شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى
100 يىللىق ياشلار ھەرىكىتىدىكى ئەڭ ئىلغار كۈچ: شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى
نەبىجان تۇرسۇن ( تارىخى پەنلىرى دوكتورى)
1878-يىلى ياقۇپبەگ رەھبەرلىكىدىكى يەتتەشەھەر ئۇيغۇر دۆلىتى مانجۇ-چىڭ قوشۇنلىرى تەرىپىدىن تولۇق ئاغدۇرۇلۇپ، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان مانجۇ-چىڭ ئىمپېرىيەسى ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى. چار رۇسىيە مۇستەقىل ئىلى ئۇيغۇر سۇلتانلىقىنى يوقىتىپ، 10 يىل ئۇنىڭ زېمىنلىرىنى ئىدارە قىلغاندىن كېيىن 1881-يىلى ئىلى ۋادىسىنى مانجۇ ئىمپېرىيەسىگە تاپشۇرۇپ بەردى، 1912-يىلى مانجۇ ئىمپېرىيەسى ئاغدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىدا خىتاي مىللىتىنىڭ مىللىي جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، مەنچىڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىگە ۋارىسلىق قىلدى ۋە ئۇنى تېخىمۇ ئەشەددىي دەرىجىدە چوڭ خىتاي مىللەتچىلىكى بىلەن بىرلەشتۈرگەن ھالدا ئېلىپ باردى. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەملىكىگە ئايلىنىشى بىلەن مۇستەملىكىچىلىككە قارشى، مىللىي ئازادلىق ۋە مۇستەقىللىق كۈرىشى باشلانغان بولۇپ 1917-يىلىدىكى رۇسىيەدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشلەر، مەركىزىي ئاسىيادىكى جەدىدتچىلىك، مىللىي ئويغىنىش ھەرىكەتلىرى ئۇيغۇرلارنىمۇ ئۆز قوينىغا ئالدى. ئەنە شۇ مەزگىلدىن باشلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىقى ۋە مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرەشلىرى سېپىگە ئالدى بىلەن ئىلغار پىكىرلىك، يېڭىچە مائارىپ تەربىيەسى كۆرگەن، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى، جەنۇبىي ئاسىيا، رۇسىيە، قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىدا زىيارەتلەردە بولغان ۋە ئىلىم تەھسىل قىلغان شۇنىڭدەك دۇنيادىكى ئىلغار تەرەققىياتلارنى كۆرگەن، ئىسلام دۇنياسىدىكى، تۈرك دۇنياسىدىكى، جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەرەققىياتلار، سىياسىي، ئىدىيەۋى ئۆزگىرىشلەر ۋە تەشكىلىي ھەرىكەتلەرنى كۆرگەن ۋە ئۇلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىلغار ياشلار ئاتلاندى. قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەشقەرىيە ۋە ئىلى ۋادىلىرىدىن چىقىپ يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار، جۈملىدىن ئابدۇللا روزىباقىيېف باشچىلىقىدىكى مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى ئۆز ئانا ۋەتىنىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنى يوقىتىپ، ئۇيغۇر مىللىي ھاكىمىيىتىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىي جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش كۈرىشىگە ئاتلاندى. بۇ ۋاقىتتا يەنە بىر قىسىم ياشلار بولسا ياش تۈركلەرنىڭ تۈركچىلىك، ئىسلاھات ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇلارمۇ ئۆز مىللىتىنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن ئاقارتىش، ئىدىيەۋى جەھەتتىن يېڭىلاش ھەرىكەتلىرى ئېلىپ باردى، ئومۇمەن، مەيلى، تۈركچىلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ۋە بۇ خىل ئىدىيەگە تايانغان ياشلار بولسۇن، ياكى بولشېۋىكلەرنىڭ سوتسىيالىستىك، كوممۇنىستىك ھەرىكەت ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلار بولسۇن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يولى ۋە سىياسىي ئاساسىي ئوخشىمىسىمۇ، ئەمما مۇستەقىللىق، ئازادلىق ئىدىيەسى ۋە غايىسى بىر ئىدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي ھاكىمىيىتىدىن قۇتۇلۇپ، مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قۇرۇشنى كۆزلەيتتى خالاس. 1930-يىللاردا كەڭ كۆلەملىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىدىمۇ ئوخشاشلا ئاشۇ ئىدىيەۋى پىكىرلەرگە ئىگە ياشلار، جەمئىيەتنىڭ ھەر قاتلىمىدىكى كەڭ ياشلار جەڭگىۋار كۈچ بولدى.
