Jump to content

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش نىزامى

ئورنى Wikipedia
مەنبەلەلەر ياكى پايدىلانغان ماتېرياللار يىتەرلىك ئەمەس

ئشەنچىلىك مەنبە ئارقىلىق تۇلۇقلاڭ، مەنبەسى بولمىغان مەزمۇن ئۆچۇرلىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش نىزامى 2009 – يىل 9 – ئاينىڭ 25 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14 – يىغىنىدا ماقۇللاندى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى (14 – نومۇرلۇق) ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش نىزامى›› 2009 – يىل 9 – ئاينىڭ 25 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11– نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14 – يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. ھازىر ئېلان قىلدۇق. 2009 – يىل 9 – ئاينىڭ 25 – كۈنى 1 – ماددا بۇ نىزام مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش، زېمىننى كۆكەرتىش قەدىمىنى تېزلىتىش، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە ياخشىلاش مەقسىتىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ‹‹ئومۇمىي خەلق مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى قارار››ىغا ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن – نىزاملىرىغا بىنائەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى. 2 – ماددا بۇ نىزام ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەتبىقلىنىدۇ. 3 – ماددا مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا، ھۆكۈمەت بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، مەسئۇل ئاپپارات تەشكىللەيدىغان، ئورۇنلار كونكرېت يولغا قويىدىغان، پۇقرالار كەڭ دائىرىدە قاتنىشىدىغان تەشكىلىي شەكىل يولغا قويۇلىدۇ؛ ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، بىر تۇتاش پىلانلاش، ئىلمىي تىكىش، پەرۋىش قىلىشنى كۈچەيتىش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ. 4 – ماددا 18 ياشتىن 60 ياشقىچە بولغان ئەر پۇقرالار ۋە 18 ياشتىن 55 ياشقىچە بولغان ئايال پۇقرالار(جۈملىدىن تۇرۇۋاتقىنىغا بىر يىل توشقان ۋاقىتلىق تۇرۇۋاتقان ئاھالە)دىن ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغانلىرىدىن باشقىلىرى مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ھەر بىر كىشى ھەر يىلى ئۈچ تۈپتىن بەش تۈپكىچە كۆچەت تىكىش مەجبۇرىيىتىنى ھەقسىز ئادا قىلىشى ياكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، مۇناسىپ ئەمگەك مىقدارىدا كۆچەت يېتىشتۈرۈش، دەل – دەرەخ پەرۋىش قىلىش ياكى باشقا كۆكەرتىش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىشى لازىم. قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن 11 ياشتىن ئاشقانلىرى ئەمەلىي شارائىتقا قاراپ يېقىن ئەتراپتىكى قۇربى يېتىدىغان مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە تەشكىللىك قاتنىشىشى كېرەك. باشقا ياشتىكى پۇقرالار ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئىختىيارىي قاتناشسا بولىدۇ. 5 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى نىشان جاۋابكارلىق تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى ھەم مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش خىزمىتى خىراجىتىنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خام چوتىغا كىرگۈزۈشى كېرەك. 6 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە ۋە شەھەر، يېزىلارنى كۆكەرتىش خىزمىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان كۆكەرتىش كومىتېتى قۇرىدۇ. كۆكەرتىش كومىتېتى مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش، ماسلاشتۇرۇپ يېتەكچىلىك قىلىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە كونكرېت مەسئۇل بولىدىغان ئىش ئاپپاراتى قۇرىدۇ. 7 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كۆكەرتىش كومىتېتى شەھەر، يېزىلارنى كۆكەرتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تەلىپى بويىچە، مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش يىرىك پىلانى ۋە يىللىق تىكىش پىلانى تۈزۈپ، مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش بويىچە تىزىملاش ۋە باھالاش – مۇكاپاتلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى كېرەك. 