شىنجاڭ مەدەنىيىتى

ئورنى Wikipedia

<شىنجاڭ مەدەنىيىتى> - قوش ئايلىق ئۇنىۋېرسال ئەدەبىي ژۇرنال بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا نەشر قىلىندۇ، <شىنجاڭ مەدەنىيىتى> ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى نەشرگە تەييارلايدۇ. بۇ ژۇرنال 1951 - يىلى <ئاممىۋى كۇلۇب> دېگەن نام بىلەن نەشر قىلىنشقا باشلاپ، ئىچكى قىسىمدا تارقىتىلغان. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا بىر مەزگىل توختاپ قېلىپ، 1976 - يىلدىن تارتىپ يەنە نەشر قىلىنغان، 1980 - يىلدىن تارتىپ نامى ھازىرقى نامغا ئۆزگەرتىلگەن. بۇ ژۇرنال گەرچە ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك ژۇرنال بولسمىمۇ، كېيىنكى يىللاردا ئەدەبىي ئەسەرلەرگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىپ كەلدى. ئاز بولمىغان ئەدەبىي ئەسەرلەر مۇشۇ ژۇرنال سەھىپىلىرى ئارقىلىق جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتى. بۇ ژۇرنالدا ھازىر <ئەدەبىيات گۈلزارى>، <درامىلار>، <مۇھاكىمە>، <مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە تارىخ>، <جاھانناما>، <مەدەنىيەت - سەنئەت گېزىتى>، <ئەخلاق - ئادەم زىننىتى>، <دانىشمەنلەر ھېكمىتىدىن>، <چەت ئەل ئەدەبىياتىدىن> قاتارلىق سەھىپىلەر بار.[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]