Jump to content

سەلەي چاققان

ئورنى Wikipedia

سەلەي چاققاننىڭ ئەسلى ئىسمى مۇھەممەد سالىھ، قىسقىچە ئېيتقاندا مەتسەلەي، ئۇنىڭ «ئەپچىلەم»، «موللا»، «چاققان» دېگەندەك لەقەملىرى كۆپ بولغان، كېيىنرەك ئەسلى ئىسمىغا «چاققان» سۆزى قوشۇلۇپ، «سەلەي چاققان» ئاتىلىپ كەتكەن.


سەلەي چاققان تەخمىنەن مىلادىيە 1790-يىللىرى قەشقەر ۋىلايىتى توققۇزاق ناھىيىسى ئوپال يېزىسىدا ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئاتىسى مۇھەممەد ئاخۇن مال بېقىپ، موزدۇزلۇق، ناۋايلىق قىلىپ كۈن كەچۈرگەن بولۇپ، كېيىن مالدىنمۇ ئايرىلىپ، كۆپ ئۆمرى ناۋايلىقتا ئۆتىدۇ.


سەلەي چاققان مالنى ياخشى تونۇيدىغان سىنچى، چىۋەر ئوغلاقچى، راۋابچى، مۇئامىلىدە مۇلايىم، خۇش چاقچاق دادىسىنىڭ تەسىرىدە زېھنى ئۆتكۈر، قولى ئەپچىل، كۈلۈپ تۇرىدىغان ئوچۇق بالا بولۇپ يېتىلىپ، كىچىكىدىنلا كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ. بالىلارنىڭ كوچا ئويۇنلىرى، توي - تۆكۈنلەردە، بارات كېچىلىرىنىڭ تۈنەك ئويۇنلىرىدا بالىلارنىڭ باشلامچىسى بولىدۇ. لېكىن، ئاتا - ئانىسى ئۇنىڭ «يامان كۆزدىن خالىي» بولۇشى ۋە ياش زېھنىنى بىلىمگە سەرپ قىلىشى ئۈچۈن ئۇنى مەكتەپكە ئوقۇشقا زورلايدۇ. ئۇ دىنىي مەكتەپتە ياخشى ئوقۇپ، ئۈچ-تۆت يىل ئىچىدە ئەرەبچە، پارسچە كىتابلارنى سۇدەك ئوقۇيالايدىغان بولىدۇ. كېيىن قەشقەر شەھىرىدىكى تاغىسى زېرىپ زەرگەرنىڭ ياردىمى بىلەن قەشقەر شەھىرىدىكى خانلىق مەدرىسىدە ئوقۇيدۇ ئەمما، ئۇ بۇ بىلىم دەرگاھىدا ئۇزاق ئوقۇيالمايدۇ، ئاتىسى ۋاپات بولۇشى بىلەن شەھەرگە كۆچۈرۈپ كەلگەن ئائىلىسىگە ئۆزى قاراشقا مەجبۇر بولىدۇ. سەلەي ئاتىسىنىڭ قەرزلىرىنى تۆلەپ، ئۆينى ئۆزى باقىدىغانلىقىنى ئىزھار قىلىپ، ئانىسىغا تەسەللى بېرىدۇ. ئاتا كەسپى ناۋايچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇپ، تىرىكچىلىك كويىغا كېرىپ كېتىدۇ. سەلەي ئاتىسىنىڭ يالغۇز ھۈنىرىنىلا ئەمەس، باشلانغۇچ ھالدا سەنئەتنىمۇ - ناخشا ئېيتىش، راۋاب چېلىش، چاقچاقنىمۇ ئۆگىنىدۇ. قەشقەر شەھىرىدىكى تۈرلۈك تاماشا، تۆي-تۆكۈن، باراۋەت، مەشرەپ، تاۋاپ-سەيلىلەرگە قاتنىشىپ، خەلق ئارىسىدىكى خىلمۇ خىل سازەندە، شائىر، قوشاقچى، ئۇسسۇلچى، ئويۇنچى - دورامچى، مەسخىرىۋاز، سۆزمەن قىزىقچىلارغا ئارىلىشىپ، ئۇلاردىن ئۆگىنىدۇ. ئۇنىڭ چاقچاقلىشىش جەھەتتىكى، تالانتىمۇ چاپسان ئۆسىدۇ. ئۇ شۇ چاغلاردا 20ياشلاردا بولسىمۇ، سۆز ئويۇنلىرىدا تەڭتۇشلىرىدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ. كۈندىن-كۈنگە نامى يېزا، شەھەرلەرگە تارىلىشقا باشلايدۇ. كىچىكىدىن خەلقنىڭ جەبىر - كۈلپەتلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ ئۆسكەن سەلەي ئەمدى بولسا، يۇقىرى تەبىقىلەرنىڭ ئەيش-ئىشرەتلىك تۇرمۇشىنى يېقىندىن كۆرۈپ سېلىشتۇرۇپ، ئاڭ - سېزىم جەھەتتە بارا-بارا ئويغىنىپ، كەمبەغەللەرگە يان بېسىشقا باشلايدۇ.


