سەمەت دوگايلى
Appearance
سەمەت دوگايلى بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تونۇلغان تالانتلىق يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان ۋە ژۇرنالست.
سەمەت دوگايلى 1947-يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىدە تۇغۇلغان، دەسلەپ قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئەدەبىيات فاكولتىتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. كېيىن بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتىدا تەھرىر مۇھەررى بولۇپ ئىشلىگەن. يازغۇچىنىڭ ھازىرغىچە «نۇرلۇق قەلبلەر»، «گۈلئايىم»، «ھايات شاماللىرى»(3 قىسىم) قاتارلىق رومانلىرى، «قاچقۇن كارۋان»، «ئېقىن»، «روزا ھېيتنىڭ تۇنجى كۈنى» قاتارلىق ھېكايە-پوۋېست توپلاملىرى نەشر قىلىنغان.
سەمەت دۇگايلى 2016-يىلى 15-مارت (سەيشەنبە) سەھەر سائەت 3:30 لار ئەتراپىدا 69 يېشىدا ئۈرۈمچىدە كېسەللىك سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى.