شەپقەت ھەمشىرىسى رىزۋانگۈل

ئورنى Wikipedia

شەپقەت ھەمشىرىسى رىزۋانگۈل

رىزۋانگۈل1926-يىلى ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ چىلەك يېزىسىدا تۇغۇلغان بولۇپ، كېيىن ئاتا-ئانىسى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەن ۋە ئۈرۈمچىدىكى ئىككى يىللىق بولغالتىرلارنى تەربىيىلەش بۇرۇسىدا ئوقۇغان. 1944-يىلى يازدا ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن، غۇلجىغا قايتىپ كېلىپ خىزمەتكە قاتناشقان.

ﻣﯩﻠﻠﻰ ﻗﻪھﺮﯨﻤﺎﻥ ، «ﺷﻪﭘﻘﻪﺕ ھﻪﻣﺸﯩﺮﯨﺴﻰ » دەپ تونۇلغان ﺭﯨﺰﯞﺍﻧﮕﯜﻝ 1925 - ﻳﯩﻠﻰ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﻤﺎﺋﺎﺗﺎ ﺋﻮﺑﻼﺳﺘﻰ ﭼﯩﻠﻪﻙ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﺪﺍ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ . ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﯩﻤﻰ ھﺎﺷﯩﻢ ﺋﺎﺧﻮﻥ ، ﺋﺎﭘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﻣﻪﺭﻳﻪﻣﺨﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﻳﯘﯓ ﺗﯩﺠﺎﺭﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ .

1932 - ﻳﯩﻠﻰ ﺭﯨﺰﯞﺍﻧﮕﯜﻝ 7 ﻳﺎﺵ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪھﯩﺮﯨﮕﻪ ( ﭘﯘﺷﻤﺎﻥ ﻣﻪھﻪﻟﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ) ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ . 1933 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1940 - ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪﺭﻕ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﯞﻩ ﺋﯜﻣﯜﺕ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ . 1940 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺑﻮﻏﺎﻟﺘﯩﺮﻟﯩﻖ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺳﯩﻨﯩﭙﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ .1943 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﯘﺭﯛﭖ ﻏﯘﻟﺠﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﭘﻮﭼﺘﺎ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﮕﻪ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﻘﺎﻥ ~'

ﺭﯨﺰﯞﺍﻧﮕﯜﻝ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﺋﯘ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭙﻼ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻥ ، ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﯩﻚ ، ﻛﻪﻣﺴﯚﺯ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺩﯨﮕﯩﻨﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﺧﻮﺭﻟﯘﻕ ﯞﻩ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻜﻪ ﭼﯩﺪﺍﭖ ﺗﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭ ﻗﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﺸﻜﻪﻥ . ﺋﯘ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﺋﯚﻛﺘﻪﻣﻠﻪﺭ ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﺑﯚﺯﻩﻙ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﻧﺎﺭﺳﯩﺪﻩ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻯ ﺋﻪﺭﮔﻪ ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺧﻮﺭﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﺋﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ھﯩﭻ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﻪﻧﻤﻪﻱ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ

ﺭﯨﺰﯞﺍﻧﮕﯘﻝ ﭘﻮﭼﺘﺎ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﺪﻩ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﻳﯘﺭﮔﻪﻥ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ 1944-يىلى غۇلجىدا شەرقىي تۈركىستان مىللى ئىنقىلابىي( گومىنداڭ ۋە جىوڭگۇ كومۇنىست پارتىيىىسى كېيىن ﺋﯜﭺ ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼبى دەپ ئاتىغان) باشلىنىدۇ. ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﭖ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﺎﻟﺘﯩﻨﭽﻰ ﻛﯘﻧﯩﻼ ﺭﯨﺰﯞﺍﻧﮕﯜﻝ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﺩﻭﺳﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺟﻪﯕﮕﻪ قاتنىشىدۇ . ﺋﯘ ﭘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺳﯧﭙﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﻗﯩﺴﯩﻤﻨﯩﯔ ﺷﻪﭘﻘﻪﺕ ھﻪﻣﺸﯩﺮﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﺟﻪﯕﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺴﺎ ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ھﻪﺭبىي ﻗﺎﺋﯩﺪ ﻩ ﯞﻩ ﻗﻮﺭﺍﻝ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ﻗﯧﺘﯩﺮﻗﯩﻨﯩﭗ ئۆگەنگەن. ﺋﯘ ﺩﺍﺋﯩﻢ : << ﺩﯗﺷﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺭﻙ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺟﻪﯓ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﯞﻩﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻼﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﺑﯩﺰ ﯞﻩﺗﻪﻥ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﻯ . ﻗﯩﺰﻻﺭﻣﯘ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﻗﻮﺭﺍﻝ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺳﻪﭘﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ >> ﺩﯦﺴﻪ ، ھﻪﻣﯩﺸﯩﺮﻩ ﻗﯩﺰﻻﺭﻏﺎ :<< ﻓﺎﺷﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﯘﺭﻩﺵ ﻗﻪھﺮﯨﻤﺎﻧﻰ ﺭﻭﺱ ﻗﯩﺰﻯ ﺯﻭﻳﺎﺩﻩﻙ ﺑﻮﻻﻳﻠﻰ >> ﺩﻩﻳﺘﻰ . ﺭﯨﺰﯞﺍﻧﮕﯘﻝ ﺟﻪﯓ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺟﺎﭘﺎ ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﻨﻰ ﻳﯧﯖﯩﭗ ،ﺋﯚﻟﯘﻣﮕﻪ ﭘﯩﺴﻪﻧﺖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ، ﻣﻮﻟﺪﯗﺭﺩﻩﻙ ﻳﯧﻐﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺩﯗﺷﻤﻪﻥ ﺋﻮﻗﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﻪھﺮﯨﻤﺎﻧﻼﺭﭼﻪ ﻳﯜﮔﯘﺭﯛﭖ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﻳﺎﺭﯨﺪﺍﺭ ﺟﻪﯕﭽﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺷﻪﭘﻘﻪﺕ يەتكۈزگەن. ﺋﯘ ﺟﻪﯕﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺟﺎﺳﺎﺭﯨﺘﻰ ﯞﻩ ﻳﺎﺭﯨﺪﺍﺭ ﺟﻪﯕﭽﯩﻠﻪﺭﮔ ﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯚﻳﯜﻣﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨر ﺟﻪﯕﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪﭘﻘﻪﺗﻠﯩﻚ ، مىھرىبان ھﻪﻣﺸﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ .

ﺭﯨﺰﯞﺍﻧﮕﯘﻝ 1945 - ﻳﯩﻠﻰ 13 - ﻳﺎﻧﯟﺍﺭﺩﺍ ھﻪﺭﻩﻣﺒﺎﻍ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﯩﺪﺩﻩﺗﻠﯩﻚ ﺟﻪﯕﺪﻩ ﯞﯨﮋﯨﻠﺪﺍﭖ ﺋﯘﭼﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻮﻗﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻳﺎﺭﯨﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﯘﭺ ﺟﻪﯕﭽﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﺭﻗﺎ - ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﺗﯧﯖﯩﭗ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﯟﯦﺘﯩﭗ ، ﺋﺎﺭﻗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺧﻪﯞﭘﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ ﺟﻪﯕﭽﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﻨﯩﻐﺎ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﺋﺎﺗﻘﺎﻥ ﺋﻪﺟﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋوﻕ ﺑﯩﺸﯩﻐﺎ ﺗﯩﮕﯩﭗ ﻗﻪھﯩﺮﯨﻤﺎﻧﻼﺭﭼﻪ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ بولغان . ﺋﯘ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﻪﻣﺪﯨﻼ 19 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ.

شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ كۈندىلىك ئورگان گېزىتى "ئازاد شەرقىي تۈركىستان" گېزىتىنىڭ 1945-يىلى 20-يانۋاردىكى سانىدا، قاسىمجان قەمبىرى "ئىناق" تەخەللۇسىدا "ھەمشىرەم" ناملىق شېئىرىنى رىزۋانگۈلگە ئاتاپ يازغان.

ھەمشىرەم

ئىناق

ئاسارەتتىن قۇتۇلۇشقا ئاتلانغان، ئوق، پىلىموت، بومبىلاردىن ساقلانغان، ۋەتىنىنى دۈشمەنلەردىن ساقلىغان، دائىم مېنىڭ مېھرىبانىم ھەمشىرەم.

ھەي رىزۋانگۈل قوڭغۇراقتەك ئاۋازىڭ، قىزىل گۈلنىڭ غۇنچىسىدەك جامالىڭ، تارىخىدا ئۇنتۇلمايدۇ ئەۋلاتنىڭ، قەھرىمانە كۈرەشچان قىز ھەمشىرەم.

ھەي كۆزلىرىم پەرياد قىلىپ يىغلىغىن، دۇشمەنلەردىن دوستلىرىڭنى ئىزغىغىن، دۈشمەن ئۆلۈپ دوست قالسۇن دەپ تىلىگىن، دوستلار ئۈچۈن مەن يىغلايمەن ھەمشىرەم.

سەبىر تىلەپ ئاتاڭ بىلەن ئاناڭغا، تارىخ ئۈچۈن يازاي ساڭغا مەرسىيە، تارىخىڭنى ھەر ۋاراقلاپ ئۆتكەندە، سەن كېلەرسەن كۆز ئالدىمغا ھەمشىرەم.

("ئازاد شەرقىي تۈركىستان" گېزىتى 1945-يىلى 20-يانۋار سانى)