شاھرۇھخان

ئورنى Wikipedia

شاھرۇھخان 1962-ﻳﯩﻠﻰ 11-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 2-ﻛﯘﻧﻰ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ، ﺋﯘ ھىندىستان نىڭ «ﺗﺎﻡ ﺧﻪﻧﯩﻜﯩﺴﻰ» ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ. ﺋﯘ ھﺎﺯﯨﺮ ھىندىستان نىڭ 1- ﻧﯘﻣﯘﺭﻟﯘﻕ ﺋﻪﺭ ﭼﻮﻟﭙﺎﻧﻰ ﺑوﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﭘۈﺗۈﻥ ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﯨﻐﺎ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﭼﻮﻟﭙﺎﻥ ﺑوﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ھﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ بوللىۋود ﻛﯩﻨﻮﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭘۈﺗﯘﻥ ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﻣﺎﺷﯩﺒﯩﻨﻠﯩﺮﻯ 3 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭد 600 ﻣﯩﻠﻴوﻥ ﺑوﻟﯘﭖ، ۋوللىۋود ﻛﯩﻨﻮﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﻣﺎﺷﯩﺒﯩﻨﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ 2 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭد 600 ﻣﯩﻠﻴوﻥ، ﻣﯘﺷﯘ ﻧۇﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ شاھرۇھخان ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮىنچى ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﻨﻮ ﭼﻮﻟﭙﯩﻨﻰ دېيىشكە ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﭗ.شاھرۇھخان ئاساسى ئۇچۇرلىرى

دۆلەت تەۋەلىكى :india

يۇرتى :ھىندىستان يېڭى دېھلى

تۇغۇلغان ۋاقتى :1965-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى

يۇلتۇز تۈركۈمى :ئەقرەب يۇلتۇز تۈركىمى

بوي ئېگىزلىكى :175-176 سانتىمىتىر

قان تىپى :O تىپ

كەسپى :كىنو ئارتىسى، رىياسەتچى، فىلىم ئىشلىگۈچى، سودىگەر

ۋەكىللىك ئەسىرى :مىنىڭ ئىسمىم خان، كىلىن يۆتكەش، خۇدا قوشقان بىر جۈپلەر ...

بىلىدىغان تىلى :ئېنگىلىز تىلى، ھىندى تىلى، ئوردو تىلى

ﺋﯘ 1995-ﻳﯩﻠﻰ ﺑﺎﺵ ﺭﻭﻝ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﻨﻮﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﻰ ﻛﯩﺮﯨﻤﻰ 250 ﻣﯩﻠﻴوﻥ ﺋﺎﻣﯩﺮﯨﻜﺎ ﺩﻭﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺋﯘ ھﺎﺯﯨﺮ ھىندىستان ﻛﯩﻨﻮ ﺳﺎھﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯘﺩﯨﺮﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﺧﯩﺲ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺋﯘ ﺭﻭﻝ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ھﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﻨﻮ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻘﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺯﺍﻧﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯘ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯ ﯞﺍﻛﺎﻟﻪﺗﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ھﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪھﺴﯘﻻﺕ ﺳﯧﺘﯩﻠﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ھﻪﺗﺘﺎ ﺋﯘ ھﺎﺯﯨﺮ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﺩﯨﻦ ﻗﻮﺭﺍﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ . ﺋﯘ 2004-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﻣﯩﺮﯨﻜﺎ ﺩﻩﯞﯨﺮ ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﻰ ﺑﺎھﺎﻻﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ 20 ﻧﻪﭘﻪﺭ «ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﻗﻪھﯩﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﺮﻯ» ﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﯘﺯﯗﻟﮕﻪﻥ. 2004-ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﯞﯗﺭﭘﺎﺩﺍ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻳﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﻛﯩﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺋﯚﺗﻜﯘﺯﮔﻪﻥ. ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭼﻮﻗﯘﻧﻐﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﺗﻮﺳﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺋﯘ ﻛﯩﻨﻮﻻﺭﺩﺍ ﺭﻭﻝ ﺋﯧﻠﯩﭙﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ﻳﻪﻧﻪ ﺭﯦﮋﯨﺴﻮﺭﻟﯘﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻤﺎﻗﺘﺎ. 

ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﻯ : كاجول دېۋاگان، ﺟﯘﻟﻰ ﭼﺎﯞﻻ ، ﻛﺎﺭﺍﻥ ﺟﺎھﺎﺭ

ھازىرقى ھىندىستاندا شۇنداقلا دۇنيادا ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن نام قازانغان چولپاندۇر، ئۇ ئاۋۋال 1988-يىلى بىر تىلۋىزىيە تىياتىرى ئىشلەپ داڭ چىقارغان، ئارقىدىنلا ئون نەچچە يىل ئىچىدە ھىندستان ياش چولپانلارنىڭ مۇتلاق رەھبىرى شەخىس بولۇپ قالغان. ئۇ ھازىر ئاللىقاچان ھىندستان كىنوچىلىقىنڭ 1-نۇمۇرلۇق ئەربابى بۇلۇپ قالغان ، ئۇ مۇسۇلمان بولغانلىقتىن خىزمەتتىن باشقا ۋاقىتتا ئەرەپ قېرىنداشلىرى بىلەن بىرگە ئۆتكۈزۈشنى خالايدۇ.

نىكاھ ۋە مۇھەببەت

ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ : 1991-ﻳﯩﻠﻰ 10-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 25-ﻛۈﻧﻰ.

ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ : ﮔﻮﺭﻯ ﭼﯩﺒﯩﺮ (1970-ﻳﯩﻠﻰ10- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 8-ﻛۈﻧﻰ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ).

ﺋﻮﻏﻠﻰ : ﺋﺎﺭﻳﺎﻥ (1997-ﻳﯩﻠﻰ 11-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 12-ﻛۈﻧﻰ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ).

ﻗﯩﺰﻯ : ﺳﯘﺧﺎﻧﺎ (2000-ﻳﯩﻠﻰ 5-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 23-ﻛۈﻧﻰ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ).

ئاساسلىق ئەسىرى


1993-يىلى «Baazigar» فىلىمىدە كاجول بىلەن ھەمكارلاشقان.

1994-يىلى «Anjaam» فىلىمىدە مادخۇرى دىشىت بىلەن ھەمكارلاشقان.

1995-يىلى «كېلىن يۆتكەش»فىلىمىدە كاجول بىلەن ھەمكارلاشقان.

بۇ فىلىم غايەت زور ئۇتۇق قازانغان. 

1997-يىلى«The Heart Is Crazy» فىلىمىدە مادخۇرى دىشىت بىلەن ھەمكارلاشقان .

1998-يىلى «بۇنداق ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ» فىلىمىدە كاجول بىلەن ھەمكارلاشقان.

2000-يىلى «قىزىل يوپۇرماق» فىلىمىدە ئاشۋارىيا راي بىلەن ھەمكارلاشقان، «Josh» فىلىمىدە قارا جەمئىيەتنىڭ كاتىبېشى رولىنى ئالغان.

2001-يىلى «شاتلىق ئىچىگە يۇشۇرۇنغان قايغۇ» فىلىمىدە كاجول بىلەن ھەمكارلاشقان. « ئاسوكاخان» فىلىمىدە كارىنا كاپور بىلەن ھەمكارلاشقان. «Chalte Chalte» فىلىمىدە يۇقىرى بېلەت كىرىمى ياراتقان. «ھىجران» فىلىمىدە ئاشۋارىيا بىلەن ھەمكارلىشىپ يەنە بىر قېتىم بېلەت كىرىمى رىۋايىتىنى ياراتقان، «Hum Kisi Se Kum Nahin» فىلىمىدە رول ئالغان.

2003-يىلى «ئەتە بولسۇن بولمىسۇن» فىلىمىدە پىرىتى زىنتا بىلەن ھەمكارلاشقان.

2004-يىلى «Main Hoon Na»فىلىمىدە رول ئالغان ،«ئالۋاستى ئەر» فىلىمىدە رانى بىلەن ھەمكارلاشقان. «ۋېر-زارا»فىلىمىدە پىرىتى زىنتا ۋە رانى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇتۇق قازانغان. «Swades»فىلىمىدە رول ئېلىپ شۇ يىللىق ھىندىستان كىنو تاماشىبىنلىرى مۇكاپاتى مۇنەۋۋەر ئەر باش پېرسۇناژ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2006-يىلى«مەڭگۈ خوش دېمەيمىز» (Kabhi Alvida Naa Kehna) فىلىمىدە رانى، پىرىتى زىنتا ۋە ئابىشېك باچچان قاتارلىق چولپانلار بىلەن ھەمكارلاشقان. كېيىن «دون1»فىلىمىدە رول ئېلىپ يېڭى بېلەت كىرىمىنى ياراتقان.

2007-يىلى«غەيرەت قىل ھىندىستان»، «ئوم شانتى ئوم »فىلىملىرىدە رولغا چىققان.«ئوم شانتى ئوم »فىلىمىدە دېپىكا پادۇكون بىلەن ھەمكارلاشقان.

2008-يىلى «خۇدا قوشقان بىر جۈپلەر» فىلىمىدە ئانۇشكا شارما بىلەن ھەمكارلاشقان.

