شى جىنپىڭ

ئورنى Wikipedia
شى جىنپىڭ

 شى جىنپىڭ بولسا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ ئەل بېشى

  2013- يىلىدىن باشلاپ مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى.

  ج ك پ 15-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزاسى، ج ك پ 16-، 17-، 18-، 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، ج ك پ 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، ج ك پ 18-، 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى بولغان. 11- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلانغان. ج ك پ 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تولۇقلاپ سايلانغان. 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 17-يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن. ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنىدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنىدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى.

تەرجىمھالى[تەھرىرلەش]

شى جىنپىڭ، ئەر، خەنزۇ، 1953-يىلى 6-ئايدا تۇغۇلغان، شەنشى فۇپىڭدىن، 1969-يىلى 1-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1974-يىلى 1-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە-ئىجتىمائىي پەنلەر ئىنستىتۇتىنىڭ ماركسىزم نەزەرىيەسى ۋە ئىدىيەۋى-سىياسىي تەربىيە كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئىشلەپ تۇرۇپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان، قانۇنشۇناسلىق دوكتورى.

  ھازىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى.

  1969-يىلىدىن 1975-يىلىغىچە شەنشى ئۆلكىسىنىڭ يەنچۈەن ناھىيەسى ۋېنئەنيى گۇڭشېسىنىڭ لياڭجياخې دادۈيىدە زىيالىي ياش، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان.

  1975-يىلىدىن 1979-يىلىغىچە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىمىيە سانائىتى فاكۇلتېتى ئاساسىي ئورگانىك سىنتېز كەسپىدە ئوقۇغان.

  1979-يىلىدىن 1982-يىلىغىچە گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىدا كاتىپ بولغان (ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىگەن).

  1982-يىلىدىن 1983-يىلىغىچە خېبېي ئۆلكىسى جېڭدىڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

  1983-يىلىدىن 1985-يىلىغىچە خېبېي ئۆلكىسى جېڭدىڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، جېڭدىڭ ناھىيەلىك قوراللىق بۆلۈمىنىڭ 1-سىياسىي كومىسسارى، پارتكومىنىڭ 1-شۇجىسى بولغان.

  1985-يىلىدىن 1988-يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىسى شيامېن شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولغان.

  1988-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىسى نىڭدې ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، نىڭدې شۆبە ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ 1-شۇجىسى بولغان.

  1990-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىسى فۇجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، فۇجۇ شۆبە ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ 1- شۇجىسى بولغان.

  1993-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، فۇجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، فۇجۇ شۆبە ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ 1- شۇجىسى بولغان.

  1995-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، فۇجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، فۇجۇ شۆبە ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ 1- شۇجىسى بولغان.

  1996-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، فۇجيەن ئۆلكىلىك زېنىت توپچىلار زاپاس قىسىم شىسىنىڭ 1-سىياسىي كومىسسارى بولغان.

  1999-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى، نەنجىڭ ھەربىي رايونى دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، فۇجيەن ئۆلكىلىك دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، فۇجيەن ئۆلكىلىك زېنىت توپچىلار زاپاس قىسىم شىسىنىڭ 1- سىياسىي كومىسسارى بولغان.

  2000-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى، نەنجىڭ ھەربىي رايونى دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، فۇجيەن ئۆلكىلىك دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، فۇجيەن ئۆلكىلىك زېنىت توپچىلار زاپاس قىسىم شىسىنىڭ 1- سىياسىي كومىسسارى بولغان.

  (1998-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە-ئىجتىمائىي پەنلەر ئىنستىتۇتىنىڭ ماركسىزم نەزەرىيەسى ۋە ئىدىيەۋى-سىياسىي تەربىيە كەسپىدە ئىشلەپ تۇرۇپ ئاسپىرانتلىق سىنىپىدا ئوقۇپ، قانۇنشۇناسلىق دوكتورى ئۇنۋانى ئالغان).

  2002-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى، نەنجىڭ ھەربىي رايونى دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، جېجياڭ ئۆلكىلىك دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  2002-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى، جېجياڭ ئۆلكىلىك ھەربىي رايون پارتكومىنىڭ 1-شۇجىسى، نەنجىڭ ھەربىي رايونى دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، جېجياڭ ئۆلكىلىك دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  2003-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، جېجياڭ ئۆلكىلىك ھەربىي رايون پارتكومىنىڭ 1-شۇجىسى بولغان.

  2007-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شاڭخەي گارنىزونى پارتكومىنىڭ 1-شۇجىسى بولغان.

  2007-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  2008-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  2010-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  2012-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.