Jump to content

شىقىلداق

ئورنى Wikipedia
شىقىلداق

شىقىلداق(خەنزۇچە: 沙參) قوڭغۇراقگۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، شىقىلداققا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، توسالغۇلارنى ئېچىش، ئۆپكىنى تازىلاش، خىلىت ھاسىل قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

تونۇشتۇرۇلىشى

[تەھرىر]

شىقىلداق قوڭغۇراقگۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، شىقىلداققا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، تۈۋىدىن تىك ئۆسىدۇ. ئېگىزلىكى 50 - 001 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يىلتىزى توم، كۇنۇس شەكلىدە، سىرتقى پوستى توق خورما رەڭدە بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، شەكلى تۇخۇمسىمان ياكى تېمىنىسىمان بولۇپ، گىرۋىكى رەتسىز ھەرە چىشلىق كېلىدۇ؛ گۈل رېتى كونۇسسىمان بولۇپ، ئۇچىدا ئۆسىدۇ. گۈلى سۇس كۆكۈش سۆسۈن، قوڭغۇراق شەكىللىك بولىدۇ. غوزا مېۋىسى تۇخۇمسىمان يۇمىلاق بولىدۇ.

خۇسۇسىيىتى

[تەھرىر]

توسالغۇلارنى ئېچىش، ئۆپكىنى تازىلاش، خىلىت ھاسىل قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

دورىلىق قىسمى

[تەھرىر]

دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.

تەبىئىتى

[تەھرىر]

ھۆل سوغۇق.

ئىشلىتىش مىقدارى

[تەھرىر]

ئەھۋالغا قاراپ 15 ~ 20 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.

يىغىپ تەييارلاش ئۇسۇلى

[تەھرىر]

بۇ ئۆسۈملۈكنى باھار ۋە كۈزدە قېزىۋېلىپ، سىرتقى پوستىنى سويۇۋېتىپ، پاكىز يۇيۇپ، نېپىز يالپاقلاپ توغراپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئۆسۈش ئورنى

[تەھرىر]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ تاغلىق جايلىرىدىكى كۈنگەي تاغ باغرى ۋە چىمەنلىكلەردە ئۆسىدۇ.

رېتسىپلار

[تەھرىر]

20 گرام شىقىلداقنى سەككىز گرام ئۆرۈك مېغىزى، 12 گرام تەڭگىيوپۇرماق، سەككىز گرام چۈچۈكبۇيا بىلەن قوشۇپ سۇدا قاينىتىپ كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە، كاۋاكلىق ئۆپكە سىلىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

12 گرام شىقىلداقنى 10 گرام ئۈجمە يوپۇرمىقى، 12 گرام گۈلسامساق، 20 گرام غاز ئوتى بىلەن قوشۇپ سۇدا قاينىتىپ كۈنىگە ئىككى 1 ~ 2 قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە، قان تۈكۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

شىقىلداقنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئۆپكىنى تازىلايدۇ. شىقىلداقنى دەملەپ ئىچىپ بەرسە، ھەرخىل ئۆپكە كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

مەنبەلەر

[تەھرىر]