شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى

ئورنى Wikipedia

ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى 1954-يىلى قۇرۇلغان، 1989-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىلىشى بىلەن دوختۇرخانا نامى ” شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى “ غا ئۆزگەرتىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن بولۇپ، ھازىر داۋالاش،ئوقۇ ئوقۇتۇش ۋە پەن تەتقىقات بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنىۋېرسال 3-A دەرىجىلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىغا ئايلاندى.

قۇرۇلغان ۋاقتى 1954-يىلى
ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسى
خەنزۇچە نامى 新疆維吾爾自治區維吾爾醫醫院
توربېكىتى [www.xjwyyy.com https://web.archive.org/web/20190924211439/http://www.xjwyyy.com/cn/]

دوختۇرخانىنىڭ ئاساسىي كۆلىمى[تەھرىرلەش]

دوختۇرخانىنىڭ ئىگەللىگەن ئومۇمىي يەر كۆلىمى 352 مىڭ كىۋادرات مېتىر، شىتاتتىكى كېسەل كارىۋىتى سانى 500 بولۇپ، دوختۇرخانىدا تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمى، سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمى، ئاياللار كېسەللىكلىرى-تۇغۇت بۆلۈمى قاتارلىق 16 بىرىنچى دەرىجىلىك كىلىنىك بۆلۈملەر؛ ئاقكېسەل، تىز بوغۇم ياللۇغى، بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش قاتارلىق 13 ئۇيغۇر تېبابەت خاسلىقىغا ئىگە مەخسۇس بۆلۈم ئامبۇلاتورىيەلىرى؛ لابۇراتورىيەلىك تەكشۈرۈش بۆلۈمى، رېنتگېن بۆلۈمى، CT دا تەكشۈرۈش، يادرو ماگنېتلىق رېزونانىستا تەكشۈرۈش، B چاۋدا تەكشۈرۈش، يۈرەك ئېلېكتىرو كاردىيوگراممىىدا تەكشۈرۈش، قورساق بوشلۇقى ئەينىكىدە تەكشۈرۈش قاتارلىق تېببىي تېخنىكىلىق بۆلۈملەر ۋە فۇنكىسىيەلىك تەكشۈرۈش تارماقلىرى تەسسىس قىلىنغان.

ئۇيغۇر تېبابەت دورا ياسالمىلىرى[تەھرىرلەش]

دوختۇرخانىنىڭ دورا ياساش بۆلۈمى 1992–يىلى قۇرۇلغان ۋە دۆلەتنىڭ GPP ئۆلچىمىگە يەتكەن بولۇپ، دورا ياساش بۆلۈمىدە 13 تۈرلۈك ياسالما شەكلى بويىچە جەمئىي 92 خىل ئۇيغۇر تېبابەت دورا ياسالمىلىرى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. ئىشلەپچىقىرىلغان دورا ياسالمىلىرى دوختۇرخانىنىڭ كىلىنىكا ۋە پەن تەتقىقات ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماستىن يەنە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 30 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىلىرىنى ئۇيغۇر تېبابەت دورا ياسالمىلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

پەن تەتقىقات خىزمىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى[تەھرىرلەش]

نۆۋەتتە دوختۇرخانا ئۈستىگە ئالغان پەن تەتقىقات تېمىسى جەمئىي 51 تۈرلۈك بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت دەرىجىلىكتىن 22 تۈرلۈك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىكتىن 29 تۈرلۈك پەن تەتقىقات تېمىسى بار. ئاقكېسەل، بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش، تىز بوغۇم ياللۇغى قاتارلىق 15 خىل كېسەللىكنى ئۇيغۇر تېبابىتى بويىچە دىياگنوز قويۇپ داۋالاش قوللانمىسى ۋە ئاقكېسەل قاتارلىق 7 خىل كېسەللىككە دىياگنوز قويۇش ئۆلچىمى، داۋالاش ئۈنۈمىنى باھالاش ئۆلچىمى ۋە دىياگنوز قويۇپ داۋالاش قوللانمىسى قاتارلىق 21 خىل ئۆلچىمى تۈزۈپ چىقىلدى؛ ئاقكېسەل قاتارلىق 7 خىل كېسەللىكنىڭ كىلىنىك مۇساپىسى ئېلان قىلىندى؛ ” ئاقكېسەلنى ئۇيغۇر تېبابىتى بويىچە دىياگنوز قويۇپ داۋالاش “ قاتارلىق 8 پارچە مەخسۇس ئەسەر(كىتاب) نەشىر قىلىندى.

ئوقۇ ئوقۇتۇش خىزمىتى [تەھرىرلەش]

نۆۋەتتە، دوختۇرخانىدا بىر نەپەر پروفېسسور، 14 نەپەر دوتسېنت ۋە 14 نەپەر ماگىستىر ئاسپىرانت يېتەكچىسى بار بولۇپ، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك كەسپىي بويىچە 26 نەپەر ئاسپىرانت تەربىيەلىدى؛ دۆلەت جۇڭيى تېبابەتچىلىكى-دورىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ شاگىرت تەربىيەلەيدىغان يېتەكچى ئۇستازدىن 2 نەپەر، ئۇستازلار ئىلمىي ئىدىيەسىنىڭ داۋاملاشتۇرغۇچىسىدىن 3 نەپەر؛ دوختۇرخانا دەرىجىلىك شاگىرت تەربىيەلەيدىغان يېتەكچى ئۇستازدىن 3 نەپەر، ئۇستازلار ئىلمىي ئىدىيەسىنىڭ داۋاملاشتۇرغۇچىسىدىن 5 نەپەر خادىم بار. ھەر يىلى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى بويىچە 1220 دىن ئارتۇق خادىم تەربىيەلىنىدۇ، 400 نەپەر بالنىست ۋىراچلىرى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈلىدۇ؛ شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئالىي تېخنىكومىنىڭ كىلىنىكا ئوقۇتۇش دوختۇرخانىسى بولۇپ، ھەر يىلى 120 دىن ئارتۇق پراكتىكانت ئوقۇغۇچىلارنىڭ پراكتىكىسى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، 100 نەپەر بىلىم ئاشۇرۇشقان كەلگەن خادىم قوبۇل قىلىنىدۇ؛ دوختۇرخانا جۇڭگو جۇڭيى تېبابىتى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ كەسىپلەر بويىچە ياردەم بېرىشتە ھەمكارلىشىدىغان ئورۇن بولۇپ، دوختۇرخانىدا جۇڭگو جۇڭيى تېبابىتى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىكى تەتقىقات بازىسى بىلەن جۇڭيى تېبابىتى ۋە ئۇيغۇر تېبابىتى ئۇچۇر قوللىنىش بىرلەشمە تەتقىقات ئىشخانىسى قۇرۇلدى، جۇڭگو جۇڭيى تېبابىتى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ (ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىكى يۆنىلىشى بويىچە) ئاسپىرانت تەربىيەلەش سىنىپى ئېچىلىپ 85 نەپەر كۇرسانت ئوقۇش تاماملىدى.

تەرەققىيات[تەھرىرلەش]

دوختۇرخانىمىز1954-يىلى قۇرۇلغان بۇلۇپ، 1976-يىلى6-ئايدا «ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەڭرىتاغ رايونى ئۇيغۇر تېبابەت بىرلەشمە ئامبولاتورىيىسى »ئاساسىدا «ئۈرۈمچى شەھەرلىك مىللىي دوختۇرخانا بولۇپ قۇرۇلغان .1984-يىلى نامىنى ئۆزگەرتىپ« ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى بولۇپ »ئاتالدى.1989-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۇمىتىنىڭ تەستىقلىشىدىن ئۆتۈپ، نامى«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى»غا ئۆزگەرتىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىنىڭ باشقۇرىشىغا ئۆتتى . 50 يىللىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلىقى ۋە زور كۈچ بىلەن قوللاپ قۇۋەتلىشى ئاستىدا دوختۇرخانىمىز ھازىرقى داۋالاش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات، بىرگەۋدە قىلىنغان ئۈچىنچى A دەرىجىلىك ئۇنۋىرسال ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىغا ئايلاندى.

شان - شەرەپلەر[تەھرىرلەش]

دۆلەتلىك جۇڭيى تېبابەتچىلىكى-دورىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ3Aدەرىجىلىك مىللىي تېبابەت دوختۇرخانىسى

دۆلەتلىك جۇڭيى تېبابەتچىلىكى-دورىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ " نۇقتىلىق مىللىي تېبابەت دوختۇرخانىسى "

دۆلەتلىك جۇڭيى تېبابەتچىلىكى-دورىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى " جۇڭيى تېبابەتچىلىكى-دورىگەرلىكى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدىكى سىناق ئورۇن" دۆلەتلىك جۇڭيى تېبابەتچىلىكى-دورىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى " جۇڭيى تېبابەتچىلىكى-دورىگەرلىكى ئۆلچەملەشتۈرۈش تەتقىقاتى كېڭەيتىش بازىسى " قۇرۇلۇشى ئورنى

دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومېتىتى “ئۇيغۇر تېبابىتى تېرە كېسەللىكلىرى، ئۇيغۇر تېبابىتى ئۆپكە كېسەللىكلىرى، ئۇيغۇر تېبابىتى ئاياللار كېسەللىكلىرى تۇغۇت بۆلۈمى، ئۇيغۇر تېبابىتى دورا ئىلمىي ” قاتارلىق 4 كېلىنكا نۇقتىلىق مەخسۇس بۆلۈم قۇرۇلۇشى ئورنى

دۆلەتلىك جۇڭيى تېبابەتچىلىكى-دورىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى “ئۇيغۇر تېبابەت تېرە كېسەللىكى بۆلۈمى، ئۇيغۇر تېبابەت سۇنۇق-زەخمەبۆلۈمى، ئۇيغۇر تېبابەت ئاياللار كېسەللىكى بۆلۈمى، ئۇيغۇر تېبابەت ئۆپكە كېسەللىكى بۆلۈمى، ئۇيغۇر تېبابەت تال ئاشقازان كېسەللىكى بۆلۈمى، ئۇيغۇر تېبابەت مىزاج بۆلۈمى” قاتارلىق 6 دۆلەتلىك مىللىي تېبابىتى نۇقتىلىق مەخسۇس بۆلۈم قۇرۇلۇش تۈرى قۇرۇلۇش ئورنى

دۆلەتلىك جۇڭيى تېبابەتچىلىكى-دورىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى “ئۇيغۇر تېبابەت كېلىنكا دورىگەرلىكى” دۆلەت مىللىي تېبابىتى نۇقتىلىق مەخسۇس بۆلۈم تەربىيلەش تۈرى قۇرۇلۇشى ئورنى

دۆلەتلىك جۇڭيى تېبابەتچىلىكى-دورىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى " ئۇيغۇر تېبابىتى ئاق كېسەلنى دىياگنۇز قويۇپ داۋالاش نۇقتىلىق تەتقىقاتخانىسى "

دۆلەتلىك جۇڭيى تېبابەتچىلىكى-دورىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى" ئۇيغۇر تېبابىتى تېرە كېسەللىكى ئىلمىي، ئۇيغۇر تېبابىتى سۇنۇق-زەخمە كېسەللىكى ئىلمىي، ئۇيغۇر تېبابىتى ئاياللار كېسەللىكى ئىلمىي، ئۇيغۇر تېبابىتى دورا ئىلمىي" قاتارلىق 4 نۇقتىلىق ئىلىم قۇرۇلۇشى ئورنى

دۆلەت يېمەكلىك ۋە دورىلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ “ئۇيغۇر تېبابىتى تېرە كېسەللىكى، ئۇيغۇر تېبابىتى ئاياللار كېسەللىكى، ئۇيغۇر تېبابىتى سۆڭەك كېسەللىكى، ئۇيغۇر تېبابىتى يۈرەك كېسەللىكى، ئۇيغۇر تېبابىتى ھەزىم قىلىش سېستىمىسى كېسەللىكى” قاتارلىق 5 كەسىپنىڭ ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى GCPبازىسى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق “ئۇيغۇر تېبابىتى ئاق كېسەلنى دىياگنۇز قويۇپ داۋالاش مەركىزى”

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى “ئۇيغۇر تېبابىتى يۈرەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمى” كېلىنكا نۇقتىلىق مەخسۇس بۆلۈم قۇرۇلۇشى ئورنى

ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى-مىللىيتېبابەتچىلىكى-دورىگەرلىكى ئىدارىسى“ئۇيغۇر تېبابىتى فىزىكىلىق داۋالاش مەخسۇس بۆلۈمى، تاجسىمان يۈرەك كېسىلى ۋە ھۆل تەمرەتكە مەخسۇس بۆلۈمى (مەخسۇس كېسەللىك)” نۇقتىلىق مەخسۇس بۆلۈم (مەخسۇس كېسەللىك) قۇرۇلۇشى ئورنى

ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى-مىللىيتېبابەتچىلىكى-دورىگەرلىكى ئىدارىسى“ئۇيغۇر تېبابىتى يۈرەك قانتومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر ئىلمى، ئۇيغۇر تېبابىتى سۇنۇق-زەخمە كېسەللىكلەر ئىلمى، ئۇيغۇر تېبابىتى ئاياللار كېسەللىكلىرى ئىلمى” قاتارلىق 3 نۇقتىلىق ئىلىم قۇرۇلۇشى ئورنى

شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابىتى ئالىي تېخنىكومى “كېلىنكا ئوقۇتۇش دوختۇرخانىسى

ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىي ئورۇن