شىنجاڭ ئىلكان مەبلەغ سېلىش باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى

ئورنى Wikipedia

نامى[تەھرىرلەش]

شىنجاڭ ئىلكان مەبلەغ سېلىش باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى

ئورگان تور ئادىرىسى[تەھرىرلەش]

http://www.ilkan.cn/

ھەققىدە[تەھرىرلەش]

شىنجاڭ ئىلكان مەبلەغ سېلىش باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى 2007-يىل 2-ئايدا پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمەت كەسپىگە كىرگەن بولۇپ ، ئۈزلۈكسىز تىرىشىشى ۋە تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن 2012-يىل 2-ئايدا شىنجاڭ ئىلكان مەبلەغ سېلىش باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنى رەسمىي قۇرۇپ ،دىيارىمىزدىكى مىللىي كارخانىلار ئىچىدە تۇنجى پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسپى ئاپپارات بولۇپ قالدى.

شىركىتىمىز تۈرلۈك كەسىپلەر ئۈچۈن مەخسۇس مۇلازىمەت قىلدىغان كەسپىي قوشۇنغا ئىگە بولۇپ، تەجرىبىلىك مالىيە ئىشلىرى باشقۇرۇش مۇتەخەسسىلىرى، ئاكسىيە ئانالىزچىسى، ئادۋۇكات قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان ساھەلەردىكى كەسپى مۇتەخەسسىلەردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى بانكا ۋە پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرى بىلەن ئۇزۇن مۇددەت ھەمكارلىق ئورناتقان ھەمدە ئۆز مۇلازىمەت كەسپىنى قانات يايدۇرۇشقا زۆرۈر ئادەم كۈچىگە ،مول باشقۇرۇش تەجرىبىسىگە، مۇقىم بازار ئاساسىغا ۋە كەسپى ئانالىز قىلىش ،كارخانا باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ،خېرىدارلارنى قانۇنلۇق ، بىخەتەر، كەسپى، ئۈنۈملۈك پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

شىركىتىمىزنىڭ مۇلازىمىتى قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە تامامەن ئۇيغۇن كېلىدىغان بولۇپ، " جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى توختام قانۇنى" ، " جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى شىركەت قانۇنى" ، " جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى شىركەتنى تىزىمغا ئالدۇرۇشنى باشقۇرۇش نىزامى" "جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى پۇل مۇئامىلە قانۇنى" ، " جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى نەرسە ھوقۇقى قانۇنى" ، " جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى كېپىللىك قانۇنى " ۋە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بىر قاتار ئەدلىيەلىك ئىزاھاتى بەلگىلىمىسىگە ئاساسلانغان ھەمدە كۆپلىگەن قانۇن مۇتەخەسسىلىرىگە ھاۋالە قىلىپ ھەر تۈرلۈك مۇلازىمەتلەرنىڭ قانۇنىيلىقى تولۇق دەلىللەنگەن.

شىركىتىمىز سەمىمىي تىجارەت قىلىشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، پۇل مۇئامىلە كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىشقا ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ، ئىزچىل ھالدا خەۋپ- خەتەرنى ئەڭ تۆۋەن چەكتە كونترول قىلىشنى ئۆزىنىڭ نىشانى قىلغان. تۈرلۈك مۇلازىمەتلىرىدە شىركەتنىڭ قاتتىق بولغان مەشغۇلات خېيىم - خەتىرىنى كونترول قىلىش سىستېمىسىغا ئاساسەن، خېرىدارلار ئۈچۈن بىخەتەر بولغان پۇل مۇئامىلە مەبلەغ سېلىشتىن مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. شىركەت قەتئىي ھالدا خېيىم- خەتەرنى كونترول قىلىش ۋە خېيىم -خەتەرسىز مەشغۇلات تەرتىپى بويىچە خېرىدارلارنىڭ بارلىق سودىسى ئۈچۈن بىخەتەرلىك بىلەن تەمىنلەيدۇ ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قېلىپلاشقان باشقۇرۇش ئەندىزىسى ئارقىلىق بازار پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەي، خېرىدرلار ئۈچۈن قىممەت يارىتىۋاتىدۇ.

بايرىقى ئاستىدىكى تور بەتلەر[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇر ئالتۇن تورى

دەرس تورى

زاكاس تورى [1]

زىلكۈي مۇزىكا تورى

ھەمكارلاشقان ئورگانلار[تەھرىرلەش]

جوڭگو بانكىسى

قۇرلۇش بانكىسى

يىزا-ئىگىلىك بانكىسى

شىياڭگاڭ بەيلى گۇرۇھى قىمەتلىك مىتال سودا مەركىزى

ش ئۇ ئا ر پاي ھوقوقى سودا مەركىزى

بىيجىڭ مىنشىن مەبلەغ باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى

مەنبە[تەھرىرلەش]

شىنجاڭ ئىلكان مەبلەغ سېلىش باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى ئورگان تور بىتى