شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى

ئورنى Wikipedia

<شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى> - پەسىللىك ئىلمىي ژۇرنال بولۇپ، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى نەشر قىلىدۇ، <شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى> ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى نەشرگە تەييارلايدۇ. بۇ ژۇرنال دەسلەپ <شىنجاڭ تارىخشۇناسلىقى> دېگەن نام بىلەن 1980 - يىلى قەرەلسىز، ئىچكى قىسىمدا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان، 1982 - يىلدىن تارتىپ ھازىرقى نامى قوللىنىلىشقا باشلىغان ھەم بىر تۇتاش، قانۇن، تارىخ، دىن ھەققىدىكى تەتقىقاتلار قاتارىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدىكى تەتقىقاتلارغىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بېرىلىدۇ. ئەدەبىيات تەتقىقاتى جەھەتتە ئاساسەن ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى جەھەتتىكى تەتقىقاتتىن باشقا، يەنە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى، سېلىشتۇرما ئەدەبىيات تەتقىقاتى قاتارلىقلار ھەققىدىمۇ ماقالىلەر ئېلان قىلىنىدۇ.[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]