شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ مارشلىرى

ئورنى Wikipedia

نەبىجان تۇرسۇن (تارىخ پەنلىرى دوكتورى)

بۇنىڭدىن 75 يىل ئىلگىرىكى 12-نويابىر كۈنى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گېربى، مۇكەممەل قانۇن-تۈزۈملىرى، دۆلەت ئاپپاراتلىرى، دۆلەت سىياسىتى، شۇنىڭدەك ياۋروپا-ئاسىيا رايونىدىكى فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇش جەريانىدا قۇدرەتلىك مۇستەملىكىچى دۈشمەن ئارمىيەسى ئۈستىدىن غالىپ چىققان مۇنتىزىم زامانىۋى ئارمىيەلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ئۆز مۇنتىزىم زامانىۋى ئارمىيەسىگە ئىگە دۇنيانىڭ ئىلغار مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە قەد كۆتۈرگەن دۆلەت ئىدى. ئۇيغۇرلار ئۆز ئىتتىپاقچىلىرى بولغان بارلىق خىتاي ئەمەس مىللەتلەرنى بىر شەرقىي تۈركىستان بايرىقى ئاستىغا توپلاپ، 1945-يىلى، 8-ئاپرېل كۈنى قۇرۇپ چىققان شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى 1940-يىللاردا پۈتۈن مەركىزىي ئاسىيا رايونىدىكى تۇنجى ۋە ئەڭ قۇدرەتلىك مۇنتىزىم ۋە دۇنيادىكى 4 چوڭ دۆلەتنىڭ بىرى دەپ قارالغان خىتاي گومىنداڭ ئارمىيەسى ئۈستىدىن غالىپ چىققان ئارمىيە بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ھەتتا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئارمىيەسىمۇ تېخى ئۇرۇش سېپىدە غالىبلار قاتارىغا كىرمىگەنىدى.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گېمىنىنى ئىجاد قىلىش مەسىلىسى داڭلىق مۇزىكانتلار روزا تەمبۇر، زىكرى ئەلپەتتا ۋە باشقىلار تەرىپىدىن مۇزاكىرە قىلىنغان ھەم تۇتۇش قىلىنغان بولسىمۇ، تېخى ئاخىرقى قارار چىقىرىلمىغان بولۇشىغا قارىماي جەڭگىۋار ھەربىي مارشلار ۋە تۈرلۈك ھەربىي ناخشىلار تۇشمۇ- تۇشتىن ئىجاد قىلىنىپ، مىللىي ئارمىيە تەرىپىدىن ئورۇندالغانىدى.

مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شىتابى جەڭچى – ئوفىتسېرلارنىڭ ھەربىي پاراتلار، ھەربىي يۈرۈشلەر، ئۇرۇش مەيدانلىرى ھەمدە باشقا مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك پائالىيەتلەردە بىر تۇتاش كوماندا بويىچە ھەربىي مارش ۋە ناخشىلارنى ئېيتىشنى مىللىي ئارمىيەنىڭ ھەربىي تۈزۈمى دائىرىسىگە كىرگۈزگەن بولۇپ، مەزكۇر مارشلار مىللىي قوشۇننىڭ جەڭگىۋار روھىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغان. قەھرىمان مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى كوماندا بويىچە بىردەك مارش دەسسەپ ھەربىي مارشقا جۈر بولۇپ ماڭاتتى، شەھەر كوچىلىرىدىن جاراڭلىق مارش ناخشىلىرى بىلەن مارش دەسسەپ ئۆتكەندە پۈتۈن غۇلجا شەھىرى ئاھالىسى كوچىلارغا چىقىپ جەڭچىلەرگە گۈللەرنى چاچاتتى ۋە ئۇلارنىڭ پۈتۈن ۋەتەننى ئازاد قىلىشى ئۈچۈن << ئامىن !ئامىن !>> دەپ دۇئا قىلىشاتتى !

چوڭ ھەربىي پارادلاردا مىللىي ئارمىيەنىڭ رۇس، ئۇيغۇر،شىبە، تاتارلاردىن تەركىب تاپقان دۇخوۋوي، يەنى پۈۋلىمە چالغۇ ئەترىتى تۈرلۈك مارشلارنى، ھەربىي مۇزىكىلارنى ئورۇنداپ، پارات كەيپىياتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرەتتى.

مەزكۇر ھەربىي مارشلاردا، ھەربىي ناخشىلاردا شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ جەڭ قىلىشتىكى تۈپ نىشانى، مۇددىئاسى شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئازادلىق كۈرىشى يولىدىكى باتۇر ۋە قەيسەر روھى ئىپادىلەنگەن.

مىللىي ئارمىيە ئېيتقان ناخشىلارنىڭ تۈرلىرى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە «مىللىي قوشۇن بىز»، «خەلق ئەسكىرى»، «سالام رەھبىرىمىز» قاتارلىق ناخشىلار مارش تۇسىنى ئالغان بولۇپ، دائىم ئېيتىلغان.

