Jump to content

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى

ئورنى Wikipedia

ئىجتىمائىي پەن ۋە تەبىئىي پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئۈچ خىل يېزىقتا چىقىرىلىدۇ. پەلسەپە ئىجتىمائىي پەن نەشرى (خەنزۇ تىلىدا) 1973 - يىلى نەشىر قىلىنىشقا باشلىغان. ئۇيغۇر تىلى نەشرى 1980 - يىلى نەشىر قىلىنىشقا باشلىغان. بۇلار ھەممىسى 1982 - يىلدىن باشلاپ ئاشكارا تارقىتىلغان. ئاساسىي مەقسىتى: پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ھەمدە يەرلىك ئالاھىدىلىك ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئىلىم ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت. ئاساسلىق سەھىپىلىرىدىن غەربىي دىيار تارىخىي تەتقىقاتى، رايون ئىقتىسادىي تەتقىقاتى، ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى، يىپەك يولى ئەدەبىيات مۇنبىرى، نوپۇس، ئاياللار تەتقىقاتى، ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى قاتارلىقلار بار. تەبىئىي پەن (خەنزۇ تىلىدىكى) نەشرى 1975 - يىلى نەشر قىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، 1984- يىلى ئاشكارا تارقىتىلىشقا باشلىغان. ئۇيغۇر تىلى نەشرى 1980 - يىلى نەشر قىلىنىشقا باشلىنىپ 1999 - يىلى ئاشكارا تارقىتىلىشقا باشلىغان. ئاساسىي مەقسىتى: تەبىئىي پەن ئۇل نەزەرىيىسى، تېخنىكا ئىلمى، قوللىنىشچان ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ ئىلمىي ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. قازاق تىلىدىكى نەشرى 1981 - يىلى نەشر قىلىنىشقا باشلىغان، ئەسلى نامى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى بولۇپ، 1993 - يىلى شىنجاڭ ئالىي مەكتەپ ئىلمىي ژۇرنىلى غا ئۆزگەرتىلدى. ئىلمىي ژۇرنال تەھرىر بۆلۈمىدە كسپىي تەھرىرلەردىن 14 كىشى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە پروفېسسوردىن بىر كىشى، دوتسىنت بەش كىشى، مۇئاۋىن باش مۇھەررىردىن ئۈچ كىشى بار. ئۈچ خىل تىل نۇسخىسىدىكى بەش تۈرلۈك ئىلمىي ژۇرنال دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە ژۇرناللارنى باھالاشتا كۆپ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.[1]

مەنبەلەر

[تەھرىرلەش]