شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى

ئورنى Wikipedia

<شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى> گېزىتى - ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە نەشر قىلىنىدىغان، كەڭ ئۆسمۈرلەر - بالىلارنى ئوبيېكت قىلغان ئۇنىۋېرسال گېزىت. <شىنجاڭ پىئونېرلىرى> نامى بىلەن رەسمىي نەشر قىلىنغان، 1967 - يىلغا كەلگەندە توختاپ قېلىپ، 1977 - يىل 7 - ئايدىن ئېتىبارەن يەنە نەشر قىلىنىۋاتىدۇ. گېزىت نەشر قىلىنىشى بىلەنلا ئۇنىڭدا ئەدەبىيات بېتى ھازىرغىچە چىقىۋاتىدۇ. گېزىتنىڭ ئەدەبىيات بېتىگە ياش - ئۆسمۈرلەر يازغان، شۇنداقلا چوڭلار بالىلارغا ئاتاپ يازغان بالىلار ھېكايىلىرى، شېئىرلىرى، نەسرلىرى، شېئىرىي تېپىشماقلار ۋە بەزى تەرجىمە ئەسەرلەر بېرىلىدۇ.[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]