ئومۇمەن، ھەربىي مارش بىر ئارمىيەنىڭ روھى قىياپىتى، جەڭگىۋارلىقىنى نامايان قىلىدىغان ۋە كۆتۈرىدىغان ھەم روھى ئوزۇق بېغىشلايدىغان مەنىۋى تايانچلاردىن ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا دۇنيادىكى بارلىق مۇنتىزىم ئارمىيەلەر ئۆز ھەربىي مارشلىرىنى ئىجاد قىلىشقا، ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسىمۇ دەل شۇنداق قىلغانىدى.

شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي مارشلىرىنىڭ مەشھۇرلىرىدىن بىر قىسمى تۆۋەندىكىچە بولۇپ، مۇزىكىسىنى كىم يازغانلىقى نامەلۇم بولسىمۇ، ئەمما بۇ مارشلارنىڭ تېكىستلىرىنى شائىر زەينىدىن سالىيوف يازغان دېگەن قاراش بار. ئەمما ئەينى ۋاقىتتا كۆپلىگەن ئۇيغۇر شائىرلىرى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇ خىزمەتكە قاتناشقانىدى.

خەلق ئەسكىرى

خەلقىمىز قوزغىلىپ ئىنقىلاب ئاچتى،

دۈشمەنگە غەزىپى قاينىدى تاشتى.

كۈرەشتە غالىبتۇر ئىنقىلابچىلار،

غەلىبە بىزلەرگە كەڭ قۇچاق ئاچتى.

قايتۇرما:

غەيرەتلىرى، ھىممەتلىرى،

بىرلىشىپ ماڭايلى خەلق ئەسكىرى.

دۈشمەننى قوغلايمىز سەددىچىنىگە،

شۇم ئىزى قالمىسۇن ئۇيغۇر يېرىدە.

ياشىسۇن! ياشنىسۇن ئازاد تۈركىستان!

ئاتلاندۇق ئەر-ئايال ئازادلىق ئۈچۈن.

قايتۇرما؛

ھاۋادا ئۇچقان ياۋروپا خەلقى،

ئوقۇماق دائىما ئۇلارنىڭ شەۋقى.

ئوقۇغان بولايلى، بىزلەر تەرەققىي،

قالمىدى دۈشمەننىڭ بىزلەردە ھەققى.

قايتۇرما؛

مىللىي قوشۇنمىز

گاڭدەك چېنىققان مىللىي قوشۇنمىز،

ئۈمىدى مەھكەم ۋەتەن ئوغلى بىز.

دۈشمەنگە قارشى قانلىق كۈرەشلەردە،

پولاتتەك كۆكرەك كېرىپ ئالغا باسىمىز.

كۈچلۈك قوللاردا تۇتتۇق قورالنى،

گاڭغا ئايلاندى مۇشتۇملىرىمىز.

بىزدە يېڭىلىش يوق، چوقۇم بولمايدۇ،

چۈنكى ئۆسمەكتە قوشۇنلىرىمىز.

يۈرۈڭلار بارايلى ئالدىنقى سەپكە،

ئاتاكا قىلايلى دۈشمەننى قوغلاپ.

ئېتىپ پىلىموت تاشلاپ گراناتا،

دۈشمەنگە بېرەيلى ئەجەللىك دەككە.

يۇقىرىقى مەزكۇر مارش شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ مەشھۇر مارشى بولۇپ، بۇنىڭدا مىللىي ئارمىيەنىڭ قەھرىمانلىقى، باتۇرلۇقى، پولاتتەك ئىرادىسى، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننى، ئانا ۋەتەننى باسقۇنچىلارنىڭ قولىدىن ئازاد قىلىپ، دۈشمەننى كەلگەن يېرىگە، يەنى « سەددى چىن» ئىچىگە قوغلىۋېتىشتەك تۈپ سىياسىي نىشانى ئەكىس ئەتكەن.ئەپسۇسكى، مىللىي ئارمىيەنىڭ جەڭگىۋار مارشلىرى ۋە ناخشىلىرى خاتىرىگە ئېلىش، ناخشا ئاھاڭلىرىنى نوتىغا ئېلىپ، يېڭى ئەۋلادلارغا قالدۇرۇش ئىشلىرى تۇتۇش قىلىنماي قالغاچقا نۇرغۇن ھەربىي ناخشىلار، مارشلار ئۆز ئاھاڭلىرى بويىچە يوقاپ كەتكەن.

تۆۋەندىكىسى: ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدا تەييارلانغان مىللىي ئارمىيە مارشى ھەققىدىكى پروگرامما بولۇپ، بۇنىڭدا مىللىي ئارمىيە كاپىتانى، مەرھۇم مەسىمجان زۇلپىقاروف مىللىي ئارمىيە مارشى ھەققىدە توختالغان شۇنىڭدەك بىر قانچە ناخشىلارنى ئېيتىپ بەرگەنىدى.


ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى