شاۋكەت ئىمىن

ئورنى Wikipedia

شاۋكەت ئىمىن، ئەر، ئۇيغۇر، 1959-يىلى 12-ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ ماناستىن، 1981-يىلى 6-ئايدا پارتىيىگە كىرگەن، 1977-يىلى 10-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسپىرانتورىيىسىنىڭ مىللىي ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەن، ئىشلەۋېتىپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان.

1977-يىلى 10-ئايدىن 1979-يىلى 10-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ماناس ناھىيىسى شىنخې ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان. 1979-يىلى 10-ئايدىن 1983-يىلى 8-ئايغىچە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تەنتەربىيە فاكۇلتېتىنىڭ يېنىك ئاتلېتكا كەسپىدە ئوقۇغان. 1983-يىلى 8-ئايدىن 1984-يىلى 8-ئايغىچە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تەنتەربىيە فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان. 1984-يىلى 8-ئايدىن 1989-يىلى 4-ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، سېكرېتارى بولغان (1985-يىلى 3-ئايدىن 1985-يىلى7-ئايغىچە شەنشى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئالىي مەكتەپ كادىرلىرى بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپىدا ئوقۇغان)؛ 1986-يىلى 9-ئايدىن 1987-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ ياش، ئوتتۇرا ياش كادىرلار سىنىپىدا ئوقۇغان). 1989-يىلى 4-ئايدىن 1992-يىلى 1-ئايغىچە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى قوشۇمچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى بولغان. 1992-يىلى 1-ئايدىن 1993-يىلى 3-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۇرپان شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى (ھاكىم دەرىجىلىك) بولغان. 1993-يىلى 3-ئايدىن 1994-يىلى 4-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۇرپان ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى بولغان. 1994-يىلى 4-ئايدىن 1998-يىلى 10-ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى، پارتىگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى بولغان (1995-يىلى 6-ئايدىن 1998-يىلى 10-ئايغىچە قوشۇمچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان؛ 1996-يىلى 3-ئايدىن 1996-يىلى 9-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان). 1998-يىلى 10-ئايدىن 2000-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى بولغان (1998-يىلى 9-ئايدىن 2000-يىلى 7-ئايغىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسپىرانتورىيىسىنىڭ مىللىي ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان). 2000-يىلى 7-ئايدىن 2004-يىلى 12-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رادىئو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، ئىدارە باشلىقى بولغان(2000-يىلى 3-ئايدىن 2001-يىلى 1-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ياش، ئوتتۇرا ياش كادىرلار كۇرسىدا ئوقۇغان). 2004-يىلى 12-ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى. 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدىىن باشلاپ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇدىىرلىق ۋەزىپسىنى ئۈتۈمەكتە.