شىنجاڭ ياشلىرى

ئورنى Wikipedia

<شىنجاڭ ياشلىرى> - جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى باشقۇرىدىغان، <شىنجاڭ ياشلىرى> ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى نەشرگە تەييارلايدىغان ئايلىق ئۇنىۋېرسال ژۇرنال. بۇ ژۇرنال 1954 - يىل 1 - ئايدا <ياش كوممۇنست> دېگەن نام بىلەن نەشر قىلىنغان، 1964 - يىلى نامى ھازىرقىغا ئۆزگەرتىلگەن، مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا بىر مەزگىل توختاپ قېلىپ، 1977 - يىلدىن باشلاپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. بۇ ژۇرنالدا باشقا ھەر خىل سەھىپىلەر قاتارىدا مەخسۇس ئەدەبىيات سەھىپىسىمۇ تەسىس قىلىنغان بولۇپ، <ھېكايە ۋە ھېكايەتلەر> ئىستونىدا ھېكايە، نەسرلەر، <شېئىرىيەت گېزىتى> سەھىپىسىدە شېئىرلار ئېلان قىلىندۇ. بۇلاردىن باشقا يەنە قەرەلسىز ھالدا ئەدەبىي ئوبزورلار، تەرجىمە ھېكايىلار بېسىلىدۇ، ياش ئەدىبلەر تونۇشتۇرۇلىدۇ.[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]