Jump to content

شىنجاڭ مائارىپ نازارىتى

ئورنى Wikipedia

شىنجاڭ مائارىپ نازارىتى ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولىغا جايلاشقان. شىنجاڭ مائارىپ نازارىتىنىڭ ئەسلى ئاساسى چىڭ ھۆكۈمىتى 1906-يىلى تەسىس قىلغان مەكتەپلەر مائارىپىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى-مەكتەپلەر مەھكىمىسى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئاپپارات ئىچىدە نازارەتچى، ستاتىستىكىچى، پۈتۈكچى ۋە ئادەتتىكى خىزمەتچى بولۇپ جەمئىي 47 شتات تەسىس قىلغان. 1908-يىلى بۇ مەھكىمە ئىچىدە يەنە ئوقۇش ئىشلىرى ئىشخانىسى تەسىس قىلىنغان ھەمدە بۇ ئىشخانا ئىچىدە خوجىلىق بۆلۈم، ئادەتتىكى مائارىپ بۆلۈمى، مەخسۇس مائارىپ بۆلۈمى، ماتېرىيال بۆلۈمى، بوغالتىرلىق بۆلۈمى قاتارلىق ئىش بىجىرىش ئاپپاراتلىرى تەسىس قىلىنغان. شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىنكى 1913-يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ئىشلار ئەمەلدارى مەھكىمىسىدە مائارىپ مەھكىمىسى تەسىس قىلىنغان، كېيىن ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى تۈپەيلى مائارىپ ئىدارىسىغا، ئۇنىڭدىن كېيىن بولسا مائارىپ بۆلۈمىگە ئۆزگەرتىلگەن.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن

[تەھرىرلەش]

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، 1950-يىلى شىنجاڭدا يېڭى مائارىپ نازارىتى قۇرۇلدى. ئۇنىڭ ئىچىدە كاتىبات بۆلۈمى، كادىرلار بۆلۈمى، خوجىلىق بۆلۈمى، مائارىپ بۆلۈمى، جەمئىيەت مائارىپى بۆلۈمى، شىنجاڭ مائارىپ تەھرىر ئىشخانىسى قاتارلىق بۆلۈملەر تەسىس قىلىندى.

1970-يىلى 9-ئايدا مائارىپ نازارىتى مائارىپ ئىدارىسىغا ئۆزگەرتىلدى. ئۇنىڭ ئىچىدە ئىش بېجىرىش گۇرۇپپىسى، سىياسىي خىزمەت گۇرۇپپىسى ۋە كەسپىي خىزمەت گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىندى.

1982-يىلى مائارىپ ئىدرىسى مائارىپ نازارىتىگە ئۆزگەرتىلدى. ئۇنىڭ ئىچىدە نازارەت ئىشخانىسى، سىياسىي باشقارما، پىلان مالىيە باشقارمىسى، ئالىي مائارىپ باشقارمىسى، ئادەتتىكى مائارىپ باشقارمىسى، تەنتەربىيە سەھىيە باشقارمىسى، ئىشچى-دېھقانلار مائارىپ باشقارمىسى، ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى باشقارمىسى، مائارىپ تەتقىقات ئورنى، مائارىپ ژۇرنىلى بۆلۈمى، ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش بۆلۈمى، ئېلېكترلەشكەن مائارىپ سارىيى، ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى تەمىنلەش بۆلۈمى قاتارلىقلار تەسىس قىلىندى.

