شىنجاڭ سەبىيلەر كەسپىي تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى

ئورنى Wikipedia

شىنجاڭ سەبىيلەر كەسپىي تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى 2008-يىلى 7-ئايدا ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان. ئورگان تو ر بېىتى: https://web.archive.org/web/20160728061407/http://www.sebiler.cn/uy/index.html

ئاساسلىقى: بوۋاقلار قۇۋۋەت گۈرۈچ بۇلمىقى، بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى، بوۋاقلار گىلىكوزا جەۋھىرى ۋە تەييار يىمەكلىكلىرى قاتارلىق 70 خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلاتى بار بولغان شىنجاڭ دىيارىدىكى باشلامچى خۇسۇسىي ئىگلىكتىكى كارخانا. ھازىر شىركەت تارمىقىغا قاراشلىق سانجى يىمەكلىك سانائەت باغچىسى، قەشقەر سەبىيلەر يىمەكلىك سانائەت زاۋۇتى، قەشقەر ھېيتگاھ ئىخلاس چوڭ كۆلەملىك تاللا بازىرى، يەكەن ئىخلاس تاللا بازىرى قاتارلىقلار بار.

شىنجاڭ سەبىيلەر كەسپىي تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئەخلاقنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئادەم ئىشلىتىش مىزانى بويىچە، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭ ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى داڭلىق  ئالىي مەكتەپلەردىكى تەتقىقات يۇرتى بىلەن تېخنىكا، ئىختىساس ئىگىلىرى جەھەتتە ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، جاپالىق ئىگىلىك تىكلەپ تىرىشىپ كۆرەش قىلىشتەك ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئادەمنى ئاساس قىلىپ، سۈپەتنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىشتەك تىجارەت باشقۇرۇش ئەندىزسىدە چىڭ تۇرۇپ، دىيارىمىزنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇشتەك سېتىراتىگىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ《يىشىل ئىشلەپچىقىرىش》مۇھىتى بەرپا قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىركەت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە تېخنىكا يېڭىلاشنى تەڭ ئېلىپ بېرىپ، مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىنى سىجىل يۇقىرى كۆتۈرۈپ كەلمەكتە.

شىركەت ئۈزلۈكسىز تەرەققىيات داۋامىدا ئىزچىل ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ھەرخىل تەقدىرلەش، ئېتراپ قىلشىغا ئېرىشىپ كەلگەن بولۇپ، 《توختامغا رىئايە قىلدىغان ئىشەنچىلىك ئورۇن》،《بىخەتەر ئىشلەپچىقرىشتىكى ئۈلگىلىك ئورۇن 》،《 ئۈرۈمچى داڭلىق تاۋار ماركىسى 》،《ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداشتىكى سەمىمىي ئورۇن 》،《مۇنەۋۋەر كارخانا 》 قاتارلىق مۇكاپاتلارغا نائىل بولغان.

شىنجاڭ سەبىيلەر كەسپىي تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى كەڭ خەلق ئاممىسى ۋە ئالاقىدار ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى ئاستىدا 7 يىللىق ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق نەتىجىسىدە 2015-يىلى سانجى يۇقىرى پەن-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا 《سەبىيلەر سانجى يىمەكلىك سانائەت باغچىسى》نى قۇرۇپ چىققان.

《سەبىيلەر سانجى يىمەكلىك سانائەت باغچىسى》2011-يىلى قۇرلۇش باشلىغان بولۇپ،2015-يىلى رەسمىي پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن، سانائەت باغچىسنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 58مو سانائەت باغچىسى ئۇنىۋىرسال بىنا، ئاشخانا، خام ماتىرىيال ئىسكىلاتى، پۈتۈپ چىققان مەھسۇلات ساقلاش ئامبىرى، رېمۇنىتخانا، ئىشلەپچىقىرىش سېخى قاتارلىق رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئومۇمىي قۇرلۇش كۆلىمى 10مىڭ كىۋادىرات مېتىردىن ئارتۇق، ئومۇمىي سېلىنغان مەبلەغ 50مىليون يۈەن. زاۋۇت 200دىن ئارتۇق ئىشچى –خىزمەتچى قوشۇنىغا ئىگە، خىزمەتچى خادىملار تەركىبىدە جەمىئىيەتتە ئىش كۈتۈپ تۇرغان ئىشسىز ياشلار، ئاجىز –مېيىپلارمۇ بار بولۇپ خادىملار ئايرىم-ئايرىم مۇۋاپىق تەقسىملىنىپ جەمىئىيەتنىڭ ئىشسزلىق بېسمىنى مۇئەييەن دەرىجىدە يېنىكلەتكەن، شۇنداقلا خىزمەتچىلەرمۇ ئۇيغۇر، قازاق، خەنزۇ، خۇيزۇ قېرىنداشلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى《سەبىيلەر》 چوڭ ئائىلىسنى شەكىللەندۇرگەن.

