شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك توققۇزىنچى شىسى

ئورنى Wikipedia

يېزا ئىگىلىك 9 - شىسى ئەسلىدىكى 22 - بىڭتۇەن 9 - جۈنىنىڭ 27 - شىسى ئىدى. 1962 - يىلى 8 - ئايدا، ئەسلىدىكى يېزا ئىگىلىك 7 - شىسىنىڭ 3 - باشقۇرۇش ئورنى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق 7 شۆبە مەيدان بىلەن قۇرۇلۇش 2 - شىسىنىڭ شى شىتابى بىرلەشتۈرۈلۈپ يېزا ئىگىلىك 9 - شىسى قىلىپ قۇرۇلغان. شى شىتابى دۆربىلجىن ناھىيىسىدە. يېزا ئىگىلىك 9 - شىسىنىڭ بوز ئۆزلەشتۈرۈش رايونلىرى تارباغاتاي ۋىلايىتىگە جايلاشقان. ئۇنىڭ قارمىقىدا مۇستەقىل ھېسابات قىلىدىغان كارخانىدىن 36 سى بار بولۇپ، ئۇنىڭ 11 سى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تۇەن - مەيدانى، 52 سانائەت، قاتناش بىناكارلىق سودا كارخانىسى ئۇنىڭدىن باشقا يەنە پەن - تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە قاتارلىق كەسپىي ئورۇندىن 83 ى بار. ھازىر 84 مىڭ 600 گېكتار )1 مىليون 269 مىڭ مو( تېرىلغۇ يەر، 234 مىڭ 100 )3 مىليون 520 مىڭ 500 مو( يايلاق، 6000 مىڭ گېكتار )90 مىڭ مو( ئورمانلىق بار. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 72 مىڭ بولۇپ، ئەمگەكچى 34 مىڭ 200. بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئورۇنلاردا ئىشلەۋاتقان ئىشچى - خىزمەتچى 31 مىڭ. يېزا ئىگىلىك 9 - شىسىنىڭ شۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى بىر قەدەر ياخشى، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، ئېتىز - ئېرىقلارنى ئورمان بىلەن تورلاشتۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلغان. سۇ ئامبىرىدىن 7 نى )ئومۇمىي سىغىمچانلىقى 7000 كۇب مېتىردىن( ياسىغان. 1800 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئاساسىي غول ئۆستەڭ )بۇنىڭ ئىچىدە سۇ سىڭمەس ئۆستەڭنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1000 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ( چاپقان؛ دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنىڭ ئومۇمىي كۈچى 75 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، 1000 غا يېقىن چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى دېھقانچىلىق ماشىنىسى بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن ئاساسلىقى، بۇغداي، كوممىقوناق، مايلىقدان، قىزىلچا، ئارپا قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقتا كالا، قوي قاتارلىق چارۋىلارنى بېقىشنى ئاساس قىلغان بولۇپ ئۇلار ئىشلەپ چىقارغان >جۇڭگو مىرىنۇس< ئىنچىكە قوي يۇڭى، ساپ فرانسىيە نەسىللىك >شارۇلاي< كالا گۆشى سۈپىتىنىڭ ئېسىللىكى بىلەن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بازارلاردا ئالقىشقا ئېرىشىپ كەلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېزا ئىگىلىك 9 - شىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەشنى ئاساس قىلغان سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى بىر قەدەر تېز تەرەققىي قىلدى. ئاساسلىق مەھسۇلاتلىرىدىن شېكەر، ئىسپىرت، تىرىپ، يۇڭ پىلتە قاتارلىقلار بار. بۇلاردىن خۇامىن يۇڭ توقۇمىچىلىق فابرىكىسى ئىشلەپ چىقارغان ئىنچىكە يۇڭ يىپ، ئىنچىكە ئىگىرىلگەن ئىلمە توقۇلما تىۋىت يىپى يۇقىرى ئىناۋەتكە ئىگە، 665 تىپلىق ساپ يۇڭ پىلتە 1994 - يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 2 - نۆۋەتلىك خەلقئارا ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنىڭ يېڭى مەھسۇلات، يېڭى تېخنىكىسى كۆرگەزمىسى كېڭىشى يىغىنىدا ئالتۇن مېدارل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، كەسمە چۆپ زاۋۇتى ئىشلەپ چىقارغان ھەرخىل چۆپلەر مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كەڭ سېتىلماقتا.[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]