1986-يىلى مائارىپ نازارىتى مائارىپ كومىتېتىغا ئۆزگەرتىلدى. ئونىڭ ئىچىدە كومىتېت ئىشخانىسى، تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى، سىياسىي باشقارما، پىلان مالىيە باشقارمىسى، ئاساسىي قۇرۇلۇش باشقارمىسى، ئالىي مائارىپ باشقارمىسى، ئادەتتىكى مائارىپ باشقارمىسى، تەنتەربىيە سەھىيە باشقارمىسى، ئادەتتىكى مائارىپ مۇپەتتىش ئىشخانىسى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى، مائارىپ ژۇرنىلى ئۇنۋان ئىشخانىسى، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھان ئىشخانىسى، ئىختىساسلىقلارنى ئالدىن مۆلچەرلەش ئىشخانىسى، مائارىپ نەشرىياتى، ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش بۆلۈمى، ئېلېكترلەشكەن مائارىپ سارىيى، ئوقۇتۇش سايمانلىرى شىركىتى، چوڭلار مائارىپى ئىدارسى قاتارلىقلار تەسىس قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا پۈتكۈل ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ خىزمىتىنى ئاساسلىق باشقۇرۇش ھەمدە مەركەزنىڭ فاڭجېن، قانۇن-پەرمانلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىشقا، كونكرېت سىياسەت ۋە بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ چىقىشقا، ئاپتونوم رايوننىڭ بارلىق مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك پىلانلاپ، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك مائارىپ خىزمەتلىرىنى ئۆز ئارا ماسلاشتۇرۇشقا، پۈتكۈل رايونىمىزنىڭ مائارىپ تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىشقا، مائارىپ سىستېمىسىدىكى كادىرلارنى باشقۇرۇشقا، ئاپتونوم رايون بەلگىلىگەن يىللىق مالىيە پىلانىغا ئاساسەن، مائارىپ راسخوتى ۋە ئاساسىي قۇرۇلۇش مەبلىغىنى تەقسىم قىلىشقا، شۇنداقلا ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى تەقسىم قلىش خىزمەتلىرىگە ئومۇميۈزلۈك رىياسەتچىلىك قىلىدىغان ۋە مەسئۇل بولىدىغان ئورۇن ھېسابلىنىدۇ.

2000-يىلى 8-ئايدا مائارىپ كومىتېتى مائارىپ نازارىتىگە ئۆزگەرتىلدى. مائارىپ نازارىتىدە ھازىر 199 مەمۇرىي شتات بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە نازارەت ئىشخانىسى، سىياسەت، قانۇن-قائىدە باشقارمىسى، ئاساسىي مائارىپ باشقارمىسى، كەسپىي تېخنىكا مائارىپ باشقارمىسى، چوڭلار مائارىپ باشقارمىسى، ئالىي مائارىپ باشقارمىسى، سىياسىي مائارىپ باشقارمىسى، تەنتەربىيە، سەھىيە، سەنئەت مائارىپى باشقارمىسى، پىلان مالىيە باشقارمىسى، ئاساسىي قۇرۇلۇش باشقارمىسى، ئوقۇتقۇچىلارنى باشقۇرۇش باشقارمىسى، ئىجتىمائىي كۈچلەر قۇرغان مەكتەپلەرنى باشقۇرۇش باشقارمىسى، مۇپەتتىش باشقارمىسى، ئۇنىۋېرسال باشقارما، كادىرلار باشقارمىسى، تاشقى ئىشلار باشقارمىسى، پېشقەدەم كادىرلا باشقارمىسى، ئورگان پارتكومى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئىشخانىسى قاتارلىقلار مەمۇرىي فۇنكىسىيىلىك بۆلۈملەر، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھان ئىشخانسى، خۇلاسە ئىمتىھان ئىشخانىسى، تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ئىقتىسادچانلىق بىلەن مەكتەپ قۇرۇش ئىشخانىسى، ئوقۇتۇش سايمانلىرىنى تەمىنلەش باشقۇرۇش باش پونكىتى، مائارىپ تەتقىقات ئورنى، مائارىپ گېزىت-ژۇرنال نەشرىياتى، ئېلېكترلەشكەن مائارىپ سارىيى، مائارىپ فوندى جەمئىيىتى، تاشقى مەبلەغ تۈرلىرى ئىشخانىسى، مائارىپ ئۇچۇرلىرى مەركىزى، تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپى، 1-ئاۋغۇست ئوتتۇرا بالىلار پېداگوگىكا مەكتىپى، موڭغۇل پېداگوگىكا مەكتىپى، ئوقۇتۇش سايمانلىرى زاۋۇتى، ئىمتىھان مۇلازىمەت مەركىزى، ئارقا سەپ مۇلازىمەت مەركىزى قاتارلىق نازارەتكە بىۋاستە قاراشلىق ئورۇنلار تەسىس قىلىنغان.