سەلەي چاققان ئاتا كەسپى - موزدۇزلۇق، ناۋايلىقتىن باشقا، تۆمۈرچىلىك، بابكارلىق، ياغاچچىلىققا ئوخشاش نۇرغۇن ھۈنەرلەرنى بىلسىمۇ، ئۇ ئاساسەن ناۋايچىلىق بىلەن كۈن كەچۈرىدۇ. ئۇ شۇ ئارىدا بىر مەزگىل قەشقەر ھاكىمى زوھۇرىدىن بەگ ھوزۇرىدا ئوردا قىزىقچىسى ۋە باش ئاشپەز سۈپىتىدە ئىشلەيدۇ. لېكىن، ئورا ھاياتى بۇ ئەركىن، خۇش كۆڭۈل ۋە تېتىك سەلەي ئۈچۈن بەكمۇ خورلۇق ۋە زېرىكىشلىك تۇيۇلىدۇ. ئۇنىڭغىچە ھاكىمدارلار جانغا زىق بىلەن مىخ بولۇپ تۇرىدىغان سەلەينىڭ «كۈلكە-قىزىقچىلىرى» دىن جانلىرى جاق تويۇپ، سەلەينى كۆزدىن نېرى قىلىشنى كۆزلەيدۇ.


سەلەي چاققان باشقا جايلاردىمۇ - يەركەن، خوتەن، ئاقسۇغا ئوخشاش شەھەرلەردىمۇ بولىدۇ، ئاتۇشتىمۇ كۆپ تۇرىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇنىڭ بىلىم، ھۈنەر ۋە قىزىقچىلىق ماھارىتىنى بېيىپ، ناخشا، ساز، ئۇسسۇل، قوشاقچىلىق ئويۇنلىرىدىن ئىبارەت خەلق سەنئىتىدە، بولۇپمۇ قىزىقچى - سۆزمەنلىكتە تارىختا ئۆچمەس داڭق قالدۇرىدۇ. ئۇ مىلادىيە 1850-يىلى 60ياشتىن ئېشىپ ئالەمدىن ئۆتىدۇ.


سەلەينىڭ قىزىقچىلىقى ئۇنىڭ يۇمۇرىستىك ئاجايىپ سۆز ئويۇنلىرى ساھىبى ئىكەنلىكىدە نامايان بولىدۇ. ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى تالانتى ئۇنىڭ لەتىپە، ھەجۋى ھېكايە ۋە ھەجۋىي ناخشا-قوشاقلىرىدىن ئايدىڭ-ئاشكارا كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ.


سەلەي - سىلىق ۋە ئۆتكۈر لەتىپە ماھىرى، ئۇ يالىڭاچ، قوپال كۈلكە سۆزلەرنى ئەمەس، ئەكسىچە ناھايىتى سىلىق - سىپايە، ياپتا گەپلەر قىلىشنىڭ ئۇستىسى، ئۇنىڭ سۆزلىردىن دۈشمەن ياكى قارشى تەرەپلەرمۇ سېھىرلىنىپ، تۇيماي قېلىپ، كۈلۈپ تۇرىدۇ.


سەلەينىڭ قايسى دائىرىدىكى لەتىپىلىرى، شاڭخو، چاقچاقلىرى بولسۇن، يات سىنىپ، يات تىپنى تەنقىدلەشكە، ئۆزىنى-دوستىنى بولسا ئۇلۇغلاشقا، نۇقسانى بولسا ئۇچۇقداشقا قارىتىلىدۇ. سەلەي چاققان لەتىپىلىرى ناھەقچىلىققا قارشى تۇرىدىغان ئادالەتپەرۋەرلىكنى، خۇراپىي، مەھۇم پىكىرلەرگە قارشى روشەن ھۆر پىكىرلىكنى، نادانلىقنىڭ قۇلى بولماي، پاراسەتنىڭ پىدائىيسى بولۇشنى تەرغىب قىلىپ، چىرايلىق ۋە ئەڭ تەسىرچان كۈلكە دەستۇرلىرى سۈپىتىدە جاراڭلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۈستۈن تەبىقىلەر ياكى شۇنىڭغا مەنسۇپ شەخىسلەر سەلەينىڭ كۈلكىسىنى بوغۇپ ياكى ئۇنىڭ لەتىپىلىرىنى ئەخلاقسىز، بىھايا لەتىپىلەرگە ۋە ئۇنى لەت قىلىش قورالى سۆز-چۆچەكلەرگە ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن. ھاكىمدار، روھانىي ۋە ئازغۇنلار سەلەي لەتىپىلىرىنى يېزىققا - كىتابلاغا ئېلىش بۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا تىلغا ئېلىپمۇ قويمايدۇ، پۈتۈن كۈچ ۋە ئىلاجىنى ئىشلىتىپ، باشقىلارنىمۇ تىلغا ئالمايدىغان قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ. تىلغا ئالغان ھالەتتىمۇ ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ خۇنۇك بوياقلىرى بىلەن ياساپ بۇزىدۇ ۋە ئۆزگەرتىدۇ.


سەلەي چاققان دائىم ئۈمىدۋارلىق روھى بىلەن سۇغىرىلغان لەتىپە، قوشاق ۋە پاراڭلىرىدا قارنى توق جانابلارنىڭ سىياقى سۆلەتلىك؛ سۇمباتلىق كۆرۈنگەن بىلەن قەلبى كاۋاك ياكى ئىچى پۈتۈنلەي پىسىق-پاسات، ئەيىب-نۇقسانلار بىلەن تولغانلىقىنى ئاشكارىلاپ تاشلايدۇ.


سەلەي چاققان لەتىپىلىرى شۇنى كۆرسىتىدۇكى، ئۇ ئۆز سۆز قىزىقچىلىقىدا ئۇيغۇر تىلىدىكى كۈلكە پەيدا قىلغۇچى جىمكى سۆز، ماقال ۋە ئىبارەتلەردىن پايدىلىنىشقا ئۇستا. بۇنىڭغا مىسال قىلىپ، «تېتىقسىزلىققا قېتىقسىزلىق»، «دېھقان ئۇلۇغ»، «كۈچۈك»، «كىچىك» لەتىپىلىرىنى ئاتاشقا بولىدۇ. ئۇ خەلق ئېغىز ئىجادىنىڭ جىمىكى ساتىرىك، يۇمۇرىستلىق نەمۇنىلىرىدىن، قىزىق بېيت، قوشاق، ھەجۋى چۆچەك، لەتىپە، چاقچاق شاڭخو ۋە باشقىلاردىن كەڭ پايدىلىنىدۇ.


سەلەي - دانا قىزىقچى، ئۇنىڭ دانالىقى ھە دېسىلا كۈلكە پارتلىتىدىغان لەتىپىلىرىدىلا ئەمەس، قارشى تەرەپنىڭ پاراسەتسىزلىكىنى ئايىماي پاش قىلىپ، ئولتۇرغۇزۇپ قويىدىغان، شاھىتلار ۋە ئاڭلىغۇچىلار ئىشنىڭ تېگىگە تەپەككۇر بىلەن كېيىن يېتىپ، ئاندىن مەغرۇرانە كۈلىدىغان لەتىپىلىرى بىلەن ئەمگەك ئەھلىنىڭ قايغۇسىغا شادلىق بېغىشلايدىغان ئاقىلانە مەسلىھەت تىپىدىكى لەتىپىلىرىدە نامايان بولىدۇ. ئۇنىڭ شۇنداق دانالىقىغا - سۆزدە چېچەنلىكىگە «كۈن ياخشى»، «ئېتىقاد»، «دوزاخ نەدە»، «قازاننىڭ دۈم كۆرۈنۈشى يامان»، «ئۈجمە سايىسىدا» دېگەن لەتىپىلەر دەلىل بولالايدۇ.


