غالجىرلىق كېسىلى

ئورنى Wikipedia
غالجىرلىق ۋىرۇسى بار ئىت

ئىتتىن ئادەمگە يۇقىدىغان ئەڭ قورقۇنچلۇق كېسەل غالجىرلىق كېسىلىدۇر(ئاددى خەنچە: 狂犬病، ئېنگىلىزچە: Rabies). بەزى ساغلام ئىتلارنىڭ شۆلگىيىدىمۇ غالجىر ۋىرۇسى بولۇپ، ئىت چىشلىۋالغان ھامان دەرھال 24 سائەت ئىچىدە غالجىر كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسىنى ئۇرغۇزۇش كېرەك. نۆۋەتتە غالجىر كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتىش مۇمكىن بولمىغاچقا، غالجىرلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسىنى ۋاقتىدا ئۇرغۇزۇش ئەڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلىدۇر.

بەزى ئىت باقىدىغان ئائىلىلەردىكى كىشىلەر ئىتقا ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئەملىتىش بىلەن بىللە، ئادەملەر ئۆزلىرىگىمۇ غالجىرلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسىنى ئەملىتىشى كېرەك. ئىت يەنە قاپلىق قۇرت كېسىلىنى تارقىتىدۇ. بۇ كېسەل بىر خىل پارازىت قۇرت كېسىلى بولۇپ، قاپلىق قۇرتنىڭ تۇخۇملىرى ئىتنىڭ گەندىسى ئارقىلىق سۇنى، تۇپراقنى بۇلغايدۇ. بۇلغانغان مۇھىتتا ئوتلىغان قويلارنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق جىگەر، مېڭە ۋە ئۆپكىسىگە ئورۇنلىشىپ پارازىتلىق ھايات كەچۈرىدۇ. ئادەملەر بۇنداق قويلارنىڭ گۆشى ۋە ئىچكى ئەزالىرىنى تولۇق پىشۇرماي ئىستېمال قىلغاندا، قاپلىق قۇرت تۇخۇملىرى ئادەملەرنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق ھەزىم قىلىش سىستېمىسى بىلەن قانغا ئۆتۈپ ئايلىنىپ كېلىپ، جىگەر، ئۆپكە ۋە مېڭىسىدە پارازىتلىق ھايات كەچۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ، ھەتتا ھاياتىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ.

ئىت يەنە كالا ئازار (病热黑)كېسىلىنى يۇقتۇرىدۇ. بۇ كېسەلمۇ داۋالاش قىيىن بولغان يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ بىرى.

غالجىرلىق ۋىرۇسى

قىسقىسى، ئىتنىڭ يۇڭلىرى ئارىسىدىكى پىت، بۈرگىلەرمۇ پارازىتلىق ھايات كۆچۈرىدىغان بولۇپ، پىت، بۈرگىنىڭ بەدىنىدە نۇرغۇن پارازىت قۇرتلار ۋە كېسەل مىكروبلىرى بار، بۇلار دەل كېسەل توشۇغۇچىلاردۇر.

مۈشۈكنىڭ تېنىدە پارازىتلىق ھايات كەچۈرىدىغان ياچاق شەكىللىك پارازىت قۇرت بولۇپ، ھامىلىدار ئاياللار مۈشۈك بىلەن ئۇچراشسا بۇ خىل قۇرت بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ خىل قۇرت ھامىلىدار ئايالنىڭ بەدىنىگە كىرىپ، ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ.

غالجىر مۈشۈك ئادەم چىشلىگەندە ئوخشاشلا غالجىرلىق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مۈشۈك بەدىنىدىمۇ ئوخشاشلا پىت، بۈرگىلەر پارازىتلىق ھايات كەچۈرىدۇ.