شىۋېتسارىيە بەرەڭگە نېنى

ئورنى Wikipedia

شىۋېتسارىيەنىڭ بەرەڭگە نېنى(Raclette) ناھايىتى تەملىك بولۇپ، بەرەڭگە، تۇز، ئىرىتىلگەن ئىرىمچىك (پىشلاق)، قېزا، تۇخۇم قاتارلىق ماتېرىياللاردىن تەييارلىنىدىغان بۇلۇپ، تەمى ئىنتايىن يىيىشلىك.

 

كېرەكلىك ماتېرىياللار[تەھرىرلەش]

5پارچەشىۋېتسارىيەنىڭ بەرەڭگە نېنىبەرەڭگە، تۇز،  ئىرىتىلگەن ئىرىمچىك (پىشلاق)، قېزا، تۇخۇم.

تەييارلاش ئۇسۇلى[تەھرىرلەش]

شىۋېتسارىيەنىڭ بەرەڭگە نېنى1.بەرەڭگىنىڭ پوستىنى سويماي، پاكىز يۇيىمىز، مۇۋاپىق مىقداردا تۇز سېلىپ، قايناۋاتقان سۇدا 7-8 مىنۇت ئەتراپىدا پىشۇرىمىز.

2. پۇشۇرۇپ تەييارلانغان بەرەڭگىنى سۈزۈپ ئېلىپ، دەرھال سوغۇق سۇغا چىلايمىز، سوۋۇغاندىن كېيىن، پوستىنى سۇيۇپ، قەلەمچە قىلىپ توغرايمىز.

3. قەلەمچە قىلىنغان بەرەڭگىنى تىگى تۇتمايدىغان تەكشى قازانغا سېلىپ، ئازراق تۇز چېچىپ يىنىك ئۆرۈيمىز ، ئوتتۇرا ھال ئوتتا بەرەڭگە قەلەمچىسىنى بېسىپ، يۇمىلاق نان ھالىتىگە ئەكىلىمىز.

4. ناننىڭ چۆرىسىدىن تەكشى ھالدا ئىرىتىلگەن ئىرىمچىك (پىشلاق) ئۈستىگە قوشىمىز. (بۇنىڭغا يەنە قېزا، تۇخۇمنى قوشۇشقا بولىدۇ)

5. ناننىڭ ئىككىلى يۈزى سارغايغاندىن كېيىن ئالساقلا بولىدۇ.