سەلەي ھازىر جاۋاب قىزىقچى، ئۇنىڭ سۆز-ھەرىكىتى قىزىق بولۇش بىلەن بىللە قىرلىق، مەزمۇنلۇق ۋە يۇقىرى ھارارەتلىك، بۇنىڭغا ئۇنىڭ كۆپ ھۈنەرلىك ئىكەنلىكى، سەنئەتكارلىقى، كۆرگەننى ئەينەن دورايدىغان تەقلىدۋازلىقى ۋە كۈلكە ھەرىكىتىدە ئىجادىي تېز كارلىقى مىسال بولىدۇ.


مەلۇمكى، تارىخنى خەلق يارىتىدۇ، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ قەھرىمانلىرىمىزنىمۇ خەلق يېتىشتۈرىدۇ. دېمەك، فولكلور قەھرىمانى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئەڭ تەسىرچان، ئەڭ تارقىلىشچان، ئىخچام ۋە ئۆتكۈر ژانىرى - لەتىپە قەھرىمانىنىمۇ خەلق يارىتىدۇ. قىزىقچىلىق قەھرىمانلىرىمۇ خەلقتىن ئۆگىنىپ يېتىشىدۇ. سەلەي چاققانىڭ تەرجىمھالىدىن مەلۇمكى، ئۇ كىچىكىدىنلا ئۇستا راۋابچى، ماھىر غەزەلخان بولغان ئاتىسىدىن نۇرغۇنلىغان قوشاق، بېيىت ۋە موزدوزخانىلارمۇ سەنئەت ئوچىقى بولۇپ كەلگەن. سەلەينىڭ ئاتىسى مۇھەمەتنىڭ ھويلىسىدىكى موزدوزخانىدىن ھېچقاچان ئادەم ئۈزۈلمەيتتى. ئۇ يەرگە يىغىلغانلار تۈرلۈك جەڭنامىلەر، چۆچەكلەرنى ئېيتىشىپ ياكى دۇتار، راۋاب، تەمبۇر چېلىشىپ، ناخشا ئېيتىشىپ كۆڭۈل ئىچىشاتتى. موزدوزخانىدا كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرى ياش سەلەينىڭ دىلىغا ئۆچمەس بولۇپ ئورناپ قالىدۇ. سەلەي مەدرىسىدە ئوقۇغان چاغلىرىدا شەرق كىلاسسىكلىرىنىڭ ئىجادىيىتى بىلەن يېقىندىن تونۇشىدۇ، شۇنداقلا ئۇيغۇر كىلاسسىك شائىرلىرىنىڭ، ئالىملىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى زوقمەنلىك بىلەن ئۆگىنىدۇ. ناھايىتى نۇرغۇن ھېكايە، غەزەل، نەقىل ۋە ھېكمەتلەرنى بىلىۋالىدۇ. تۇغما تالانت ئىگىسى بولغان سەلەي چاققان ئۈچۈن مۇنداق قولايلىق شارائىتلار ئۇنىڭ قوشاقچىلىقتىمۇ قابىلىيىتىنىڭ پەرۋاز قىلىشىغا مۇمكىنلىك بېرىدۇ. سەلەي ھەقىقەتەن ماھىر ۋە قايناق ئىلھاملىق، ھوزۇر بەخىش قوشاقچى. ئۇنىڭ قوشاقلىرى ئەمگەكچىگە روھ، ئاشىققا ئارام، دەردمەنگە داۋا، زالىمغا زاۋال، جاھىلغا جۇۋالدۇزاۇزاۇر، ئۇنىڭ قوشاقلىرىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك، بايلارغا قارشى كۈرەش قىلىش روھى يالقۇنلاپ تۇرىدۇ. شۇڭلاشقىمۇ ئۇنىڭ قوشاقلىرى شەكىل جەھەتتىن بولسۇن، مەزمۇن - ئىدىيە جەھەتتىن بولسۇن، ئاددىي خەلقنىڭ كۆڭلىگە ناھايىتى يېقىن. شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن شەخىسلەر

مەنبەلەر

[تەھرىرلەش]