8 – ماددا مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش يىللىق پىلانىنى ناھىيىلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمىتى كۆكەرتىش كومىتېتىنىڭ ئىش ئاپپاراتى شۇ مەمۇرىي رايوندىكى كوچا باشقارمىسى، يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى، شۇنىڭدەك ئورگان، تەشكىلات، مەكتەپ، كارخانا – كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا چۈشۈرىدۇ ھەمدە تىكىش رايونى، ۋاقتى، تۈرى، سانى، سۈپىتى ۋە ئەي بولۇش نىسبىتى تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ. تىكىش رايونىنى بېكىتىشتە، سۇغىرىش شارائىتىنى تولۇق ئويلىشىش ھەم ئۇنى دەل – دەرەخلەرنىڭ ئۆسۈشىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش كېرەك. 9 – ماددا كوچا باشقارمىلىرى شەھەر، بازارلاردىكى يەككە سودا – سانائەتچىلەر، ئىش تاپالمىغانلار ۋە ۋاقىتلىق تۇرۇۋاتقان ئاھالىنى مەجبۇرەن كۆچەت تىكىشكە تەشكىللەشكە مەسئۇل بولىدۇ؛ يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمەتلىرى دېھقان – چارۋىچىلارنى مەجبۇرەن كۆچەت تىكىشكە تەشكىللەشكە مەسئۇل بولىدۇ؛ ئورگان، تەشكىلات، مەكتەپ، كارخانا – كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئۆز ئورنىدىكىلەرنى مەجبۇرەن كۆچەت تىكىشكە تەشكىللەشكە مەسئۇل بولىدۇ. مەجبۇرەن كۆچەت تىكىشنى تەشكىللەپ يولغا قويغۇچى ئورۇنلار كۆكەرتىش كومىتېتىنىڭ ئىش ئاپپاراتى چۈشۈرگەن يىللىق تىكىش پىلانى بويىچە مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىشى، ئورۇنداش ئەھۋالىنى ئەينەن يوللىشى ھەم تىكىشكە يېتەكچىلىك قىلىش، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ۋە باھالاشنى قوبۇل قىلىشى لازىم. 10 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى كۆكەرتىش كومىتېتىنىڭ ئىش ئاپپاراتى مەجبۇرەن كۆچەت تىكىشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، تىكىش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى ھەم ئورۇنداش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى ۋە باھالىشى؛ تىكىش سۈپىتىنى تەلەپكە يەتكۈزەلمىگەنلەر كۆكەرتىش كومىتېتى ئىش ئاپپاراتىنىڭ تەلىپى بويىچە تولۇقلاپ تىكىشى ياكى قايتا تىكىشى لازىم. 11 – ماددا مەجبۇرەن تىكىپ يېتىشتۈرۈلگەن دەل – دەرەخ ۋە يېشىللىقنى ئورمان ھوقۇقى ئىگىدارى پەرۋىش قىلىدۇ. ئورمان ھوقۇقى ئىگىدارى مەخسۇس پەرۋىش قىلىش، خېرىدار چاقىرىپ ھۆددە بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن پەرۋىش قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بەلگىلەنگەن ساقلاش نىسبىتىگە يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلسا بولىدۇ. پەرۋىش قىلىش خىراجىتى جەھەتتە قىيىنچىلىقى بارلار ناھىيىلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمىتى كۆكەرتىش كومىتېتىنىڭ ئىش ئاپپاراتىغا ئىلتىماس قىلىپ، ئۇلار قوشۇلغاندىن كېيىن، تەڭ دەرىجىلىك مالىيە تارمىقىنىڭ مۇۋاپىق ياردەم پۇل بېرىشىگە يوللىسا بولىدۇ. 12 – ماددا ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنىڭ قاقاس تاغ، قاقاس يەرنى كۆكەرتىشىگە ياكى خاتىرە دەرىخى تىكىش، خاتىرە ئورمىنى بەرپا قىلىش، دەل – دەرەخ، يېشىللىقنى ئىگە بولۇپ تىكىش، تېرىش، پەرۋىش قىلىش، قەدىمىي داڭلىق دەل – دەرەخلەرنى ئاسراش، دەل – دەرەخ پەرۋىش قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ؛ شارائىتى بار ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنىڭ مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش بازىسى قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ. دەل – دەرەخ ئۆستۈرۈشكە باب كېلىدىغان قاقاس تاغ، قاقاس يەرگە مەجبۇرەن كۆچەت تىككەنلەر دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئېتىبار سىياسەتتىن بەھرىمەن بولىدۇ. 13 – ماددا مەجبۇرەن تىكىپ يېتىشتۈرۈلگەن دەل – دەرەخ دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئورمان ئېكولوگىيە ئۈنۈمى تولۇقلىمىسى بېرىش ھەققىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كەلسە ئورمان ئېكولوگىيە ئۈنۈمى تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ. 