غالچەك

ئورنى Wikipedia

غالچەك غالچەك ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، غالچەككە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، بەدەننى قورۇش ۋە ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە نامى :غالچەك


چىقىش ئورنى : شەرقىي تۈركىستان

تەبىئىتى :قۇرۇق سوغۇق

تونۇش[تەھرىرلەش]

غالچەكغالچەك غالچەك ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، غالچەككە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 50 - 80 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ غولى تىك، يۇقىرى قىسمى تۆت قىرلىق، تۆۋەن قىسمى تۈۋرۈكسىمان بولۇپ، كۆپ شاخلىنىدۇ؛ يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسكەن، سېپى يوق دېيەرلىك، شەكلى تېمىنەسىمان، ئۇچى تەدرىجىي ئۇچلانغان، تۈۋى تەدرىجىي تارايغان؛ گۈلى يەككە ھالدا شاخ ئۇچىدىكى يوپۇرماق قولتۇقىدىن ئۆسكەن، رەڭگى قىزغۇچ سۆسۈن بولۇپ، توپلىشىپ باشاقسىمان گۈل رېتىنى ھاسىل قىلىدۇ؛ غوزا مېۋىسى سوقىچاقراق يۇمىلاق بولۇپ، پۈتۈنلەي گۈل كاسسىسىغا ئورۇلۇپ تۇرىدۇ. ئۇرۇقى كۆپ ۋە ئۇششاق بولىدۇ.

مۇندەرىجە[تەھرىرلەش]

  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
  • تونۇش
  • خۇسۇسىيىتى
  • دورىلىق قىسمى
  • تەبىئىتى
  • ئىشلىتىش مىقدارى
  • يىغىپ تەييارلاش ئۇسۇلى
  • ئۆسۈش ئورنى
  • رېتسىپلار
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

خۇسۇسىيىتى[تەھرىرلەش]

بەدەننى قورۇش ۋە ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

دورىلىق قىسمى[تەھرىرلەش]

غالچەك ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

تەبىئىتى[تەھرىرلەش]

قۇرۇق سوغۇق.

ئىشلىتىش مىقدارى[تەھرىرلەش]

ئەھۋالغا قاراپ 12 ~ 20 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ

دورىلىق قىسمى[تەھرىرلەش]

غالچەك ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

تەبىئىتى[تەھرىرلەش]

قۇرۇق سوغۇق.

ئىشلىتىش مىقدارى[تەھرىرلەش]

ئەھۋالغا قاراپ 12 ~ 20 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ

يىغىپ تەييارلاش ئۇسۇلى[تەھرىرلەش]

بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز ۋە كۈزدە يىغىۋېلىپ، يۇيۇپ، توغراپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

ئۆسۈش ئورنى[تەھرىرلەش]

شەرقىي تۈركىستان نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سۇ بويلىرى، يول بويلىرى ۋە نەم يەرلەردە ئۆسىدۇ.

رېتسىپلار[تەھرىرلەش]

15 ~ 20 گرام غالچەكنى 15 گرام قارا چاي بىلەن بىللە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، باكتېرىيەلىك تولغاق ۋە ئىچ سۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. 20 گرام غالچەكنى 12 گرام زاراڭزا چېچىكى بىلەن بىللە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قان توسۇلۇپ قېلىش ۋە ھەيز كەلمەسلىككە مەنپەئەت قىلىدۇ.

مۇۋاپىق مىقداردىكى غالچەكنى دەملەپ ئىچىپ بەرسە، ئىچ سۈرۈش ۋە سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ.