شۈ چىلياڭ

ئورنى Wikipedia
شۈ چىلىياڭ روسىيە ئەل بېشى پۇتىن بىلەن بىللە

 شۈ چىلياڭ، ئەر، خەنزۇ، 1950- يىلى 3- ئايدا تۇغۇلغان، شەندۇڭ لىنچۈدىن، 1966- يىلى 7- ئايدا ھەربىيلىككە قاتناشقان، 1967- يىلى 7- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، ھاۋا ئارمىيە 5- ئاۋىياتسىيە مەكتىپىنى پۈتكۈزگەن، ئالىي تېخنىكوم ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

  ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ھاۋا ئارمىيە شاڭجياڭى.

  1966- يىلىدىن 1966- يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيەسى 1- ئاۋىياتسىيە تەييارلىق مەكتىپىدە ئوقۇغان.

  1966- يىلىدىن 1967- يىلىغىچە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى 38- جۈن 112- شى 335- تۈەنىدە ئەسكەر بولۇپ چېنىققان.

  1967- يىلىدىن 1968- يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيەسى 8- ئاۋىياتسىيە مەكتىپىدە ئوقۇغان.

  1968- يىلىدىن 1969- يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيەسى 5- ئاۋىياتسىيە مەكتىپىدە ئوقۇغان.

  1969- يىلىدىن 1970- يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيە ئاۋىياتسىيە قىسىمى 26- شىسىنىڭ 77- تۈەنىدە ئۇچقۇچى بولغان.

  1970- يىلىدىن 1973- يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيەسى ئاۋىياتسىيە قىسىمى 26- شىسىنىڭ مۇستەقىل چوڭ ئەترىتىدە ئۇچقۇچى بولغان.

  1973- يىلىدىن 1976- يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيەسى ئاۋىياتسىيە قىسىمى 26- شىسى مۇستەقىل چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.

  1976- يىلىدىن 1980- يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيەسى ئاۋىياتسىيە قىسىمى 26- شىسى مۇستەقىل چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولغان.

  1980- يىلىدىن 1983- يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيەسى ئاۋىياتسىيە قىسىمى 26- شىسىنىڭ مۇئاۋىن شىجاڭى بولغان (بۇ مەزگىلدە 1982- يىلى 3- ئايدىن 1982- يىلى 10- ئايغىچە ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىنستىتۇتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كوماندىرلار سىنىپىدا ئوقۇغان).

  1983- يىلىدىن 1984- يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيەسى ئاۋىياتسىيە قىسىمى 26- شىسىنىڭ شىجاڭى بولغان.

  1984- يىلىدىن 1985- يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيەسى 4- جۈنىنىڭ مۇئاۋىن جۈنجاڭى بولغان.

  1985- يىلىدىن 1986- يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيەسى شاڭخەي قوماندانلىق ئورنىنىڭ سەنمۇجاڭى بولغان.

  1986- يىلىدىن 1988- يىلىغىچە دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاساسىي پەنلەر فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان.

  1988- يىلىدىن 1989- يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيە 8- جۈنىنىڭ مۇۋەققەت مۇئاۋىن جۈنجاڭى بولغان.

  1989- يىلىدىن 1990- يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيە 8- جۈنىنىڭ سەنمۇجاڭى بولغان.

  1990- يىلىدىن 1993- يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيە 8- جۈنىنىڭ جۈنجاڭى بولغان.

  1993- يىلىدىن 1994- يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن سەنمۇجاڭى بولغان.

  1994- يىلىدىن 1999- يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ سەنمۇجاڭى بولغان (بۇ مەزگىلدە 1994- يىلى 9- ئايدىن 1994- يىلى 11- ئايغىچە دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇرۇش ئىلمى بويىچە بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا، 1998- يىلى 7- ئايدىن 1998- يىلى 10- ئايغىچە دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى تەتقىقاتى فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان).

  1999- يىلىدىن 2004- يىلىغىچە شېنياڭ ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى، قوشۇمچە شېنياڭ ھەربىي رايونى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى بولغان (بۇ مەزگىلدە 2001- يىلى 3- ئايدىن 2001- يىلى 7- ئايغىچە دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۈنجاڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىدا ئوقۇغان).

  2004- يىلىدىن 2007- يىلىغىچە ئازادلىق ئارمىيەنىڭ مۇئاۋىن باش سەنمۇجاڭى بولغان.

  2007- يىلىدىن 2007- يىلىغىچە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى بولغان.

  2007- يىلىدىن 2008- يىلىغىچە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى بولغان.

  2008- يىلىدىن 2012- يىلىغىچە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى بولغان.

  2012- يىلىدىن 2013- يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان.

  2013- يىلىدىن باشلاپ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.

  ج ك پ 14- ، 15- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 16- ، 17- ، 18- ، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 18- ، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى. ج ك پ 17- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1- ئومۇمىي يىغىنىدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 11- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1- يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن. ج ك پ 17- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 7- ئومۇمىي يىغىنىدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تولۇقلانغان. ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1- ئومۇمىي يىغىنىدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1- يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن. ج ك پ 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1- ئومۇمىي يىغىنىدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان