سەھىھۇ ئىبنى ماجە

ئورنى Wikipedia

سەھىھۇ ئىبنى ماجە (‹سۈنەنۇ ئىبنى ماجە› ھەدىسلىرىنىڭ سەھىھلىرى / صحيح ابن ماجه)»، شەيخ ناسىرۇددىن ئالبانىينىڭ «سۈنەنۇ ئىبنى ماجە» ھەققىدىكى تەتقىقاتىنىڭ سەمەرىسى سۈپىتىدە 1986 - يىلى بېيرۇتتا ئىككى جىلد ھالدا نەشر قىلىنغان ئەسىرى بولۇپ، 3519 «سەھىھ» ۋە «ھەسەن» ھەدىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. شەيخ ئالبانىي يەنە مەزكۇر «سۈنەن»دىكى «زەئىف» ھەدىسلەرنى «زەئىفۇ ئىبنى ماجە» نامىدا 1988 - يىلى بېيرۇتتا نەشر قىلغان بولۇپ، 800 «زەئىف» ۋە ئازغىنە «مەۋزۇﺋ» ھەدىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.