14 – ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 4 – ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقىدا بەلگىلەنگەن كۆچەت تىكىش مەجبۇرىيىتى مەجبۇرەن كۆچەت تىكىپ كۆكەرتىش ھەققىنى ئەمگەك ئورنىدا تاپشۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئادا قىلىنسا بولىدۇ. مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلار مەجبۇرەن كۆچەت تىكىپ كۆكەرتىش ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك. كۆكەرتىش ھەققى ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن يىلىغا ئۈچ ئىش كۈنى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. كۆكەرتىش ھەققىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى كۆكەرتىش كومىتېتىنىڭ ئىش ئاپپاراتى ئالىدۇ ياكى باشقا تارماقلارغا ئېلىشنى ھاۋالە قىلىدۇ. مەجبۇرەن كۆچەت تىكىپ كۆكەرتىش ھەققىنى ئېلىش ۋە ئىشلىتىش كونكرېت چارىسىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كۆكەرتىش كومىتېتىنىڭ ئىش ئاپپاراتى مالىيە، تەرەققىيات – ئىسلاھات تارمىقى بىلەن بىرلىكتە چىقىرىدۇ ھەم جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ. 15 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى كۆكەرتىش كومىتېتىنىڭ ئىش ئاپپاراتى دەل – دەرەخ، يېشىللىقنىڭ نام ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ياكى ئىئانە قوبۇل قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق مەجبۇرەن كۆچەت تىكىپ كۆكەرتىش مەبلىغى توپلىسا بولىدۇ. 16 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى كۆكەرتىش كومىتېتىنىڭ ئىش ئاپپاراتى ئالغان مەجبۇرەن كۆچەت تىكىپ كۆكەرتىش ھەققى، توپلىغان مەجبۇرەن كۆچەت تىكىپ كۆكەرتىش مەبلىغىدە باجدىن باشقا كىرىمنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى بويىچە كىرىم بىلەن چىقىم ئايرىم باشقۇرۇلىدۇ، ئۇ مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە ئېھتىياجلىق بولغان كۆچەت قاتارلىقلارنىڭ چىقىمىغا ئىشلىتىلىدۇ ھەم مالىيە، ئىقتىسادىي تەپتىش تارماقلىرىنىڭ نازارىتىدە بولىدۇ. 17 – ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس دەل – دەرەخنى ئاسرىشى، مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش نەتىجىسىنى قوغدىشى كېرەك، ئۇلار مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى توسۇش ۋە پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق. مەجبۇرەن يېتىشتۈرۈلگەن دەل – دەرەخلەرنى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئورمان قانۇنى›› ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹شەھەر كۆكەرتىش نىزامى››دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە كېسىش ۋە يېڭىلاش كېرەك. 18 – ماددا رادىئو، تېلېۋىزىيە، گېزىت – ژۇرنال، ئالاقە تورى قاتارلىق ۋاسىتىلەر مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش، زېمىننى كۆكەرتىشكە دائىر جامائەت پاراۋانلىق تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، پۇقرالارنىڭ يېشىللىق بەرپا قىلىش، يېشىللىقنى ئاسراش، يېشىللىقنى قەدىرلەش ئېڭى قاتارلىق ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك ئېڭىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. مەكتەپلەر مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي ئوقۇتۇش پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تەربىيىسىنى قانات يايدۇرۇشى لازىم. 19 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كۆكەرتىش كومىتېتى مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەيدۇ، مۇكاپاتلايدۇ. يىللىق مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش بويىچە باھالاش نىشان تەلىپىگە يەتمىگەن ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنىڭ شۇ يىلى كۆكەرتىشكە مۇناسىۋەتلىك شەرەپ نام ئىلتىماس قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 20 – ماددا مۇشۇ نىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كۆكەرتىش كومىتېتى مەمۇرىي جازا بېرىدۇ: (1) ئورۇنلار ياكى شەخسلەردىن كۆچەت تىكىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان، مەجبۇرەن كۆچەت تىكىپ كۆكەرتىش ھەققىنىمۇ تاپشۇرمىغانلىرى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا بۇيرۇلىدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ ئادا قىلمىغانلىرىدىن بەلگىلىمە بويىچە كۆكەرتىش ھەققى ئېلىنغاندىن سىرت، قوشۇمچە تاپشۇرىدىغان مەجبۇرەن كۆچەت تىكىپ كۆكەرتىش ھەققىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن ئىككى ھەسسىسىگىچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ (2) كۆچەت تىككۈچى ئورۇنلاردىن تىكىش سۈپىتىنى تەلەپكە يەتكۈزەلمىگەنلىرى ھەم تەلەپ بويىچە تولۇقلاپ تىكمىگەن ياكى قايتا تىكمىگەنلىرىگە تولۇقلاپ تىكىش ياكى قايتا تىكىشكە كېتىدىغان ھەقنىڭ ئىككى ھەسسسىدىن ئۈچ ھەسسىسىگىچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ (3) پەرۋىش قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇن ياكى شەخسلەردىن پەرۋىش قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي زىيان پەيدا قىلغانلىرى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تولۇقلاپ تىكىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ مۆھلەت ئۆتكىچە تولۇقلاپ تىكمىگەنلىرى ياكى تولۇقلاپ تىككىنى تەلەپكە يەتمىگەنلىرىگە زىيان قىممىتىنىڭ بىر ھەسسسىدىن بەش ھەسسىسىگىچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ (4) مەجبۇرەن تىكىلگەن دەل– دەرەخلەرنى نابۇت قىلىۋەتكەنلەر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىپ، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە نابۇت قىلىۋەتكەن دەل – دەرەخنىڭ بىر ھەسسىسىدىن ئۈچ ھەسسىسىگىچە تولۇقلاپ تىكىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تولۇقلاپ تىكمىگەنلەر ياكى تولۇقلاپ تىككىنى تەلەپكە يەتمىگەنلىرىگە نابۇت قىلىۋەتكەن دەل – دەرەخ قىممىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن بەش ھەسسىسىگىچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ 21 – ماددا مەجبۇرەن يېتىشتۈرۈلگەن دەل – دەرەخلەرنى ئوغرىلىقچە كەسكەن، كەلسە – كەلمەس كەسكەن، مەجبۇرەن كۆچەت تىكىپ كۆكەرتىش ئەسلىھەسى ياكى مەجبۇرەن كۆچەت تىكىشكە ئىشلىتىلىدىغان كۆچەتخانا، يېشىللىقنى ئىگىلىۋالغانلارغا ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئورمان قانۇنى›› ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹شەھەر كۆكەرتىش نىزامى›› قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. 22 – ماددا ئالاقىدار ئورۇن ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن مەجبۇرەن كۆچەت تىكىپ كۆكەرتىش ھەققى، مەجبۇرەن كۆچەت تىكىپ كۆكەرتىش مەبلىغىنى قىسىپ قالغان، ئىشلىتىۋالغان، خىيانەت قىلغان ياكى مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىدە بىپەرۋالىق، ساختىپەزلىك ۋە نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا مەسئۇل تارماق ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 23 – ماددا سۇچىلىق، قاتناش، تۆمۈريول، نېفىت، كانچىلىق تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار دۆلەتنىڭ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملىرىدا بەلگىلەنگەن كۆكەرتىش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىغاندىن سىرت، مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە شۇ جايدىكى مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگىمۇ قاتنىشىشى كېرەك. شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى، قوراللىق ساقچى قىسىملار گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە شۇ جايدىكى كۆكەرتىش كومىتېتى تەشكىللىگەن مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ. 24 – ماددا بۇ نىزام 2009 – يىل 12 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 1995 – يىل 10 – ئاينىڭ 27 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 17 – يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2004 – يىل 11 – ئاينىڭ 26 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13 – يىغىنىدا تۈزىتىلگەن ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پۇقرالار مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش نىزامى›› بىكار قىلىنىدۇ. (تەرجىمىسىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

مەنبەلەر

[تەھرىرلەش]