شەمسىددىن ئىلتۇتمۇش

ئورنى Wikipedia
شەمسىددىن ئىلتۇتمۇش
ۋەزىپىسى1211 - 1236 دېھلى تۈرك سۇلتانلىقى سۇلتانى
ئالدىنقىسىئارامشاھ
كېيىنكىسىرۇكنىددىن فىرۇز
مىللىتىتۈرك
ۋاپاتى1236 - يىلى ئاپرېل


شەمسىددىن ئىلتۇتمۇش (شمس الدين التتمش) ھ. 610 – 634 / م. 1211 – 1236 ئارىلىقى ھۆكۈم سۈرگەن ھىندىستان دېھلى سۇلتانلىقىنىڭ ھۆكۈمدارى. رازىيە سۇلتاننىڭ ئاتىسى.

غۇر سۇلتانى مۇئىززۇددىن مۇھەممەد غۇرى (ھ. 558 – 599 / م. 1162 – 1202 ئارىلىقى ھۆكۈم سۈرگەن) ئۆز ئېلىنىڭ ھاكىمىيىتىنى تۇتۇپ تۇرۇشتا سېتىۋالغان مەملۇكلەر (قۇللار) دىن پايدىلانغان بولۇپ، ئۇلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلەتتى ۋە ئۇلارنى غازات ۋە جىھادقا تەييارلايتتى، ئۇلارنىڭ ياراملىق ۋە تالانتلىقلىرىنى سەركەردىلىككە ۋە خاھلىغان مەنسەپكە ئۆستۈرەتتى. ئۇشبۇ مەملۇكلەر ئارىسىدىن قۇتبىددىن ئايبەگ دېگەن بىر كىشى تونۇلغان بولۇپ، سۇلتان مۇھەممەد غۇرى ئۇنى دېھلى ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى قىلغان ئىدى.[1]

تۈرك قۇتبىددىن ماھىر سەركەردە ۋە ئادىل ئەمەلدار بولۇپ، ئىسلامغا چىڭ ئېسىلاتتى، زۇلۇم ۋە زوراۋانلىقنى يامان كۆرەتتى، ھىندىستاندا ھۆكۈم سۈرگەن تەبىقىلەر تۈزۈمىنى ئۆچ كۆرەتتى. دېھلىدىكى ئېگىز مۇنارلىق، كاتتا بىر مەسجىد ئۇنىڭ مىراسى دەپ قارىلىدۇ. بۇ مەسجىد ھېلىھەممۇ بار بولۇپ، ھازىرغىچە «قۇتبى مۇنار» دەپ تونۇلىدۇ. مۇنارنىڭ ئېگىزلىكى 250 قەدەم (80 مېتىر) كېلىدۇ.[1]

سۇلتان مۇھەممەد غۇرى ئۇزۇن ياشىيالماي، ھ. 603 / م. 1206 – يىلى سۇيىقەستكە ئۇچرىدى. شۇنىڭ بىلەن دېھلى شەھرىنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشىغا شارائىت ھازىرلىنىپ، ھىندىستاندىكى مەملۇك سۇلتانلىرى دۆلىتىنىڭ پايتەختى دەپ جاكارلاندى. لېكىن، قۇتبىددىننىڭ تەلىيى ئوڭدىن كەلمەي، ھ. 608 / م. 1210 - يىلى ئېتىنىڭ ئۈستىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ ئۆلۈم بىلەن قۇچاقلاشتى. ئۇ ئورنىغا ئوغلى ئارامشاھنى قالدۇرغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئەلنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە بولۇشقا لاياقىتى توشمايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئارامشاھنىڭ دادىسىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن مەملۇكلىرىدىن بىرى بولغان ئىلتۇتمۇش باشقا ئەمىرلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇنى مەنسەپتىن قالدۇردى[1] ۋە ھ. 610 / م. 1211 - يىلى تەختكە ئولتۇردى.

ئىلتۇتمۇش ھىندىستان مەملۇكىيلەر دۆلىتىنىڭ ھەقىقىي قۇرغۇچىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئەسلىدە سۇلتان قۇتبىددىن ئايبەگ غەزنەدىن سېتىۋالغان بىر قۇل بولۇپ، ئۇنىڭ تالانتى ئۇنى چوڭ مەنس[1]ەپلەرگە ئۆرلەشكە نېسىپ قىلغانىدى. ئۇ خوجىسىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەچكە، خوجىسى ئۇنى مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ باشلىقى قىلغان ئىدى، ئاندىن ئۇنىڭغا ھىندىستاننىڭ بەزى ۋىلايەتلىرىنى باشقۇرۇشنى تاپشۇرغان ئىدى.[1]

سۇلتان شەمسىددىن ئىلتۇتمۇش دەۋرىدىكى دېھلى سۇلتانلىقى تېرىتورىيىسى

ئىلتۇتمۇش دۆلەتنىڭ تىزگىنىنى قولىغا ئېلىپلا، دۆلەتنى باشقۇرۇش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى نادىر تالانتىنى ئىشقا سېلىپ، ئادالەت بەرپا قىلدى ۋە مەزلۇملارنىڭ ھەقلىرىنى ئېلىپ بەردى. ئېيتىلىشىچە، ئۇ ئەلنى ئىدارە قىلىشتا ھەمكارلىشىش ئۈچۈن، «قىرىق» نامىدا مەملۇك ئەمىرلەرنىڭ چوڭلىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر مەجلىس قۇرغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇ ھەربىر مەزلۇمنى بوياقلىق كىيىم كىيىشكە بۇيرۇغان بولۇپ، ھىندىستانلىقلار ھەممىسى ئاق كىيىم كىيەتتى. ئۇ كىشىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا ياكى بىرەر توپ كىشىلەرنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە، بوياقلىق كىيىم كىيگەن بىرسىنى كۆرۈپ قالسا، ئۇنىڭ دەۋاسىغا قاراپ، زۇلۇم قىلغان كىشىدىن ئۇنىڭ ھەققىنى ئېلىپ بېرەتتى.

ئىلتۇتمۇش ئەتراپىدىكى ئەللەرنى ۋەيران قىلغان چىڭگىزخان باشچىلىقىدىكى موڭغۇللارنىڭ ھۇجۇمىغا زامانداش بولغان. لېكىن، موڭغۇللار ھىندىستاندىن تېزلا چېكىنگەن ۋە كۆزلىرىنى غەربكە قاراتقان. نەتىجىدە، ئىلتۇتمۇشنىڭ دۆلىتى خارابلىق ۋە ۋەيرانلىقتىن قۇتۇلۇپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ موڭغۇل ھۇجۇمى ئۇنىڭ شىمالدىكى دۈشمەنلىرىنى يوقىتىپ بەرگەن بولغاچقا، ئۇنى ئۆز دۆلىتىنىڭ چېگراسىنى كېڭەيتىش ۋە بۇرۇنقى خوجىسى قۇتبىددىن ئايبەگنىڭ شىمالىي ھىندىستاندىكى جىمى ئىگىلىكلىرىنى قولغا چۈشۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەن.[1]

ئۇنىڭ ئۇتۇقى يۈكسەك پەللىگە يېتىپ، ئابباسىيلار خەلىپىسى ئۇنىڭ ھىندىستان ھۆكۈمرانى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان ۋە ئۇنىڭ ئەلگە سۇلتان ئىكەنلىكىنى ماقۇللىغان. شۇنداقلا، ئابباسىيلار خەلىپىسى مۇستەنسىر بىللاھ ھ. 626 / م. 1229 – يىلى ئۇنىڭغا پۈتۈك، تون ۋە بايراقلارنى ئەۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھىندىستاندا بۇ مەنسەپنى تاپشۇرۇۋالغان تۇنجى سۇلتان بولغان ۋە ئابباسىيلار خەلىپىسىنىڭ ئىسمىنىڭ يېنىغا ئۆزىنىڭ ئىسمى ئويۇلغان كۈمۈش پۇل ياساشقا باشلىغان. بۇ پۇل ھىندىستاندا ياسالغان تولۇق ئەرەبچە خەتلىك تۇنجى كۈمۈش پۇل ھېسابلىنىدۇ.[1]




مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

  1. 1.0 1.1 1.2 1.3 1.4 1.5 1.6 ئەھمەد تەممام، ھىندىستاننىڭ ئايال سۇلتانى رازىيە، ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى، 26-11-2020 ئۇلىنىشى.