىجائەتلىك ساھابە. ھۇدەيبىييەدىكى «رىزۋان» بەيئىتىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۈچ قېتىم بەيئەت قىلغان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە يەتتە غازاتقا قاتناشقان. مەدىنەدە پەتۋا بېرىپ ئىلىم يايغان زات.