شىنجاڭ گېزىتى

ئورنى Wikipedia

<شىنجاڭ گېزىتى> - شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورگان گېزىتى، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىندىغان گېزىتلەر ئىچىدە تارىخى ئەڭ ئۇزاق، تەسىرى ئەڭ چوڭ، نوپۇزى ئەڭ يۇقىرى گېزىت. بۇ گېزىت 1934 - يىلى نەشرقىلىنغان، ھازىر ئۇيغۇرچىسى كۈندە ئالتە بەت نەشر قىلىندۇ. <شىنجاڭ گېزىتى> نىڭ ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئېلان قىلدىغان <ئەدەبىيات گۈلزارى> بېتى ۋە ئەدەبىياتشۇناسلىققا دائىر ماقالىلەرنى ئېلان قىلىدىغان <گۈلشەن> بېتىدىن ئىبارەت ئىككى ئەدەبىي بېتى بار. <ئەدەبىيات گۈلزارى> بېتى 1942 - يىلى لۇتپۇللا مۇتەللىپ تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ بەت ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ ئاساسلىق ئەدەبىي ئىجادىيەت سورۇنى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ بەتنىڭ نامى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. بۇ بەت ھەپتىدە بىر سان چىقىرىلىدۇ. بۇ بەتكە ئاساسەن ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ ئەسەرلىرى بېرىلىدۇ، بەزىدە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا دائىر قىسقا چۆچەك، قوشاق ۋە مەسەل، يۇمۇرلارمۇ بېرىلىدۇ. <گۈلشەن> بېتى 1981 - يىل 11 - ئايدىن تارتىپ چىقىرىلىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ بەت ئەدەبىياتشۇناسلىققا دائىر ماقالىلەرنى، جۈملىدىن ئەدەبىيات نەزەرىيسىگە، ئەدەبىي تەنقىدچىلىككە ئائىت ماقالىلەرنى ئېلان قىلىشنى ئاساس قىلىدۇ، بۇ بەتكە يەنە جۇڭگو ۋە چەت ئەل ئەدەبىياتىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە قىسقا ئەسەرلەردىن نەمۇنىلەر بېرىلىدۇ. <گۈلشەن> بېتى - ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسلىق نەزەرىيۋى مۇھاكىمە سورۇنى، شۇنداقلا ئۇچۇر مەنبەسىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]