ئومۇمەن، 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى مەزگىلىدە ياشلار جەڭگىۋارلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، مىللىي ئازادلىق كۈرەشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ، ئىنقىلاب غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە زور ھەسسە قوشقان ئىدى. ياشلار مەيلى، 1931-1937-يىللىرى ئارىسىدىكى مىللىي ئازادلىق كۈرەشلىرى، جۈملىدىن بىرىنچى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش بولسۇن ۋە ياكى 1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق كۈرەشلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش بولسۇن ھەر قېتىمدا ئۆز كۈچ-قۇۋۋىتىنى كۆرسەتتى. قوشقان ئىدى. ياشلار مەيلى، 1931-1937-يىللىرى ئارىسىدىكى مىللىي ئازادلىق كۈرەشلىرى، جۈملىدىن بىرىنچى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش بولسۇن ۋە ياكى 1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق كۈرەشلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش بولسۇن ھەر قېتىمدا ئۆز كۈچ-قۇۋۋىتىنى كۆرسەتتى.
تارىخىي مەنبەلەرگە تايانغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مىللەت ياشلىرى 1944-يىلى، 9-ئايدىكى نىلقا قوزغىلىڭىدىن تارتىپ، 1944-يىلى، 7-نويابىر كۈنىدىكى غۇلجا قوزغىلىڭى ۋە باشقا بارلىق قوراللىق كۈرەشلەرگە ئاكتىپ قاتناشقان ھەمدە 12-نويابىر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۇنياغا كېلىشىدىكى ئاۋانگارت كۈچكە ئايلانغان ئىدى. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى 1945-يىلى، 8-ئاپرېل كۈنى ئۆز مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيەسىنى قۇرغاندىمۇ ياشلار مىللىي ئارمىيە سېپىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۈچ فرونت بويىچە ئېلىپ بېرىلغان جەڭلەردە ئۆزلىرىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ مۇنتىزىم خىتاي گومىنداڭ ئارمىيەسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىرىنى تولۇق ئازاد قىلدى. ياشلار ئارىسىدىن رىزۋانگۈل، زىخرۇللام نادىروف ۋە باشقا يۈزلىگەن قەھرىمان ئوغۇل-قىزلار مەيدانغا كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ باتۇرلۇقلىرى بىلەن تارىخ بېتىگە پۈتۈلدى.
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن باشلاپ، ئىنقىلابنى پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى مىقياسىدا قانات يايدۇرۇش، خەلقنىڭ تولۇق ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ياشلارنىڭ رولىنىڭ ناھايىتى زورلۇقىنى تونۇپ يەتكەن بولغاچقا ياشلارنى تەشكىللەش، تەربىيەلەش، ئۇلارنى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ غالىبىيىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئاۋانگارت كۈچ قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس ياشلار تەشكىلاتى قۇرۇشنى قارار قىلغان ئىدى. بۇ مەقسەت بىلەن 1945-يىلى، 11-ئاينىڭ 15-كۈنى غۇلجا شەھىرىدە ئىنقىلابى ياشلارنىڭ بىرىنچى قېتىملىق يىغىنى چاقىرىلىپ، يىغىندا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى رەئىسى ئەلىخان تۆرە قاتنىشىپ نۇتۇق سۆزلىگەن ھەمدە ياشلار تەشكىلاتى قۇرۇشىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلىگەن. يىغىندا شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى قۇرۇش قارار قىلىنغانلىقى ئېلان قىلىنغان شۇنىڭدەك مۇراسىمىدا بىردەك ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق ئەينى ۋاقىتتىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تەشۋىقات ئىشلىرى مەسئۇلى ئابدۇكېرىم ئابباسوف رەئىس، سەيدۇللا سەيپۇللايوف مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ سايلانغان، توختى ئىبراھىم باش كاتىپ بولغان. شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىل ياشلارنىڭ تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى بولغان 11 كىشىلىك مەركىزى ئىجرائىيە كومىتېت تەسىس قىلىنغان.
نەتىجىدە، 1945-يىلى، 11-ئاينىڭ 15-كۈنى پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ياشلارنىڭ بىردىن سىياسىي تەشكىلاتى بولغان «ئازاد شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى» غۇلجا شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن.
بۇ تەشكىلات قۇرۇلغاندىن تارتىپ تارتىپ، تاكى 1948-يىلى 8-ئايغىچە مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرغىچە بولغان ئۈچ يىل جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تېررىتورىيەسىدە ئاشكارا، ئۈرۈمچى، قەشقەر، تۇرپان، ئاقسۇ، قاراشەھەر قاتارلىق ۋىلايەتلەر دائىرىسىدە بولسا مەخپىي يوسۇندا ھەرىكەت قىلىپ، يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆچمەس تارىخىي ئىز قالدۇرغان ئىدى.
شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتىنىڭ تولۇق رەسمىي نامى تاكى 1946-يىلى، 7-ئايغىچە «پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى» دەپ ئاتالغان. «بىتىم» دىن كېيىن«شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى» دەپ قىسقارتىلغان.
1945-يىلى، 15-نويابىر كۈنىدىكى ياشلارنىڭ مەزكۇر يىغىنى ئاخىرىدا مەخسۇس قارارنامە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، قاراردا «پۈتۈن تىرىشچانلىقلىرىمىز بىلەن رەئىسىمىز بىزگە تاپشۇرغان بىزنىڭ ئەڭ زور ۋەزىپىلىرىمىزنى ئورۇندايمىز. 1. كۈرەش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ياشلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە تەشكىللەپ، شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتى قۇرۇپ چىقىمىز. 2). بۇ تەشكىلات ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى بولۇشى كېرەك.
3) ئىنقىلابىي ياشلار تەشكىلاتى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە كۈرەش قىلىدىغان ئورگىنى بولۇشى كېرەك» دەپ كۆرسىتىلگەن.
غۇلجىدا چاقىرىلغان يىغىندا بەش باب، 54 ماددىلىق «شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتىنىڭ ۋاقىتلىق نىزامنامىسى» بېكىتىلگەن.
شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىرىدە ئۈچ ۋىلايەت دەرىجىلىك كومىتېت، 20 دىن ئارتۇق ناھىيەدە ناھىيەلىك كومىتېتلىرىنى قۇرغاندىن سىرت يەنە مىللىي ئارمىيە تەركىبىدىمۇ ئۆز كومىتېتىنى قۇرۇپ، كەڭ كۆلەمدە ئەزا قوبۇل قىلغان. بۇ تەشكىلات يەنە گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى قەشقەر، ئاقسۇ، ئۈرۈمچى، قاراشەھەر، تۇرپان قاتارلىق جايلاردىمۇ يەر ئاستى پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ، ياشلارنى مىللىي ئازادلىق كۈرەش قىلىشقا تەشكىللەش ئېلىپ بارغان ئىدى.
مەزكۇر تەشكىلات قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ياشلار ئارىسىدىكى ئىناۋىتى يۇقىرى ۋە تەسىرى ناھايىتى زور سىياسىي تەشكىلاتقا ئايلانغان ۋە بۇ ھەممە ياشلار ئەزا بولۇشقا ئىنتىلىدىغان سىياسىي تەشكىلات ئىدى.
شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى يەنە مەخسۇس ئۆزىنىڭ ئورگان مەتبۇئاتىغا ئىگە بولۇپ، غۇلجىدا پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى مەركىزى كومىتېتى ئۆزىنىڭ ئورگان ژۇرنىلى« كۈرەش» نى ۋە مەخسۇس ياشلار تەشكىلاتى گېزىتىنى چىقاردى. تارباغاتاي ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىك كومىتېتلىرىمۇ ئۆز گېزىتلىرىنى چىقارغانىدى.
شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى كۆپ مىللەتلىك ۋە كۆپ قاتلاملىق تەشكىلات بولۇپ، ئۇ خىتايدىن باشقا بارلىق مىللەت ياشلىرىنى ئۆزىگە ئەزالىققا قوبۇل قىلدى. شۇنىڭدەك مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ نۇرغۇن ئەزالىرى تەركىبىنى ھەر مىللەت قىزلىرى تەشكىل قىلدى. مەركىزىي كومىتېت ئىجرائىيە ھەيئىتىمۇ كۆپ مىللەتلىك ئىدى. 1946-يىلى 7-ئايدىن كېيىنكى سايلىمىدا مەزكۇر تەشكىلات نىزامنامىسىدە ۋە رەھبەرلىكىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، سەيدۇللا سەيپۇللايېف رەئىس، قازاقلاردىن قۇسەيىن سىيابايوف مۇئاۋىن رەئىس بولدى.
شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلاپچىل ياشلار تەشكىلاتى بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىن خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن بولغان ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار يېتەكچىلىكىدىكى سىياسىي كۈرەشلەرگە ئاكتىپ قاتناشقان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى ئۆز تەسىرىنى مەخپىي تۈردە خىتاي ھۆكۈمرانلىقىدىكى يەتتە ۋىلايەتكە كېڭەيتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلدى. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىشى بىلەن ئۈرۈمچى، تۇرپان، قەشقەر، قاراشەھەر ۋە باشقا ۋىلايەتلەردىمۇ يەر ئاستى ياشلار تەشكىلاتى گۇرۇپپىلىرى قۇرۇلدى. شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمەتتىكى خىتاي تەرەپ بىلەن كەسكىن ۋە تىغمۇ تىغ كۈرەش قىلىشى ئۈچۈن تايانچ كۈچ بولدى. ھەتتا 1946-يىلى، 8-ئايدا سەيدۇللا سەيپۇللايېف بىتىم ماددىلىرىدىن پايدىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسى بىلەن ئىلتىماسىنى قوشۇپ، جاڭ جىجوڭغا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئۈرۈمچى ۋە باشقا جايلاردا ئاشكارا تەشكىلات سۈپىتىدە پائالىيەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما جاڭ جىجوڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي تەرەپنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچىرغانىدى، خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭدىن ناھايىتى قورقۇپ، بارلىق ئاماللار بىلەن ياشلار تەشكىلاتىنىڭ جەنۇبنى ئىگىلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كۈچ سەرپ قىلغانىدى. شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىل ياشلارنىڭ تەشكىلاتىنىڭ ئىنتايىن ئاكتىپ ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن گومىنداڭ دائىرىلىرى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ نىزامنامىسىنى خىتايچىغا تەرجىمە قىلىپ مەخسۇس جاڭ كەيشىنىڭ كۆرۈپ چىقىشىغا سۇنغان ۋە بۇ تەشكىلاتنىڭ يەتتە ۋىلايەتتە كۈچىيىپ، پۈتۈن ياشلارنى تەربىيەلەپ، شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسىگە ماسلىشىپ قوزغىلاڭلارنى كۆتۈرۈشىدىن ئەنسىرىگەنىدى. بۇ ھەقتە ئۆلۈكى گارنىزون قوماندانى سوڭ شىليەنمۇ شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتى ئەڭ خەتەرلىك كۈچ سۈپىتىدە كۆرگەن ۋە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتكەنىدى. خىتاي دائىرىلىرى، 1947-يىلى، فېۋرال كۈنىدىكى ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىشى، 7-ئايدىكى تۇرپان، پىچان، توقسۇن خەلقىنىڭ قوراللىق قوزغىلاڭلىرى، 1947-يىلى، 4-ئايدىكى قەشقەردە ئەۋجى ئالغان جاڭ جىجوڭغا قارشى كەڭ نامايىشلار ۋە باشقا بارلىق ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەنە شۇ ياشلار تەشكىلاتى، جۈملىدىن ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرىنى دەپ قارىغانىدى.
شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى 1948-يىلى، 8-ئايدا ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، «ئىتتىپاق» تەشكىلاتى تەركىبىگە قوشۇۋېتىلگەن.