سەمى يۈسۈف

ئورنى Wikipedia

Sami Yusuf

سەمى يۈسۈف ئەنگىلىيىلىك كومپوزىتور ،ناخشىچى ۋە تالانتلىق مۇزىكانت ،ئۇ1980-يىلى 7-ئايدا ئەزەربەيجان مىللىتىدىن بولغان مۇزىكانت ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.ئائىلىسىنىڭ تەسىرىدە،مۇزىكا ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمىغا ئايلانغان.

سەمى كىچىكىدىن باشلاپلا نۇرغۇن سازلارنى چېلىشنى ئۆگەنگەن ھەم تەدرىجى ھالدا ناخشا ئېيتىش ۋە ناخشا يېزىشقا قىزىقىشقا باشلىغان.ئۇ دۇنياغا داڭلىق مۇزىكا مەكتىپى---ئەنگىلىيە خان جەمەتى مۇزىكا ئىنىستوتىدا كومپوزىتورلۇق كەسپىدە ئوقۇغان. سەمى كىچىكىدىن باشلاپلا ناخشا يېزىشقا باشلىغان. ئۇنىڭ يېقىملىق ئاۋازى ئۇنىڭ مۇزىكىغا ماسلىشىش ۋە مۇزىكا نەزەرىيىسى جەھەتتىكى بىلىملىرىنى كېڭەيتىشكە تولۇقلىما رول ئوينىغان. ئۇ يەنە ئوتتۇرا شەرق سازلىرىنى (مۇقاملىرى)چېلىشنىمۇ ياخشى بىلىدۇ.

ئۇنىڭ ئىناۋىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرىلىشى بىلەن، سەمىنىڭ تۇنجى ئالبومى بولغان al muallim_مۇئەللىٿبىر مىليون پارچىدىن ئارتۇق سېتىلغان.ھەم ئۇنىڭ ئىككىنچى ئالبومى my ummah、)(ئۈممىتىم)نىڭ سېتىلىش نىسپىتىمىۇ دۇنيا مىقياسىدا ئۈچ مىليۇن پارچىدىن ئېشىپ كەتكەن.

سەمى بىر ئىخلاسمەن مۇسۇلمان بولۇپ، ئۇنىڭ ناخشىلىرى ئاڭلىغان كىشىنى مىھرى-مۇھەببەت،رەھىمدىللىك ،تىنىچلىققا ۋە كەڭ قورساق بولۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. ھەم ياشلارنى ئۆزىنىڭ دىنى (ئىسلام )دىنى ۋە (مۇسۇلمان)لىق سالاھىتىدىن پەخىرلىنىشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ. ئۇ ھازىرغىچە ئامىرىكا،ياۋرۇپا ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونلىرىدا30دىن ئاتۇق دۆلەتتە كېچىلىك ئۆتكۈزگەن .بۇنىڭ ئىچىدە تۈركىيەدە ئۆتكۈزگەن كېچىلىكى ئەڭ چوڭ بولۇپ تاماشىبىن سانى200000 (ئىككى يۈز مىڭ) دىن ئېشىپ كەتكەن . مەيلى قەيەرگىلا بارمايلى ، سەمى يۈسۈف ئىسلام مۇزىكا ساھەسىدىكى ئەڭ مەشھۇر ئىسىمغا ئايلاندى