2010-يىلى «مېنىڭ ئىسمىم خان» فىلىمىدە كاجول بىلەن ھەمكارلاشقان.

2011-يىلى «Ra.One»、«DON 2» فىلىمىدە رول ئالغان.

2012-يىلى «جېنىم تىنىمدە بولسىلا» فىلىمىدە كەترىنا كېيىف بىلەنھەمكارلاشقان.

2013-يىلى «چىنتاي تېز پويىزى» فىلىمىدە دېپىكا پادۇكون بىلەن ھەمكارلاشقان ھەم يۇقىرى بېلەت رېكورتى ياراتقان.

2014-يىلى «مەرھابا يىڭى يىل» فىلىمىدە يەنە بىر قېتىم دېپىكا پادۇكون بىلەن ھەمكارلاشقان.

2015-يىلى «يېڭى كېلىن يۆتكەش» فىلىمىدا كاجول ، كىرىتى سانون ھەم ۋارۇن داۋەن بىلەن ھەمكارلاشقان .

2016-يىلى «مەستانە» فىلىمىدە داڭلىق چولپان ئاريان ھەم تەلۋە مەستانىنىڭ رولىنى ئالغان.

2017-يىلى رانبىر كاپور ۋە ئانۇشكا شارمانىڭ «تەنھا يۈرەك» فىلىمىدە ئاشۋارىيا راي بىلەن ھەمدەم رولغا چىققان. « رەئىس (Raees)» فىلىمىدە ماھىرە خان بىلەن ھەمكارلاشقان.


شان-شەرەپلىرى شاھرۇھخان ھازىرغىچە جەمئىي 58 مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. بۇنىڭ ئارىسىدىكى فىلىمفەر مۇكاپاتى 14، ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس مۇكاپاتى سەككىز، شاھرۇھ خان دىلىپ كۇمار بىلەن ئەڭ كۆپ قېتىم فىلىمفەر ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى رېكورتىنى ساقلىغۇچى.

1997-يىلى ھىندىستان گىراژدان مۇكاپاتىغا، 2002-يىلى راجىۋ گەندى كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2005-يىلى ھىندىستاننىڭ تۆتىنچى چوڭ گىراژدانلار مۇكاپاتى پادما شىرىغا ئېرىشكەن.

2004-يىلى «دەۋر ژۇرنىلى» شاھرۇھ خاننى «20 ئاسيا قەھرىمانى»نىڭ بىرسى دەپ باھالاپ، ژۇرنال مۇقاۋىسىغا سۈرىتى چىققان.
2007-يىلى پارىژدا گرۋېن مۇزىيىدە ئۆزى بىلەن تەڭ ھەيكىلى قويۇلغان، شاھرۇھخان گەندىدىن كېيىن بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن ئىككىنچى ھىندىستانلىق، شۇ يىل فرانسىيە ھۆكۈمىتى تارقاتقان «سەنئەت ۋە ئەدەبىيات» ئوردىنىغا ئېرىشكەن.
2008-يىلى «ھەپتىلىك خەۋەر»ژۇرنىلى شاھرۇھخاننى «دۇنيادىكى ئەڭ تەسىر كۈچىگە ئىگە 50 شەخىس» نىڭ بىرى دەپ باھالىغان ھەمدە بوللىۋود شاھى، دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق چولپان دەپ ئاتىغان، شۇنىڭدىن كېيىن «لوس ئانژېلىس ۋاقت گېزىتى» قاتارلىق داڭلىق خەلقئارالىق تاراتقۇلار شاھرۇھ خاننى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق كىنو چولپىنى دەپ ئاتىغان.
2009-يىلى جورجتون ئۇنىۋېرسىتېتى دۇنيادىكى ئەڭ تەسىر كۈچىگە ئىگە 500 مۇسۇلماننىڭ بىرسى دەپ باھالىغان.

2010-يىلى «ھەپتىلىك تاماشا» ژۇرنىلى ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ چولپىنى دەپ ئاتىغان.

2011-يىلى ب د ت پەن مائارىپ مەھكىمىسىنىڭ تۆھپە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ئۇ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تۇنجى ھىندىستانلىق.

2011-يىلى ماراكەش شاھى ماراكەشنىڭ ئەڭ ئالىي تۆھپە مۇكاپاتىنى تەقدىم قىلغان، شاھرۇھخان بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. تۇنجى ھىندىستانلىق.

2013-يىلى كورىيەنىڭ دوستلۇق ئەلچىسى بولۇپ سايلانغان.

2014-يىلى فرانسىيەنىڭ ئەڭ ئالىي گىراژدان مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن...

شاھرۇھخان قامۇس