شىنجاڭ داۋايى غىزا يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيەت چەكلىك شىركىتى

ئورنى Wikipedia

«داۋايى غىزا» 2009-يىلى دۆلەت تاۋار ماركا ئىدارىسىگە رويىخەتكە ئالدۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەستىقلىشى بىلەن داۋايى غىزا نامىدا يېمەك-ئىچمەك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىمىز.

تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلايدىغان بولساق، ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيتىدە زور رول ئويناپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان، ئوزۇقلۇق قىممىتى ھەممىمىزگە مەلۇم بولغان، ھەم «داۋا» ھەم «غىزا» لىق خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلىشىغا ئېرىشىپ داستىخان تۆرىدىن ئورۇن ئالغان، ئەجدادلار مىراسى چاقناپ تۇرماقتا.

بىز ئەنە شۇ مۆھتىرەم ئەجدادلار كەسىپكە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇيغۇر تائام مەدەنىيتىنى دۇنياغا تونۇتۇش ۋە كەلگۈسىگە يۈزلەندۈرۈش يولىدا تىنىمسىز ئىزدىنىپ كېلىۋاتىمىز. شۇ ئارزۇنىڭ تۈرىتكىسىدە قەشقەر شەھرىدە «داۋايى غىزا» ، «غىزايى داۋا» ، «غىزايى داۋا» يەرلىك توخو قورىمىخانىسى، خوتەن شەھرى، يېڭىسار، ئاقتۇ، يېڭىشەھەر قاتارلىق ناھىيە-شەھەرلەردە «داۋايى غىزا» نامىدا پولوخانا ئېچىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئازادە موھىت، ئەتراپلىق مۇلازىمەت، ئىشەنچلىك تائاملىرىمىز ئارقىلىق كەڭ ئىستىمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلىشىغا ۋە قوللىشىغا ئېرىشىپ كەلدۇق، شۇنداقلا بۇ جەرياندا تەجىرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەش ئارقىلىق ئۆزىمىزگە خاس خاسلىق ياراتتۇق.

تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تىز بولىشى، خىزمەت ئالدىراشلىقى تۈپەيلى ۋاقتىدا غىزالىنالمايۋاتقان  ئىستىمالچىلارنىڭ كۈچلۈك تەلىپىگە ئاساسەن، سۈپەتنى ئاساس، مۇلازىمەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ «داۋايى غىزا» نامىدا تاماق يەتكۈزۈش سۇپىسى قۇرۇپ، تاماق يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى يولغا قويدۇق.

«داۋايى غىزا» تاماق يەتكۈزۈش سۇپىسى، شىنجاڭ داۋايى غىزا يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيەت چەكلىك شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى مۇلازىمەت كەسپى بولۇپ، شىركىتىمىز ئۇزۇن يىل تاماقخانا ئېچىش ۋە يېمەك-ئىچمەك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا توپلىغان تەجىربىلىرىمىزگە ۋە كەڭ ئىستىمالچىلارنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن يولغا قويغان تۈر، شىركىتىمىز كۈچلۈك رەھبەرلىك گورۇپپىسى ئاساسىدا سېستىمىلىق ھەم تەشكىللىك بولغان تاماق يەتكۈزۈش سۇپىسى بەرپا قىلدۇق ۋە تەربىيلەنگەن تاماق يەتكۈزۈش خادىملىرىنى تەشكىللىدۇق.

خېرىدارلارغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن «ئالپاي»، «ئۈندىدار»، «بانكا كارتىسى » قاتارلىق زامانىۋى پۇل تۆلەش ئۇسۇللىرى ئارقىلىقمۇ پۇل تۆلەش شەكلىنى ھازىرلىدۇق.[1]