شال

ئورنى Wikipedia

گۈرۈچ تامىقى مەززىلىك بولۇپ، ھەممە ئادەم ئۇنى ياقتۇرۇپ يەيدۇ، ئۇ − پۈتۈن دۇنيادىكى % 50 تىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىكى. ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق زىرائىتى ئىشلەپچىقىرىشىدا شال بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئېلىمىزدە شال ئۆستۈرۈلىدىغان رايونلار ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، جەنۇبىي دېڭىز تاقىم ئاراللىرىدىن شەرقىي شىمالنىڭ سۇڭ - لياۋ تۈزلەڭلىكىگىچە، شەرقتىكى تەيۋەندىن غەربتىكى شىنجاڭ، شىزاڭغىچە، تۈزلەڭلىكتىكى پاكار ئېدىرلىقلاردىن دېڭىز يۈزىدىن2600 مېتىر كېلىدىغان ئېگىزلىكلەردىكى جىلغىلارغىچە شالنىڭ ئىزنالىرى بار.

ھازىر ئېلىمىزدە تېرىلىۋاتقان شالنى ئاساسلىقى سوقىچاق شال ۋە يۇمىلاق شالدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ. سوقىچاق شالدىن ئايرىۋېلىنغان گۈرۈچ سوقىچاق گۈرۈچ دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ خىل گۈرۈچنىڭ دېنى ئۇزۇنچاق، سۈپىتى سەل ناچار، ئۇۋىقى كۆپ بولىدۇ؛ يۇمىلاق شالدىن ئايرېۋىلىنغان گۈرۈچ يۇمىلاق گۈرۈچ دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ دېنى يۇمىلاق، يېپىشقاقلىقى كۈچلۈكرەك، سۈپىتى ياخشى، ئۇۋىقى ئاز بولغاچقا ياخشى گۈرۈچ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. لېكىن، سېلىشتۇرۇپ كۆرىدىغان بولساق، سوقىچاق شالنىڭ تۈپلىنىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئۆسۈشى باراقسان بولۇپ، قۇۋۋەتسىز يەرلەرگە چىداملىق، دېنى ئاسان ئاجرىلىدۇ، سۇنى كۆپ يېگەچكە، تامىقى ئاينىشلىق بولۇشتەك ئۈستۈنلۈككە ئىگە، ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىدىكى كۆپ قىسىم شال ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلاردا يەنىلا سوقىچاق شال تېرىش ئاساس قىلىنىدۇ.

شال ئەسلىدە سۇدا ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈك بولماستىن، سازلىقلاردا ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈك ئىدى. سازلىقلارنىڭ مۇھىتى ئۆزگىرىشچان بولۇپ، گاھىدا سۇ بېسىپ كېتىپ ئوكسىگىن كەمچىل بولسا، گاھىدا قۇرغاقچىلىق بولۇپ سۇ كەمچىل بولۇپ تۇراتتى. بۇ خىل ئالاھىدە مۇھىتقا ئۇزاقتىن بۇيان ماسلىشىش نەتىجىسىدە، شالدا سۇدا ئۆسىدىغان، ئەمما ھۆلچىلىكتىن قورقىدىغان غەلىتە خاراكتېر شەكىللەنگەن. شالنىڭ ھۆلچىلىكتىن قورقۇشى قانداق ئەھۋال؟ ئەسلىدە شالنىڭ پۈتۈن ئۆسۈش مەزگىللىرىدە سۇغا بولغان تەلىپى ئوخشاش بولمايدۇ. مايسا مەزگىلىدە شالنىڭ يىلتىز سىستېمىسى ئۆسۈۋاتقان بولغاچقا، ئوكسىگېنغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولىدۇ، شۇڭا، شال ئېتىزىنى قۇرغاق تۇتۇپ، مايسىنىڭ يىلتىز سىستېمىسىنى يېتەرلىك ئوكسىگېنغا ئىگە قىلىش ئارقىلىق يىلتىز سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. مايسىنىڭ كۈنسايىن چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، شالنىڭ سۇغا بولغان ئېھتىياجىمۇ بارغانسېرى ئېشىپ بارىدۇ، بىراق ئۇزاق مۇددەت سۇ ئىچىدە تۇرغۇزۇشقىمۇ بولمايدۇ، شۇڭا قۇرغاق بىلەن نەملىكنى ماسلاشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك.

ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىيەت داۋامىدا، كىشىلەر شالنى سۇغىرىشتىكى مۇنداق پرىنسىپنى يەتكۈنلەپ چىقتى: «بىر سۇڭ سۇدا قايتا كۆكىرىدۇ، تېيىز سۇدا تۈپلىنىدۇ، مايسا تاقلانغاندىن كېيىن ئاپتاپقا سېلىنىدۇ، كېيىنكى مەزگىلدە ئارىلاپ سۇغىرىلىدۇ، گاھ قۇرغاق، گاھ ھۆل تۇتۇلىدۇ، ئاخىرغىچە نەملىكتىن ئايرىلمايدۇ».

ئېلىمىزدىكى شال تېرىيدىغان كەڭ رايونلاردا يەنە شالنىڭ بەزى ئېسىل سورتلىرى تارقالغان. مەسىلەن، ھازىر بازاردا ئۇچرىتىدىغان زىمى گۈرۈچى ۋە خېمى گۈرۈچىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، قۇۋۋەتلەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغاچقا باھاسىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى. بۇلاردىن باشقا، ئۆزگىچە خۇش پۇراقلىق شاللارمۇ بار بولۇپ، ئۇلار ئەتىۋارلىق ئېسىل يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ. تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەر يېمەكلىكنىڭ ئەلا سۈپەتلىك بولۇشىغا بارغانسېرى ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى، ئەلا سۈپەتلىك ئالاھىدە سورتلۇق شالنى تەرەققىي قىلدۇرۇش شال ئىشلەپچىقىرىشىدىكى يېڭى ئىشقا ئايلاندى.