شىنجاڭنىڭ يېڭى ھاكىمىيىتى

ئورنى Wikipedia

شىنجاڭنىڭ << يېڭى ھاكىمىيىتى >> ( 1901 - يىل )

1901 - يىلى ئىلى جياڭجۈنى چاڭ گېڭ ، شىنجاڭنىڭ باش مۇپەتتىشى ليەن كۈي << يېڭى ھاكىمىيەت >>نى يولغا قويدى . ئۇلار يېڭى ئارمىيە قۇرۇپ مەشق قىلدۇرغاندىن تاشقىرى ، يېڭىچە مەكتەپ قۇردى ، چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا ئوقۇغۇچى ئەۋەتتى ، يەنە غەربنىڭ ئىلغار تېخنىكىسىنى كىرگۈزۈپ ، بەزى زاۋۇتلارنى قۇردى . بۇ ئوبيېكتىپ جەھەتتە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى زامانىۋىي سانائەت مەدەنىيىتى ۋە تەبىئىي پەن بىلىملىرى بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ ، ئۇلارنى يەنە يېڭى ئىدىيە ، يېڭى مەدەنىيەت جەھەتتە ئويغاتتى ، بۇ ، شىنجاڭنىڭ سىياسىي ، ئىقتىساد ، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسەتتى .