شەربەتلەر

ئورنى Wikipedia

شەربەت ياساش ئۇسۇلى توغرىسىدا

شەربەتلەر ئادەتتە ھەسەل ياكى شېكەر سۈيىدە قاينىتىپ ياسىلىدۇ.شەربەت ياساشقا ئىشلىتىلىدىغان خۇرۇجلار قۇرۇق مىۋە، قۇرۇق گۈل-گىياھلار بولسا، ئادەتتە 7-6 ھەسسە سۇ، 2-3 ھەسسە ھەسەل ياكى سېكەر قوشلىدۇ، )مېنىڭ تەكلىۋىم ئەڭ ياخشىسى ھەسەل قوشۇڭ(، ئەگەر خۇرۇجى يېڭى ھۆل مىۋىلەر بولسا، قوشۇلىدىغان سۇ مىقدارى 3-4 ھەسسە بولسا بولىدۇ.

شەربەتلەرنىڭ تەركىبىگە قوشۇلىدىغان يەككە دورىلار يىلتىزلار بولسا يۇمشاق سوقىلىدۇ؛ئۇرۇقلار يىرىك سوقۇلىدۇ؛مىۋە، گۈل، يوپۇرماقلار سوقۇلمايدۇ.شەربەتلەر تەركىبىگە سېرىقئوت، تەمرى ھىندى، خىيار شەنبەردەك دورىلار قوشۇلىدىغان بولسا، بۇ خىل دورىلار قاينىتىلمايدۇ، ئۇ، قاينىتىلغان دورىلار بىلەن بىرگە سۈزىۋىلىنىدۇ.بولمىسا دورىلارنىڭ كۈچى كېتىدۇ ياكى تەبىئىتى ئۆزگىرىپ، ئەسلى خۇسۇسىيىتىنى يوقىتىدۇ.

دورىلارنىڭ تەركىبىدە يىلتىزلار، ئۇرۇقلار، مېغىزلار كۆپ بولسا، بۇلارنى قاينىتىشتىن ئاۋال، قائىدە بويىچە سوقۇپ، ئۇنىڭغا ئىككى بارماق ئېگىزلىكىدە قايناق سۇ قۇيۇپ 8 سائەتتىن 24 سائەتكىچە ھەتتا 3 سوتكىغىچە چىلاپ قويۇپ، يۇمشاق ھالەتكە كەلگەندىن كىيىن، ئاندىن ئايتا چىلاش كېرەك.قايناتمىلار قوشۇلغان ئومۇمىي سۇ مىقدارىنىڭ 3ئ1 قىسمى قالغۇچە قاينىتىلىدۇ.شېكەر، قەنت ھەسەل، ناۋات، تەرەنجىۋىل قاتارلىق ماتىرىياللار ئادەتتە دورىلار قاينىتىلىپ تىرىپلىرى سۈزىۋىتىلگەندىن كىيىن قوشۇپ بىر قاينىتىپلا ئېلىنىدۇ.

قاينىتىلمايدىغان كاشكاپقا قوشىدىغان يەككە دورىلارنىڭ بەزىلىرىنى سوقۇپ، بەزىلىرىنى ئۆزپىتى قايناق سۇغا چىلاپ تەمى چىققاندىن كېيىن ئىشلىتىلىدۇ.

قايناتمىغان بەزى ئۇرۇق-دورىلارنىڭ قىزىق سۇغا چىلاپ ئېرىتىپ ئېلىنغان شىرنىسى قوشۇلىدۇ.بۇ خىل شىرنىلەر ۋە دورىلار ئاشقازان، ئۈچەيلەرنىڭ تىۋىتى چۈشۈپ كەتكەن يۈزىنى قوغداش، يېپىشتۇرۇش، ئۈچەي سۇيۇقلۇقىنى تۇلۇقلاش رولىنى ئوينايدۇ.

شەربەتلەرنى ﯪدەتتە ﯰزاق ساقلىغىلى بولمايدۇ.مۇراببا، شەربەتلەرنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاپ، ﯰنى ﯰزاقراق ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىش ﯴچۈن، ﯰلارغا لېمۇن قوشسىڭىز بولىدۇ.

شەربەتلەرنىڭ نامى ﯰنىڭ ﯪساسى تەركىبىگە قوشۇلغان خۇرۇج نامى بىلەن ﯪتىلىدۇ.