شىنجاڭ سەبىيلەر كەسپىي تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى 9يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتكەندىن بۇيان، كىچىكلىكتىن زورىيىپ ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى دۆلەت يىمەكلىك سۈپەت ئۆلچىمىگە يەتكەن بولۇپ ،QS  ۋەHACCPقوش تۈر سېستىمىسىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكەن. ھەرقايسى جايلاردىكى سەبىيلەر مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ۋەكىللىرى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ 23 شەھەر 60دىن ئارتۇق ناھىيلىرىنى قاپلىغان بولۇپ، شىنجاڭ بازىرىدىكى خەلق ئاممىسىلا ئەمەس ئىچكىر ئۆلكىلەردىكى قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ياقتۇرۇپ سېتىۋېلىشىغا ۋە يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن. سەبىيلەر شىركىتنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىيات پىلانى بولسا ئىشلەپچىقرىش جەھەتتە ئەڭ ئىلغار ئۈسكۈنىلەرنى سەپلەپ، مەھسۇلاتلارنىڭ تۈرىنى كۆپەيتىپ، سەبىيلەر مەھسۇلاتلىرىنى شىنجاڭ بازىرىدىلا ئەمەس ئىچكىرى ۋە چەتئەل بازىرىغا يۈزلەندۇرۇش ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىكى ئۆزبىكىستان، قىرغىستان، قازاقىستان قاتارلىق رايونلارنىڭ بازىرىنى ئېچىش ئارقىلىق سەبىيلەر ماركىسىنى مەملىكەت دائىرىسدىن ھالقىپ ئۆتكەن جۇڭگونىڭ داڭلىق تاۋار ماركىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتۇر.

ئاخىرىدا بىز شىنجاڭ سەبىيلەر كەسپىي تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئۇلۇغۋار تەرەققيات پىلانلىرىنىڭ تېزراق روياپقا چىقىشنى شۇنداقلا 《بارلىقىمىز سەبىيلەر ئۈچۈن》دېگەن ئەقىدە بىلەن يەنىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ يېڭى ساغلام بولغان بوۋاقلار مەھسۇلاتىنى ئىشلەپچىقرىپ، خەلق ئاممىسنىڭ ساغلام يىمەكلىككە بولغان ئېھتىياجىنى ھەققىي تۈردە قاندۇرۇپ، دىيارىمىزدىكى ھەرمىللەت خەلقىنى ئەڭ سۈپەتلىك ئەڭ ئىشەنچىلىك يېمەكلىكلەر ۋە بوۋاقلار مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان بايراقدار كارخانىغا ئايلىنىشنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلمىز !

كارخانا ئىستىراتېگىيەسى : بوۋاقلار مەھسۇلاتلىرى،تەييار يېمەكلىك ئىشلەپچىقرىشتا ئۈلگىلىك كارخانا قىلىپ قۇرۇپ چىقىش.

كارخانا ئاساسىي نىشانى: توختاۋسىز ئالغا ئىلگىرلەپ، جەمىئىيەتگە سەمىمىيلىك بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇش.

تىجارەت يىتەكچى ئىدىيەسى: سەمىمىيتىمىز ئارقىلىق،ئىستىمالچىلار بىلەن ھەمكارلاشقۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۇرۇش.

تىجارەت يۆلىنىشى: ئىستىمالچىلار ئۈچۈن ،تەبىئىي،بىخەتەر،ساغلام بولغان يېشىل يىمەكلىكلەرنى تەمىن ئېتىش.

كارخانا روھى: ئىتتىپاق، ئەمەلىيەتچان بولۇش،كېڭەيتىش،ئالغا ئىنتىلىش،يېڭىلىق يارىتىش، ئۆزىنى بېغىشلاش روھى بولۇش.

مۇلازىمەت ئىدىيەسى: ئىستىمالچىلارنىڭ مەنپەئەتى ئەڭ ئەلا.

كارخانا مىزانى: دۆلەتنى قىزغىن سۆيۈش، كومپارتىيەنى قوغداش،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىنى ئىلگىرى سۈرۈش،ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش.